رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
نۇمۇس قىلغىن

نۇمۇس قىلغىن ھاراق ئىچىپ يولدا ياتقانلار،
نۇمۇس قىلغىن پۇل مال ئۆچۈن ئىپپەت ساتقانلار.
ئاقنى چىكىپ ئەيدىز بولۇپ يەنە يۇقتۇرۇپ،
نۇمۇس قىلغىن ئەلگە ئاپەت ئۇرقى چاچقانلار.

ئادەمدەك ياشا
ۋىجدان بولسا غۇرۇر بولسا ئادەمدەك ياشا،
بوي ئەگمىگىن شەيتانلارغا تارىتساڭمۇ جاپا.
بىر ھىكمەتنى قۇيۇپ كىتەي، ھەر كىم ئۈزۈڭنى،
خەلقىڭ سەندىن رازى بولسا ئادەم دەپ سانا.

ۋەتەن سۆيگۈسى
بۇ دۇنياغا كەلگەن ئادەم ھامان ئۆلگۈسى،
كەتكىنىدە قۇرۇق كىتەر ئۆيى قەۋرىسى.
يىللار ئۆتسە ئۇنتۇلىدۇ ئۇنتۇلماس پەقەت،
شۇ ئىنساننڭ ۋەتەن ئۆچۈن بولغان سۆيگۈسى.

نەسىھەت
قۇتۇلماق تەس نامراتلىقتىن بىلىم ئالمىساڭ،
باسىدۇ نەس نادانلىقتىن نېرى قاچمىساڭ.
ماڭمىقىڭ تەس قېرىغاندا دەۋىر بىلەن تەڭ،
ياشلىقىڭدا ئەتراپىڭغا نەزەر سالمىساڭ.

پۇل ھەققىدە
بۇ پۇل دىگەن ئاجايىپ نەرسە،
ئىت يىمەيدۇ يىگىن دەپ بەرسە.
بەزىلەر بار لىكىن پۇل ئۆچۈن،
ۋىجدان ساتار گاھ گىزى كەلسە.

مىھرى ئىسسىق شۇنچىلىك پۇلنڭ،
پۇلدۇر پەرقى باي بىلەن قۇلنىڭ.
شۇ سەۋەپلىك ئىزىپ نادانلار،
كىرىپ قالار ئىچىگە ئوتنىڭ.

شەيتان دەيدۇ پۇلنى بەزىلەر،
پۇل ئۆستىدىن قىلىپ تەنىلەر.
شەيتان دىسەڭ پۇل شەيتان ئەمەس،
ئەسلى شەيتان ئۆزى بەندىلەر.

ياخشى نەرسە پۇل دىگەن ئۆزى،
قانداق تىپىش ئىنساننڭ ئىشى.
بىر خىل پۇلنى ھارام ھالال دەپ،
تۆرگە بۆلگەن ئىنسان قىلمىشى.

شۇڭا دەيمەن دوسلۇرۇم سىزگە،
بۇ ھاياتلىق ئاخىر تەڭ نۆلگە.
ھالال تىپىڭ پۇل مال دۇنيانى،
ھارام پۇل مال يىلاندۇر گۆردە.

ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ.
رۇستەم قاراسۇ................ئاتۇش