تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 35|ئىنكاس: 1

ئىشچى (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
49
تۆھپە
29
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىشچى   
  
مەخمۇت ئاۋۇت

(مۇزاتى)


  

  
   
مېھنەتكەش چۈمۈلە مىسالى ئىشچى،   
مۈشكۈلنى يېڭىشنىڭ مادارى ئىشچى،   
يۇرتنى گۈل قىلىشنىڭ كامالى ئىشچى،

ئەجىرنىڭ،ئەمگەكنىڭ سەردارى ئىشچى.  

  

   

تالاي كۆپ شائىرلار يازدى«ئانا»دەپ،

كۈيلىسەك باغۋەننى ئازدۇر يانا دەپ،

تەرىپلەپ ېھقاننى خىزىر-دانا دەپ،   
ئۇنتۇدى سوراشنى نە ھالى ئىشچى.   

«خىش»تۇرسەن ئىمارەت تۇرىدۇ ھەيۋەت،
ئېھتىمال ساڭىمۇ كەپ قالدى نۆۋەت،

كىرىشتىم يېزىشقا بىرئاز پايلىۋەت،

ئىش-ئەمگەك سۆيۈشنىڭ خۇمارى ئىشچى.  


  

گۆدەكتىڭ تاۋلاندىڭ ئەمگەكتە،ئىشتا،

يېتىلدى ئىرادەڭ تومۇزدا -قىشتا،  
ئاتالدىڭ زەربىدار  ھامان ھەر ئىشتا،  
رىقابەت، چېلىشنىڭ تۇلپارى ئىشچى.

  

تۆكتۈڭ تەر ئۈن-تۈنسىز يېڭىڭنى تۈرۈپ،  
ئايدىڭدۇر نىشانەڭ يىراقنى كۆرۈپ،   
قاتتى ياش يېشىڭغا ئاي -يىلنى ئۆرۈپ،

ئوت يۈرەك نەۋ قىران، يۇرت ئارى ئىشچى.  

   

قاچمىدىڭ مۈشكۈلدىن ماڭدىڭ ئالدىدا،

ئوقياسەن چىقسا ئىش تۇرماس دالدىدا،  
كېلىدۇ ھەر دىلدىن «ئىشچان»دەپ نىدا،   
بەرھەقتۇر مېھنەتكەش ئەل يارى ئىشچى.

   

ئۆتتى شۇ ھاياتىڭ زاۋۇتتا، كاندا ،   
قىپ ئەجىر بىر ئۆمۈر ئەشۇ ماكاندا،

ئۇنتۇلماس بار تۆھپەڭ ئادىل زاماندا،   
چىۋەر قول تېخنىكا ماھىرى ئىشچى.   


  

يۈرىسەن سەپەردە ئالدىڭغا قاراپ،

قالالماس سېنى ھېچ دولقۇنلار توراپ،

ئەجرىڭدە يۇرت-ئەلنى گۈللەرگە ئوراپ،   
مۇھىتنى تۈزەشنىڭ تۇمارى ئىشچى.   


  

بىل«ئەمگەك قانۇنى»مەدەتكار ساڭا،   
قىپ دائىم تىل تۇمار يۆلەنگىن ئاڭا،   
ئۇ بىلەن قوغدىلار ھوقۇقۇڭ شۇڭا،

بەھوزۇر يۈر ئاۋام دىلدارى ئىشچى.

  
   

خەلقىمنىڭ سىماسى سەندە مۇجەسسەم،

خىسلىتىڭ ئەجرىڭدە ئايان بولۇر ھەم،

جىسمىڭنى ئەرزىيدۇ بىر شەمشاد دېسەم،

قامىتىڭ گىگانىت مىسالى ئىشچى .



  

دەپ«ئەمگگك ئىلغارى» نامىڭ بار سېنىڭ،
شۇڭىمۇ ئاشىدۇ  ھۆرمىتىم مېنىڭ،

ئىش-ئەمگگك ئالدىدا تىرىلەر جېنىڭ،   
ھۆرمەتنىڭ تاجىسى، سەردارى ئىشچى.

  

چۈشەنگەچ ئىشچىنى يازىمەن ھامان،  
ئاڭلاشقا«ئىشچى»دەپ نامى سەل«يامان»،   
ئەمما مەن ھۆرمەتتە تىلەيمەن ئامان،  
ئەل-يۇرتنى گۈللەشنىڭ مادارى ئىشچى.

  

سېنى دەپ تەۋرەيدۇ قىپ قەلەم بايان،  
مېھنىتىڭ، ئەجىرىڭ بەش قولدەك ئايان،   
ھارمىغىن ئەبەدىي ئېشىپ تاغ-داۋان،

پارلاقتۇر شۇ سەۋەپ ئىقبالى ئىشچى .  

يېڭى بىر سەپەرگە ئات سالدۇق مانا،   
رىقابەت، خىرىسلار ئالدىڭدا يەنا،   
تۆھپەڭدىن ئۆزۈڭگە قويما تەمەننا،   
ئەجىردىن نۇسرەتلەر تاپقۇسى ئىشچى!   


  
شېئىرىنىڭ ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)



Rank: 6Rank: 6

تىللا
681
تۆھپە
425
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:26, Processed in 0.070383 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991