رۇبائىيلار
مەخمۇت ئاۋۇت
(مۇزاتى)
چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس،
نازنىننى گۈل قىلىپ قىسقىلى بولماس؛
ئەقىدە،ۋىجدانلىق بولمىسا جانان،
مەڭگۈلۈك يار قىلىپ ئۆتكىلى بولماس.
تاۋارغا ئايلىنىپ قالمىسۇن شۇ قىز،
سودىلاشقان نىكاھ بولۇر كۆڭۈلسىز؛
ساپ،چىن مۇھاببەت بولۇر نۇقسانسىز،
شۇندا بەخىتلىك ئۆتەر ئوغۇل-قىز.
بەزىلەر باشلىقنى ماختاشقا ئۇستا،
ئۆزگىنىڭ ئۈستىدىن داتلاشقا ئۇستا؛
ئالدىدا كۆپتۈرۈپ، ماختاپ-ئۇچۇرۇپ،
ئارقىدىن ئوق ئۈزۈپ باپلاشقا ئۇستا.
مەنسەپدار بولساڭ گەر ئاۋامنى ئويلا،
پاك ياشاپ، ئادالەت يولىنى بويلا؛
نەپسىڭنىڭ قۇربانى بولما ئالدىراپ،
مەنسەپتىن قالغانكى چېغىڭنى ئويلا.
ئۆسسىمۇ ئەمىلىڭ كىبىر ئۆسمىسۇن،
سەندىكى ئىنسانلىق غۇرۇر كەتمىسۇن؛
ئادەم ئەتسەڭ گەر ئەل ئېتەر تازىم،
ئىجىللىق،دوستلۇققا غۇبار يەتمىسۇن.
شىرەنى مۇشتلىما شاللاڭنى چېچىپ،
ئىلمىيلىق بېرىدۇ ساڭا يول ئېچىپ؛
ئەمەلنى پەش قىلىپ بولساڭ گەر قوپال،
تىكەندەك قالىسەن،كېتەر ئەل قېچىپ.
ئامىتىم كەلدى دەپ ئېلىۋەرمىگىن،
سېپىنى سورىماي سېلىۋەرمىگىن؛
ھەر ئىشنىڭ سورىقى باردۇر جاھاندا،
جاھالەت يولىغا مېڭىۋەرمىگىن.
ئاجىزنى يۆلىسەڭ چىڭىيدۇ ئۇلۇڭ،
ھەق، ئادىل ئىش قىلساڭ ئېچىلار يولۇڭ؛
ئىشلەتسەڭ ئەقلىڭنى بىلىپ جايىدا،
ئەجىرىڭ نان بېرىپ ئۇزىرار قولۇڭ.
ناچارنى ياخشى دەپ ئالدىما ئەلنى،
ئەل بىلەر زەھەرنى، بالنى-ھەسەلنى؛
ياغاچ قازاندا ئاش پىشار بىر رەت،
ساقتىلىق لەت قىلىپ ئېگىدۇ بەلنى.
تىجارەت-سودىدا بولمىغىن كاززاپ،
ھالاللىق ئىش قىلغىن مېلىڭ بولسۇن ساپ؛
پۇل ئۈچۈن ئىنساپنى يوقاتساڭ ناۋا،
ۋىجدانىڭ ئالدىدا چېكىسەن ئازاپ.
لەۋزىڭگە ئەمەل قىل ھەر-بىر ئىشىڭدا،
قىلمىغىن تۈلكىلىك قىران يېشىڭدا؛
ئالدىساڭ ئۆزگىنى تۆلەيسەن بەدەل،
ئوت كۆيەر بىر كۈنى غەمسىز بېشىڭدا.
مۇھاببەت بىلسەڭ ئۇ بىر شىرىن مېۋە،
قەدرىگە يەتكەنگە بېرەر نېسىۋە؛
ئويۇننىڭ ئورنىدا كۆرمىگىن ئۇنى،
خارلىساڭ ناۋادا دىگۈزەر تۆۋە.
يار قىلما ئۆزۈڭگە مەينى-كەيىپنى،
يوقلۇقتىن بار قىلار جىمى ئەيىپنى؛
قىلىدۇ ۋەيرانە سېنى ئۇ ئاخىر،
شۇ چاغدا ئارتىسەن كىمگە ئەيىپنى.
ھورۇنلۇق ئىنسانغا كەلتۈرەر كۈلپەت،
بوپ قالما ئۇنىڭغا ئەبەدىي ئۈلپەت؛
تەييارغا ھەييارنى ياقتۇرماس ھېچكىم،
ھورۇنغا خۇدامۇ ئوقۇيدۇ لەنەت.
دوستلۇقنىڭ قىممىتى بىلىنمەس كۈندە،
چىراقمۇ ئەسقاتار كېچىدە-تۈندە؛
ساقلانسا قەلىبتە ، چىقمىسا ئەستىن،
ئۆتۈلەر قەدىرى غېرىپلىق كۈندە.
ۋاقىتنى ئاتقان ئوق تەرىپلەر ئاقىل،
قەدرىگە يەت ئۇنىڭ ، بولمىغىن غاپىل؛
بىھۇدە ئۆتسە گەر ھەر-بىر دەقىقە،
قىلدۇرار پۇشايمان بولغاچ ئۇ ئادىل.
ئالايما سايىلەر ئالدىڭغا كەلسە،
يوقلاپ تۇر ئاناڭنى يادىڭغا كەلسە؛
ئىنساپلىق كىشىنىڭ بولۇر ھۆرمىتى،
ياخشىلىق قىل ئۆزگىگە قولۇڭدىن كەلسە.
سىتودنىت تاللاپ ماڭ ھەر بىر يولۇڭنى،
بىلىمدە پۇختىلا ئىقبال ئۇلۇڭنى؛
ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۈمۈدى سەندە،
ئادىشىپ بۇلغىما شۇ پاك قولۇڭنى.
چۈشمەيدۇ ئاسماندىن تۆھپە،شان-ئۇتۇق،
ئەجىتسىز ھەم بەخىت بولمايدۇ تارتۇق؛
ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن ئۆزەڭگە چۇشلۇق،
بولمايدۇ نەتىجە ئۇنىڭدىن ئارتۇق.
ساغلام تەندە بولۇر ئىدراك-ئەقىل،
ھەم بولۇر ئۇنىڭدا پىكىر مۇستەقىل؛
بىتاپلىق ئىنسانغا ئەڭ زور پالاكەت،
شۇڭلاشقا ساقلىقنى ئۇلۇغ-ئەزىز بىل.
رۇبائىيلارنىڭ ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)