تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 41|ئىنكاس: 2

قاراسۇ شېئرلىرى........قاراسۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
444
تۆھپە
177
UID
249

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى

دوستۇم بولساڭ

دوستۇم بولساڭ ماختىمىغىن مېنى ئارتۇقچە،
يوشۇرماستىن ئەيىبىمنى ئېيتقىن ئەكسىچە.
ياخشى دوستلار خۇددى ئەينەك بىر بىرى ئۈچۈن،
ئەينەك بولغىن چىن دوست بولساڭ ماڭا ئۆلگىچە.

بۇ دۇنيادا ھېچ بىر ئادەم بولماس نۇقسانسىز،
ھەر كىمدە بار ئۆزى كۆرمەس نۇقسانلار سانسىز.
شۇڭا دەيمەن چىن ھەقىقىي دوستۇمدىن بولساڭ،
نۇقسانلارنى كۆرسىتىپ تۇر كۈلمىگىن ئۈنسىز.

يوشۇرغىنىڭ كېسەل بولسا ئۆلۈم ئاشكارە،
يالغان ماختاپ يۈرۈكۈمنى قىلمىغىن پارە.
بولالمىساڭ مېنىڭ ئۈچۈن سەن ئاشۇ ئەينەك،
سەندەك دوستتىن دۈشمىنىمنى كۆرىمەن چارە.

        نادانغا سۆزۈم

يامان دېسەڭ يامان بولاي ئېغىزىڭدا سېنىڭ،
تالاشمايمەن ياخشى نامنى ھەرگىز دەپ مېنىڭ.
سەن بىر ئادەم دېيەلمەيسەن ياخشى يامان دەپ،
دەيدىغانلار ئەلدۇر پەقەت ئەمەس ئۇ ئىشىڭ.

ياخشىلارنى يامان دەيدۇ نامەرتلەر ئۆزى،
كۆرەلمەيدۇ ھەقىقەتنى ئۇلارنىڭ كۆزى.
رەنجىمەيمەن يامان دېسەڭ مەنمۇ سېنىڭدىن،
سەنمۇ بەلكىم شۇنداقلارنىڭ ئىدۇرسەن خىلى.

بىر سەن مېنى يامان دېسەڭ ئۇ ھېچ گەپ ئەمەس،
خەلقىم دېسە بەك قورقىمەن باسقىنى شۇ نەس.
خەلقىم بار دەپ مەن ياشايمەن ئالدىڭدا مەغرۇر،
خەلقىم باركى ماڭا ئۆتمەس سەن قىلغان شۇ قەس.

نەسىھەت

ئاغرىنمىغىن ئادەملەردىن ئاقىل بولساڭ دوست،
ھەقىقەتنى ئېيتساڭمۇ گەر ئاتىدۇ گاھ مۇشىت.
بىلەرمەنلىك مەنمەندانلىق ئادەملەردە بار،
ھەيران بولما سۆزلىرىڭنى ئىنكار قىلسا دوست.

بەزىلەر بار سېنى نادان ئەخمەق ئۇ دەيدۇ،
دەلتىلەر بار سېنى ساراڭ ئەخلەتمۇ دەيدۇ.
ئۇنداقلارنىڭ سۆزلىرىگە كايىما دوستۇم،
خەلقىم سىنى كارۋان دېسە ئۇنى ئىت دەيدۇ.

ئەل يۇرت ئۈچۈن قان تەر تۆكۈپ قىلساڭمۇ خىزمەت،
يامان دەيدۇ كۆرەلمەسلەر قالدۇرۇپ ھەسرەت.
شېرىكىدۇر غەيۋەتخورلار باشلايدۇ غەيۋەت،
پەرۋا قىلما تۈزەلگەن يوق بۇ ئىككى ئىللەت.

بىلەلمەيدۇ قەدىرىڭنى بەزىلەر بەلكىم،
شۇ سەۋەپلىك سەنمۇ دەيسەن بەكمۇ كۆپ دەردىم.
ئاھ ئۇرمىغىن خامان دېسەك ئادەم توپىنى،
ھامان بىر كۈن بۇغدىيىنى ئايرىيدۇ خەلقىم.

ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىڭ........رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.

چ چ  449743158


رۇستەم قاراسۇ..........ئاتۇش


Rank: 6Rank: 6

تىللا
580
تۆھپە
320
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامان بىلەن بۇغداينى ئايرارخەلق بىر ئادىل،
جاۋاپ بىرەر ھەممىگە ھەقلىق بىلەن راست دادىل.
رەنجىمىگىن ئالدىراپ كۆڭلۇڭ يېرىم بولمىسۇن،
خىسلىتىڭگە،ئەجرىڭگە بۇلار ھەممە چىن قايىل.


Rank: 1

ئىسىمى
نۇرنىسا
تىللا
5
تۆھپە
3
UID
12669
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىېركەن رەخمەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:22, Processed in 0.069507 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991