«دىۋانە» مۇ «سائىل » مۇ ۋە ياكى تىرىكتاپ
«سەدىقى بالانى يەر، تۆۋە گۇناھنى ،ئۇلۇغ چارشەنبە كۈنى مۇشۇ باش كۆزىڭىزنىڭ سادىقى بۇلار چىرايلىق بالام، مۇشۇ يىتىلىگەن بالىڭىزنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ...............ئاۋمىن! مەندىن يانمىسا ياراتقان ئىگەمدىن يانار بالام ئاۋمىن !!!» خۇددى كۆزۈمگە تىقىۋىتىدىغاندەك بەشلىك ئارادەك قوللىرنى سوزۇپ كەلگەن 50-55ياشلار چامىىدىكى بۇ بىچارە مويسىپىتنىڭ دىيىشىچە «ئۆزى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىن بولۇپ، يىتىپ كەتكەن ئوغلىنى ئىزدەش باھانىسى بىلەن بىزنىڭ ناھىيىگە كىلىپ قېلىپ ئاچ يالىڭىاچلىقتا قالغان» بولمىش بۇ مويسىوىتتىن « نىمىشقا ئۆزىڭىزنى بۇنداق خار قىلىسىز؟ باللىرىڭىز يوقمىدى؟ بىرەر يەردە ئىشلىسىڭىز بولماسمىدى؟...........» دەپ سوراپ قويغىنىم ئۈچۈن بالامنىڭ تۇرقىنى مىسال قىلىپ دىگەن سۆزلىرگە ئىرىپ كەتتىممۇ بىلمىدىم قاراپ تۇرۇپ مەردلەرچە (يىگىرمە)20.00يۈەن خەلىق پۇلى سەدىقە بىرىۋەتتىم. يۇ تۇرۇپلا ئاچچىقىم كەپ قالدى (قارىسام بۇ ئادەم كوچىدا كىم بىرەر قىزچاق بىلەن كىتىپ بارغان ،بالا يىتىلىۋالغانلارنىڭ ئالدىغا بارىدىكەن ، سالتاڭ يىگىت -قىزلارغا قاراپمۇ قويمايدىكەن ئەمەسمۇ.......بەلكىم پۇلغا قورسۇقۇم ئاغرىدىمۇ بىلمىدىم
) چۈنكى ئۇۇن يىلاردىن بۇيانقى ئادىتىمنى بۇزۇپ تەن دۇرۇس بىر ئادەمگە زىيان سالدىمغۇ مەن دىگىنىمچە بۇرۇن ئۈزۈمگە ئادەت قىلغان (ئايال دىۋانىلەرگە ،مېيىپ قىرى دىۋانىلەرگە سادىقە بىرەتتىم) ئادىتىمنى بۇزىۋەتتىم
بۇرۇنلاردا بۇنداق كىشىلەر ئىشىك ئالدىغا كىلىپ ئازراق پارچە پۇرات نانلا، كىيىم كېچەك... لەرنى تىلەيتى بىز ئۇلارنى دىۋانە دەيتۇق، ئەل -مەھەللىدە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىگە -چاقىسىز قېلىپ يالغۇز قالغان كىشىلەرنى قۇلۇم-قوشنىلار «بىچارە» دەپ كۈندە ئاش-تاماق تۇشۇپ ئۇلارغا قارايتى ، ھىچكىم ئۇلاردىن قاچمايتى.
ئەمدىلىكتە ئىچكىرى گە ئاتا-ئانىسىنىڭ بەرگەن ئاش تۇزى مەيدىسىگە تىپىپ ناتوغرا يوللار بىلەن جان باقالماي پۇت-قوللىرىدىن ئايرىلىپ، مىيىپ بولغان تۈرلۈك جارھەتلىرىنى كۆرسىتىپ كىشىلەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك نالە قىلىۋاتقان، بىر ھەپتە يەتتە كۈننىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىغا «ئۇلۇغ» نى قېتىۋېلىپ، يۈزىنى چۈمكەپ تۇرۇپ (ئەمىليەتتە باشقىلارنىڭ تۇنۇپ قېلىشىدىن نۇمۇس قىلىدىيۇ ،تىلەمچىلىكتىن نۇمۇس قىلمايدۇ) ئەسلىدىنلا «بىچارە، مىسكىن» لەرنىڭ كەسپى بولمىش بۇ «تىلەمچى» لىكنى «كەسىپ» قىلىۋالغان كوچىلاردىكى (ئاز بىر قىسىم) ........لەرنى زادى نىمە دەپ ئاتىساق بۇلار؟؟؟ تەن دۇرۇس ئادەملەر بولغاندىن كىيىن ئىشلەپ جېنىنى باقسا بولمامدىغاندۇ؟؟؟ ئەلبەتتە كىمنىڭمۇ شۇنداق كوچىلاردا «تىلەمچى» لىك قىلغۇسى بار دەيسىز، شۇلارمۇ بەلكىم ئامالسىزلىقتىن شۇنداق قىلىدىغاندۇ .ئەمما ھەممىسى شۇنداقمۇ؟