پىشىپ يىتىلىش ئەزەلدىن باشلىنىشتىن ئاغرىنغان ئەمەس
بىر قېتىملىق زىياپەتتە ئۇنى ئۇچراتقان ئىدىم.ئۇ ئولتۇرغاندىن تارتىپ توختىماي ئاغرىنىشقا باشلىدى.شىركەتنى ياخشى ئەمەس،بىر ئاي جان تىكىپ ئىشلىسە،بىرىدىغان مائاشنىڭ تايىنى يوق دەپ ئاغرىندى.باشلىق كىم خوشامەت قىلسا شۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ،دەپ ئاغرىندى.خىزمەتداشلىرىنى ئاقكۆڭۈل ئەمەس دەپ ئاغرىندى....ئۇ ئاخىرى ئاغرىنىشتىن توختىغاندا،مەن ئېھتىياجلىق بىلەن خىزمەتتىن شۇنداق نارازى بولسىڭىز،نىمىشقا باشقا ئىش قىلىپ باقمايسىز؟ دەپ سورىدىم.ئۇ تۇرۇپلا قىلىپ ،غەلىتە بىر نەزەردە ماڭا قاراپ، <<باشقا ئىش؟ھازىر ئىقتىساد مۇشۇنداق ناچار تۇرسا،يەنە نىمە ئىش قىلىمەن؟>>دىدى.بۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ خىزمەتتە ئەزەلدىن تىرىشمايدىغانلىغىنى بىلدىم.
زىياپەتتىن كىيىن ئۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن خوشلاشقان ھەم ماڭا تېلىفۇن نۇمۇرنى قالدۇرغان بولسىمۇ،بىراق مەن ئۇنى زادىلا ئىزدىمىدىم.ماڭا نىسبەتەن ئېىيتقاندا،تەغدىردىن ئاغرىنىپ يۈرىيدىغان ئادەم بىرىش-كىلىش قىلىشقا ئەرزىمەيتى.ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خىزمىتىتىنىڭ كۆڭۈلسىز تەرەپلىرى بولىشىمۇ مومكىن.بىراقبۇ دۇنيادا نەدىمۇ مۇكەممەل خىزمەت بولسۇن.يۇقىرى مائاش ئېلىش ئۈچۈن يۇقىرى كۈچلۈكتىكى خىزمەتلەرنى قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.باش كۆتىرىپ چىقىش ئۈچۈن،ئەتراپتىكى خىرسقا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.سىز ھەر قانچە توغرا ئىش قىلغان ھالەتتىمۇ،بەزى غەلىتە ئەيىپلەشلەرگە ئۇچىرشىڭىز مومكىن....كىشلىك تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە يۈزلىنىشتە ئىمكانقەدەر ئۆزىدىكى ئۆزگەرتىدىغان جايلارنى ئۆزگەرتىش كىرەك.ئادەمنىڭ ئىقتىدارى يەتمەيدىغان قىسىمنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
كىشلىك ھايات سەپەرگە ئوخشايدۇ.خۇددى پىشىپ-يىتىلىش سەپىرگە ئوخشايدۇ.
مەن ئىشىنمەنكى ھەقىقى پىشىپ-يىتىلىش ئەزەلدىن باشلىنىشتىن ئاغرىنمايدۇ.