- تىللا
- 29
- تۆھپە
- 10
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
- جۇغلانما
- 59
- ھوقۇقى
- 10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-14
- تىزىملاتقان
- 2012-2-8
- UID
- 5354

- تىللا
- 29
- تۆھپە
- 10
- UID
- 5354
| ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۇلكى ۋە شەخسى مۇلكى نىكاھ ماجرالىردا دائىم دىگۇدەك ئورتاق مۇلۇك ۋە شەخسى مۇلۇك ھەققىدەتالاش تارتىش بۇلۇپ تۇرىدۇ.ئۇنداقتا قايسى مۇلۇك ئورتاق مۇلۇك قايسى مۇلۇك شەخسى مۇلۇك بۇلىدۇ.ئالاقىدار قانۇن ۋە ئەدىليلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسلانغاندا ئەر ئايالنىڭ نىكاھ مۇناسىۋتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى تۆۋەندىكى مۇلۇكلەر ئورتاق مۇلۇك بۇلىدۇ.يەنى :1.مائاش ،مۇكاپات پۇلى 2.ئىشلەپچىقىرىش تاپاۋەت تاپاۋىتى .3.بىلىم مۇلۇك ھۇقۇق تاپاۋىتى .4.ۋارىسلىق ياكى ھەدىيە ئارقىلىق ئىككى تەرەپكە بىرىلگەن مۇلۇك .5. تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فۇندى ،پاي چىكى . تۆۋەندىكى مال مۇلۇكلەر ئەر ئايالنىڭ شەخسى مۇلكى بۇلىدۇ.1. بىر تەرەپنىڭ نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى مۇلكى .2.بىر تەرەپ جىسمانى زىيانغا ئۇچراپ ئىرىشكەن داۋالىنىشى پۇلى .3.ۋەسىيەت ياكى ھەدىيە ئارقىلىق بىر تەرەپكە بىرىلگەن مۇلۇك.4. بىر تەرەپكە خاس بۇلغان تۇرۇمۇش بۇيۇملىرى .5.ھەربىيلەر تالاپەت سۇغۇرتا پۇلى ،مىيىپلىق ياردەم پۇلى ،داۋالىنىش پۇلى ،تۇرمۇش ياردەم پۇلى .6.خىزمەت تارىخىنى سىتىش پۇلى ،ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتا پۇلى ،داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلى. ھەربىيلەرنىڭ ھەربى سەپتىن چىكىنىش پۇلى ،كەسىپ تاللىۋىلىش پۇلىنى ئورتاق مۇلۇك ۋە شەخسى مۇلۇك دەپ قاراشقا بۇلمايدۇ.بۇ پۇلنى بۆلۇشتە ئەر ئايالنىڭ نىكاھ مۇناسىۋتى داۋاملىشىۋاتقان يىل بىلەن ،يىللىق ئۇتتۇرچە قىممەت كۆپەيتىلگەندە ئىرىشكەن سان ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۇلكى بۇلىدۇ.يىللىق ئوتتورچە قىممەت دىگىنىمىز ھەربىيلەرگە بىرىلگەن يۇقۇرقى پۇلنى مەلۇم يىلغا بۆلگەن ئۇمۇمى ساننى كۇرسىتىدۇ.ئۇنىڭ كۇنكىرىت يىل چەكىلىمىسى 70 يىل بىلەن ھەربىينىڭ ھەربى سەپكە قاتناشقان چاغدىكى ئەمەلى يىشىنىڭ پەرقىدۇر. ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ بىلىدىغان ئەھۋالدا ،بىر تەرەپ ئورتاق مۇلۇكتىن شىرىكسىز كارخان قۇرۇشقا مەبلەغ سالسا تىجارەتتە زىيان ياكى پايدا بولسا بۇ پايدا زىيان ئەر ئايالغا ئورتاق بۇلىدۇ. ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە،بىر تەرەپ شەخسى نامدا يەككە سودا سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ھۇددىگەرلىك تىجارىتى قىلغان بۇلسا ،مەبلەغ ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۇلكىدىن چىقىرىلغان بۇلسا بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان پايدا زىيان ئەر ئايالغا ئورتاق بۇلىدۇ. ئالاقىدار ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسى ئۆي سىتىۋىلىش ئۇچۇن مەبلەغ سالغان بۇلۇپ ئاتا ئانىسى بۇ مەبلەغنى ئىككى تەرەپكە بىرىۋەتكەنلىگىنى ئىنىق بىلدۇرمىگەن بۇلسا بۇ ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۇلۇك دەپ قارالمايدۇ.