مېنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشىم
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
تۇغۇلدۇم ئەڭ قەدىمىي يۇرت ئەزىز قەشقەر دىيارىدا .
ئاڭا دارۋاز ئۈرۈك كانى پىچاق يۇرتى- ماكانىدا .
گۈزەل يېڭسار ئوچار بوزغۇن مېنى چوڭ قىلدى قارچۇقتەك،
ئۈمىدىن ئاقلىماق قەرزىم ۋىسال تاڭى ئاتارىدا .
يىگىرمە يەتتە ياز ئۆتتى يىگىرمە يەتتە قىش ئۆتتى .
يىگىرمە يەتتە كۈز يانداش يېشىل دۇنيا باھار ئۆتتى .
ۋۇجۇدۇم گاھ بولۇپ گۈلخان لاۋۇلداپ كۆيسە ھەر جانلار،
بولۇپ گاھ بىر سوغۇق قەلئە پەسىللەپ قەھرىتان كۈتتى .
كېلىپ تەقدىر ئاجايىپ كاج دادام بالدۇر كېتىپ قالدى .
ئۈزۈلگەچ بىر قاناتلىرىمىز كۆڭۈللىرىمىز سۇنۇپ قالدى .
ھاياتقا جان كېرەك بولغاچ ئۈمىدنى سۆيگۈ يار ئەيلەپ ،
مېڭىپ مەزمۇت قەدەملىرىمىز ياشاشقا تىز كۆنۈپ قالدى .
سىنالدىم كۆپ داۋانلاردا يىقىلسام دەسىت تۇرۇپ كەتتىم .
ھاياتقا زور ئۈمىد باغلاپ ھەقىقەتكە سىڭىپ كەتتىم .
ئۆتۈپ سانسىز داۋانلاردىن تېپىپ ئاخىر يولۇمنى كەڭ ،
ئۆمۈرلۈك بىر نىشاننى دەپ ئۇزۇن يولغا مېڭىپ كەتتىم ......
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
ئۆمۈر مەنزىللىرىم سىرلىق ئۇلۇغ ئاللا راۋان قىلغاي .
يولۇمنى كەڭ تېنىمنى ساق ئەبەدىي تېچ -ئامان قىلغاي .
يىراقلاتقاي كۈلۈپ جاننى ئالار دۈشمەن توزاقلىرىدىن ،
ھىدايەت نۇرلىرى ئىچرە بۈيۈكلىكىدە ئايان قىلغاي .
+++++++++++++++++++++++++++++++++
مىلادىيە 2012-يىل 12-ئاپىرىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 10:35