كۆرۈش: 4216|ئىنكاس: 3

بىلىۋېلىڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
116
تۆھپە
79
UID
9320
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 18:40:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر: ئەڭ ياخشى گۆش غاز ۋە ئۆدەك گۆشى بولۇپ،ئۇلارنىڭ ياغ مىقدارى كالا،قوي گۆشىدىن ئاز بولسىمۇ،لېكىن خىمىيىلىك قۇرۇلمىسى زەيتۇن يېغىغا يېقىنلىشىدۇ،يۈرەككە پايدىلىق.
ئەڭ ياخشى مېڭە ئاسراش يېمەكلىكى پالەك،كۈدە،كاۋا،پىياز،كۆك پۇرچاق،شوخلا،سەۋزە،سامساق،كەرەپشە،ياڭاق،قارىغاي مېغىزى،ئۆرۈك مېغىزى،سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلار.
ئەڭ ياخشى يېمەكلىك يېغى ئۈسۈملۈك يېغى بولۇپ،ھايۋانات يېغىدىن ياخشىراق.قوناق يېغى،كۈجۈت يېغى،قىچا يېغى بەدەنگە پايدىلىق.
  ئېھتىيات قىلىڭ:قوي گۆشى بىلەن قارا ئۆرۈكنى،كالا گۆشى بىلەن زەنجىۋىلنى،ئات گۆشى بىلەن مورنى،تۆگە گۆشى بىلەن ئۈزۈمنى،توشقان گۆشى بىلەن يازلىق يېسىۋېلەكنى،غۇل پىياز بىلەن ھەسەلنى ئارلاشتۇرۇپ يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
پىسخىكا،ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى ئارقىلىق ئاچچىقنى بېسىشنىڭ ئون تۈرلۈك ئۇسۇلى:
1.ئۆزىنى قاچۇرۇش.پىرىنسىپسىز مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزىتىش بېرىشتىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىڭ.سىزنى خاپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانئىشلاردىن يىراق تۇرسىڭىز،باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە خاپا بولۇشۇپ قالمايسىز.
2.بۇراش.دىققەت-ئېتىبارىڭىزنى بۇراپ كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلىدىغان،ئۆزىڭىز ياقتۇرۇدىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز ئاچچىقىڭىز يېنىپ قالىدۇ.
3.چەكلەش.كۆڭۈلسىز خىياللارنى مەقسەتلىك ھالدا چەكلەڭ،ئۆزىنى ئۆزى تەقىد قىلىش،ئىرادە ئارقىلىق ھېسىياتنى تىزگىنلەڭ.
4.ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش.يېقىن دوستنى تېپىپ،دەردىڭىزنى تۈكۈڭ،شۇنداق قىلسىڭىز روھىي جەھەتتىكى يۈكتىن يەڭگىللەپ،كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىدۇ.
5.يۆتكەش.مەلۇم بىرسىگە بولغان بىزارلىق،غەزەپلىنىش كەيپىياتىنى باشقا بىر ئوبيېكىقا يۆتكەپ،ئاچچىقىڭىزنىچىقىرىڭ.
6.ئىنكار قىلىش.ئۈمۈتۋار بولۇپ،ئۆزىڭىزدە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بارلىقىنى ئىنكار قىلىڭ.
7.يول قۇيۇش.قارشى تەرەپ كۆڭۈلىڭىزنى ئاغرىتسا،تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرماي،ئاقىلانىلىك بىلەن يول قۇيسىڭىز ئازارلىشىشتىن ساقلىنالايسىز ھەمدە تەربىيە كۆرگەنلىگىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز.
8.تەسەۋۋۇر قىلىش.ئاۋۋال كۆز ئالدىڭىزدىكى ئوسۇل ھالەتكە تەن بېرىڭ،ئاندىن ئۇ ئىشنى ھازىرقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئوسۇل ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىڭ.
9.ئورنىغا دەسسىتىش.ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا ياكى كەسىپكە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ،يولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىڭ.
10.ئۆزىنى ئاقلاش.بىرەر باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىپ،كەيپىياتىڭىز ۋە قىلمىشىڭىزنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 12:23:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە  ياخشىكەن  بىلىۋالدىم بۇنىمۇ.....


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
792
تۆھپە
312
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 13:34:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا بىلىۋىلىشكە ئەرزىيكەن بىلىۋالدىم  


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1820
تۆھپە
1111
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 19:12:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىكەنغۇ ... مەن بەكلە ياخشى كۆرۇدۇم...... رەھمەت سىزگە~!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 10:56, Processed in 0.079941 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991