ئەگەر ئىككى تەرەپكە بەرگەنلىگىنى ئىنىق بىلدۇرگەن بۇلسا ئورتاق مۇلۇك دەپ قارىلىدۇ. ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن مەخپى ھالدا ،بىر تەرەپ ئورتاق مۇلۇكتىن شىرىكسىز كارخان قۇرۇشقا مەبلەغ سالسا تىجارەتتە زىيان ياكى پايدا بولسا بۇ پايدا زىيانغا مەخپى ھالدا مەبلەغ سالغۇچى ئىگە بۇلىشى كىرەك. ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە،بىر تەرەپ مەخپى ھالدا شەخسى نامدا يەككە سودا سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ھۇددىگەرلىك تىجارىتى قىلغان بۇلسا ،مەبلەغ ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۇلكىدىن چىقىرىلغان بۇلسا بۇ پايدا زىيانغا مەخپى ھالدا مەبلەغ سالغۇچى ئىگە بۇلىشى كىرەك. ئەگەر ئىگىدارلىق ھۇقۇقىغا تىخى تۇلۇق ئىرىشمىگەن ،قەرىز قايتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ شەخسى مۇلۇك ياكى ئۇرتاق مۇلۇك بۇلىىشى ھەققىدە تالاش كۇرۇلسە مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ئايرىلىدۇ.1.ئىككى تەرەپ بانكا قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەپ ئۆينىڭ ئىگىدارلىقىغا ئىرىشىش كىرەك ،بۇ چاغدا ئۆي ئورتاق مۇلۇك بۇلىدۇ.2. ئۆينىڭ شەخسى ياكى ئورتاق مۇلۇك ئىكەنلىگى بىكىتلمەي ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپ داۋاملىق قەرىز تۆلەپ ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھۇقۇقىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئاندىن ئۆينى بۇلۇش كىرەك ،بۇ چاغدا ئۆي ئورتاق مۇلۇك بۇلىدۇ.بىراق كىم ئارتۇق ھەق تۆلىگەن بۇلسا ئۆينى بۆلگەندە ئارتۇق تۆلىگەن قىسمىنى ھىساپلاش كىرەك. ئەر ئايال بىلىدىغان ئەھۋالدا ئورتاق مۇلۇكتىن مەبلەغ سىلىپ شىرىكسز كارخان قۇرغان بۇلسا ئاجراشقاندا ئىككىلا تەرەپ بۇ كارخانىنى باشقۇرۇشنى خالىمىسا بۇ كارخانىنىڭ بارلىق مۇلكى ئۇرتاق مۇلۇك بۇلىدۇ. ئەر ئاياللار نىكاھتىن ئىلگىرىكى شە خسى مۇلكى ۋە نىكاھ داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى ئورتاق ۋە شەخسى مۇلۇك ھەققىدە كىلىشىم ئىمزالىسا بۇ قانۇنى كۇچكە ئىگە بۇلىدۇ.غەرىپ ئەللىردە تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە نىكاھ مال مۇلۇك كىلىشىمى ئىمزالاش ئەۋىج ئالغان بۇلۇپ بۇ نىكا ھ داۋامىدىكى ۋە ئاجرىشىشتىكى مال مۇلۇك ماجرلىرنى ھەل قىلىشتا بىر خىل قانۇنى ئاساس بۇلۇپ قالغان .لىكىن شۇنى بىلىش كىرەككى بىر بىرىگە سادىق بۇلۇش ئۇنداق بۇلمىسا پۇل تۆلەش كىلىشىمى قانۇنى كۇچكە ئىگە بۇلمايدۇ. 4-ئاينىڭ 22-كۇنىدىكى دۇنيا قانۇن تەشۋىقاتى ماتىريالى شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى 24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش لىنىيسى 18299819854
|
|