كۆرۈش: 11645|ئىنكاس: 22

تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە بىر تەكلىپ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 16:31:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەرزىمەس تەكلىپىمنىڭ تەستىقلىنىش-تەستىقلانماسلىقىنى بىلمەيمەن، شۇنداقتىمۇ ئاددىيلا دەپ باقسام!
مەتبۇئاتىمىزدا گېزىت-ژۇرنال ئەنئەنىۋى مەتبۇئات سانالغان بولسا، كۈنىمىزدە ئىنتېرنېت مەتبۇئاتىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە خېلى يىللار بولۇپ قالدى. بۈگۈن بۇ مۇنبەرنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم، ئىشىنىمەنكى، بۇ مۇنبەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى نوپۇزى ئەڭ يۇقىرى مۇنبەر بولۇپ قالغۇسى. شۇڭا، مۇنبەر قازى-قۇززاتلىرىگە گىدىككىنە بىر تەكلىب: ئىملاسى بۇزۇق تېما-ئىنكاسلار تەستىقلانمىسا، گەرچە بۇ ئىملا ئادەتتىكى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئۇ كىچىك ئىش ئەمەس! ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىدە قوش فورماتلىق گېزىتنىڭ بىر بېتىدە 5 ئىملا خاتالىقى كۆرۈلسە، لاياقەتلىك سانىلىدۇ، ئەمما ئىنتېرنېت ئىملاسى ھەققىدە بەلگىلىمە بارلىقىنى ئاڭلىمىدىم، شۇڭا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بۇ مۇنبەر ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولسا!

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
171
تۆھپە
68
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 16:51:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ تېمىنىڭ مۇھىملىقىنى مەنمۇ ھېس قىلىۋاتىمەن. بىراق تېما ئىگىسىنىڭ بايانىدىلا ئىملا خاتالىقى باركەن. مۇشۇ مۇنبەردىكى ئىملا مەسىلىسىدە ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق، يەنە كېلىپ بۇ مۇنبەر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مۇنبەر، شۇڭا ھەربىر سۆزنى -جۈملىلەرنى قاتتىق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يازساق.تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىمۇ بۇنىڭغا كۈچىشى كېرەك ئەلۋەتتە...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 16:52:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوقۇق دەستىكى تەستىققا شىلتىلگىنىگە كۆپ تەشەككۈر!
مەن ئۆزۈم ئۆگىنىۋاتقان تەرجىمان، بۇ مۇنبەرگە مەن تەرجىمە قىلىۋاتقان «چىن ئىمپېرىيەسى» نى يوللىماقچى، مېنىڭچە ئالتە بۆلۈم، ئون بىر توملۇق روماننىڭ 5-بۆلۈمىنىڭ بىرىنچى قىسىمىنى يوللىسام، نەشرىيات نەشر ھوقۇقى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەس، مەقسىتىم ئۇستازلاردىن پىكىر ئېلىش، رومان 2012-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نەشردىن چىقىشى مۇمكىن، نۇرغۇن خاتا كەتكەن جايلىرىغا قىزىققۇچىلار ئوقۇپ پىكىر بەرسە، دېگەن ئۈمىدتتەمەن!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2698
تۆھپە
1476
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 16:53:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر!  تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەسىر دائىرىسى يۇقىرى مۇنبەر بولۇپ چىقىشىغا ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1953
تۆھپە
558
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 16:56:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇنلۇق تەكلىپ.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1432
تۆھپە
737
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 17:21:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئورۇنلۇق تەكلىپ بوپتۇ. مەن، جۈملىدىن تەڭرىتاغ  ئۇيغۇر تورىدىكى بارلىق مۇھەررىرلەر سىزنىڭ بۇ تەكلىپنى سۇنغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۇق. سىز، بىز شۇنداقلا ھەممەيلەن مۇشۇنداق تىرىشساقلا ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشالايمىز.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2097
تۆھپە
1554
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 17:44:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ياخشى تەكلىپ ئاغرىتماس قامچا، بۇنى ھەممەيلەن قوبۇل قىلىدۇ


Rank: 4

تىللا
293
تۆھپە
93
UID
348
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 18:43:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپ بوپتۇ،،  ئىملا خاتالىغى ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس ...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كارۋانىم
تىللا
3026
تۆھپە
871
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 21:18:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئىملاغا دېققەت قىلىمىز...


سۇلايمان،ياخشىلىق،ئىزدىنىمەن....تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى كارۋانىم!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2260
تۆھپە
891
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 05:50:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېقىرمۇ بىر كىشىلىك ئاۋاز قوشاي. كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشساق، بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقىمىز ھەرگىزمۇ بىكار كەتمەيدۇ. ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى. مەنمۇ بۇ ئىشتا كۆپ چولتا.ئويلاپ باقسام مۇشۇ مۇنبەرگە ئۇيغۇرچە خەت يازغاندىن باشقا بىرەر يەرگە تۆت قۇر ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ باقمىغىلىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. بۇ جەھەتتە ئىملاسى توغرا بولغان بىرەر ئۇستاز تېپىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ بىرەر ئىملا خاتالىقىمنى بايقىساڭلار، تەنقىد بىرىڭلار. مەن قارشى ئالىمەن. كىم مېنىڭ ئىملا خاتالىقىمنى، يەنى دائىم تەكرارلىنىپ قالىدىغان ئىملادىكى خاتالىقىمنى بايقىسا، مۇكاپاتلايمەن. گېپىم گەپ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 23:04, Processed in 0.084976 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991