مىكرو پاراڭلار(5)

▲ئاممىۋى بىلەن ئاغۋات دېگەننىڭ پەرقى بەك چوڭ. ئاغۋات دېگىنى ھەرەم ئاغىسى دېگەن شۇ. ئاغۋات زىيالىي دېگىنى ئەرلىكىنى كەستۈرۈپ ئوردىدا مۇلازىملىق قىلىدىغان ئەركەكلەرگە ئوخشاش زىيالىيلار شۇ، ئۇنداقلار ئاۋام-پۇقرا ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلىمايدۇ، خان-غوجاملارغا قەسىدە-مەدھىيە ئوقۇيدىغان بولسا ئۇلارنىڭ ماھارىتى ۋە روھىقا قاراپ، ھۆكۈمدارلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي، ئۆزلىرىنى تونۇيالماي قېلىشىدۇ. ئاغۋات زىيالىي دېگەن ئاتاق ئاممىۋى زىيالى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھاقارەتتۇر.37
▲ئەقىدىسىز ئادەملەر قانداق بولىدۇ؟ ئۇلاردا پىداكارلىق، دوستلۇق ۋە مۇھەببەت بولمايدۇ؛ رەھىمسىز، ياۋۇز، رەزىل، نەپسانىيەتچى، ھاياسىز، نومۇسسىز، خىيانەتكار بولىدۇ؛ نام-ئاتاق ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىدۇ؛ مال-دۇنيانى دەپ، قېرىندىشىغا، كىشىلەرنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىدۇ؛ ئۆكتەم، مۇتتەھەم، زالىم، رەھىمسىز بولىدۇ؛ بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدۇ، يالغانچى، مۇناپىق، تۇزكور، كۆڭلى قارا بولىدۇ؛ شەخسىيەتچى، گۇمانخور، ساتقىن-مۇناپىق بولىدۇ.38
▲نورۇز-شادلىق بايرىمى، ئۆملۈك-ئىناقلىق، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق، ئامانلىق ۋە ئەمگەك بايرىمى بولغاچقا، ئۇ خەلقىمىز ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بېرى ئۆزىنىڭ خاسىيىتىنى يوقاتماي، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە ئارزۇلىنىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلدى.39
▲تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش بىزنىڭ مەيلىمىز ئەمەس. ئەمما، ياشاش، ياشىغاندىمۇ قانداق ياشاش بىزگە باغلىق، ھاياتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئازابى، لەززىتى ۋە ھەسرىتى بار، ئازاب بىلەن خۇشاللىق ھامان قوشكېزەك.40
▲دۇنيا-بىر باغ، باغۋىنى-ئىنسان،
ھايات-بىر يول، كارۋىنى-ئىنسان.
دۇنيا-تىلسىم، ئاچقۇچى-ئىنسان،
تەبىئەت-كۆز، قارچۇقى-ئىنسان.41
▲ئىنسان-قۇياش، سۆيۈلەر ئالەم،
ئىنسان-باھار، كۆكۈرەر دۇنيا.
ئىنسان-غېرىپ، دۇنيا-بىر سەنەم،
ئىنسان ئېيتار، ھايات، ئۇ-ناخشا.42
▲چەكسىز دۇنيا، ئىنسان-ھەقىقەت،
ھايات-دەريا، ئىنسان-بىر كېمە.
ياشاش-سەنئەت، ئىنسان-پەزىلەت،
دۇنيا-بىر باغ، ئىنسان، ئۇ-مېۋە.43
▲خرۇششېف غەرب دۆلەتلىرىدىن بىرىنىڭ رەھبىرىنى كۈتىۋېلىشقا ئايرودرومغا چىققاندا تارتىلغان فوتو سۈرەتنى گېزىتتە ئېلان قىلىدىغان چاغدا، مۇناسىۋەتلىك خادىملار «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت رەھبىرى غەربلىكلەرگە قالپىقىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ تەزىم قىلغىنى نېمىسى؟» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سىياسىي ئابرۇينى نەزەردە تۇتۇپ، سۈرەت تەييارلىغۇچى خادىم خرۇششېفنىڭ بېشىغا بىر قالپاقنى سىزىپ قويۇپتۇ. شۇ سۈرەت ئەتىسى گېزىتكە چىققاندا، ئۇنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپ قاپتۇ. قارىسا، خرۇششېفنىڭ بېشىدا بىر قالپاق، قولىدىمۇ بىر قالپاق تۇرغان!44
▲بىر خادىم ئىدارىسىدىكى بەزىلەرنىڭ خىيانەت بىلەن، بەزى ئادەملەرنىڭ پارە بېرىش-ئېلىش بىلەن چېرىكلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىدارە باشلىقىغا پاش قىلىپ خەت يازغان ئىكەن، ئىدارە باشلىقى ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ مۇنداق دەپتۇ: «تىل-يېزىق ساۋاتىڭىز تولىمۇ تۆۋەن ئىكەن. ئوبدان ئۆگىنىڭ. بۇنداق گەپ-سۆزلىرى باغلاشمىغان، پەش-چېكىتلىرى جايىغا قويۇلمىغان بىر نېمىلەرنى يېزىپ، رەھبەرلەرنىڭ ۋاقتىنى ھارام قىلماڭ. مانا قاراڭ، مانا بۇ ئۈچ ۋاراق خېتىڭىزدە بەش-ئالتە يەردە گەپ باغلاشماپتۇ، ئىملا توغرا ئەمەس، تىنىش بەلگىلىرىمۇ جايىغا قويۇلمىغان.»45
ئابلاجان تۇردىنىڭ مىكرو بلوگىدىن ئېلىندى
http://barmu.cn/index.php?m=blog&uid=22