ئالوي يۇتقۇنچاق-كېكردەك ياللۇغۇمغا شىپاھ بولدى
مەندە يۇتقۇنچاق-كېكردەك ياللۇغى بار، ئۇزاق بولدى ھېچ بىر ئارام بەرمىگىلى. كېكىردىكىم قىچىشىدۇ، يۆتىلىمەن ئىشقىلىپ ئازابىنى ئۆزۈملا بىلىمەن. بولۇپمۇ كېچىسى ئۇخلىغان چاغدا بەك بىئارام بولىمەن. دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كىچىككىنە بىر ئاددى رېتسىپ ئارقىلىق كېسىلىمنى داۋالاپ ساقايتىۋالدىم، ھېچقانداق چىقىممۇ كەتمىدى.
رېتسىپ تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئالوي( سەبرە ) يوپۇرمىقىدىن2~3 پارچە ئېلىپ(چوڭــراق بولسا 2پارچە، كىچىك بولسا 3 پارچە كۇپايە)، ئۇنى سۇ بىلەن پاكىز يۇيغاندىن كېيىن ئۇششاق توغراپ قازانغا سالىمىز. ئاندىن قازانغا سۇ(1~2پىيالە) ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات (1تال ياڭاق چوڭلىقىدا، يەنى قازانغا قۇيغان سۇغا تاتلىقى چىقسا كۇپايە)سېلىپ 10 مىنۇت قاينىتىپ، قالدۇق سۇيۇقلۇقنى داكىدىن ئۆتكۈزۈپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىمىز. تەييارلانغان قاينىتىلمىنى ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىچىمىز.
يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە، بەدەن ئەھۋالىڭىــزغا قاراپ كۈندە1~2 ۋاق ئىچىسىز. ئىككى كۈندە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.5~7كۈندە ئاساسەن ساقىيىپ كېتىسىز.
(ساقلىق ساقلاش ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)