مىكرو پاراڭلار(4)
▲پۇقرالىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مۇئەييەن "ئېكولوگىيە" كېرەك بولىدۇ. ھوقۇقنىڭ ئات ياكى راستلىقى ئېكولوگىيە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھوقۇق ۋە ھوقۇق ئېكولوگىيىسى بىر-بىرىگە تەسىر قىلىدۇ. ھوقۇق ھوقۇق ئېكولوگىيىسىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرىدۇر. ھوقۇق بولمىسا، ھوقۇق ئېكولوگىيىىسمۇ بولمايدۇ. ھوقۇق ئېكولوگىيىسىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئاساسسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىدۇر.28
▲ۋەتەن-ئانا. ھەربىر ئىنساننىڭ ۋەتەننىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ۋەتەننىڭ ئوتىدا كۆيمىكى قەرز ھەم پەرزدۇر. ھۆكۈمەت بولسا دۆلەتنىڭ مۇلازىمىدۇر. خەلق ھوقۇقنى ھۆكۈمەتكە دۆلەتنى ياخشى باشقۇرسۇن دەپ بېرىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ «سۆيۈش»كە ئەرزىيدىغان-ئەرزىمەيدىغانلىقى دۆلەتنى ياخشى باشقۇرىدىغان- باشقۇرمايدىغانلىقىغا، خەلقنى ياخشى ئاسرايدىغان – ئاسرىمايدىغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن ھۆكۈمەتنى سۆيۈشنىڭ مۇقەررەر باغلىنىشى يوق.29
▲ھۆكۈمەتكە پىكىر بەرگەنلەرگە ۋەتەنپەرۋەرسىز دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈش يارىمايدۇ. ھۆكۈمەتكە پىكىر بېرىشتىن مەقسەت، ھۆكۈمەت ئۈستىدىن نازارەت قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتكە ياخشىلىق قىلىش، دۆلەتكە ياخشىلىق قىلىش بولىدۇ، مەدھىيە ئوقۇغاندىنمۇ سەمىمىي، ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك بولىدۇ.30
▲فېليەتون مېنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتىمنى سىناپ كەلمەكتە، يەنى ھاكاۋۇرلۇق قىلامدىمەن ياكى پەسلىك قىلامدىمەن ۋەياكى كۈچۈكلىنىپ خۇشامەتگۇيلۇق قىلامدىمەن، ئۆز ئالدىمغا تۇتقان يولۇم بىلەن ماڭىدىغان ئادەممۇ مەن ياكى خوش-خوش ئېيتىپ، ياغلىمىچىلىق بىلەن ئۆتىدىغان خۇشامەتگۇي ئادەممۇ مەن، جىگەرلىك باتۇر ئادەممۇ ۋەياكى توخۇ يۈرەك قورقۇنچاق ئادەممۇ مەن، فېليەتون مېنى سىناپ تۇرماقتا.31
▲بەزىلەر چاكىنا، مەككار كېلىدىكەن، نومۇس ۋە ئىزانى بىلمەيدىكەن، ئۆمرى خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن ئۆتىدىكەن، بىرەر مەنسەپكە ئېرىشپمۇ قالىدىكەن. قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ كۈچۈكلىنىدىكەن. بەزى جايلاردا چېرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشى، ئەمەلدارلارنىڭ بۇلغىنىپ كېتىشى، ئەدلىيەدىكى ئادالەتسىزلىك، ھۆكۈمەت سورۇنلىرىدىكى غەبلەت باستىلىق ئەنە شۇنداق رەزگىلەرنىڭ گۇپپاڭچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. قەيەردە نامەرتلەر يامراپ كەتكەن، ناكەسلەر نۇسرەت تاپقان، رەزگىلەر كۆپىيىپ كەتكەن بولسا، شۇ يەردە ئىمان-ئېتىقات، قانۇن-پىرىنسىپ، ھەق-ناھەق دەيدىغان نەرسە بولمايدىكەن.32
▲بەزى ئادەملەر بار، شەخسنىڭ بارلىقى تەشكىلگە مەنسۇپ، تەشكىلگە شەرتسىز بويسۇنۇش شەرت، دەيدۇ. شەرتسىز بويسۇنۇش نەتىجىسىدە نازارەتسىزلىك پەيدا بولامدۇ-بولمامدۇ؟ مېنىڭ دېگىنىم دېگەن دەيدىغانلار پەيدا بولامدۇ-بولمامدۇ؟ بەزىلەر شۇنداق نازارەتسىزلىكتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى شۇ تەشكىلنىڭ ئۆزى قىلىۋالىدۇ. تەشكىلنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، باشقىلارنى شەرتسىز بويسۇندۇرىدۇ. جەمئىيەتنى قانۇن-تۈزۈم تۇتۇپ تۇرمىسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.33
▲زىيالىيدا جەمئىيەتنى تەنقىت قىلىش روھى بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، زىيالىي دېگەن ئۆزىنىمۇ تەنقىت قىلالىشى، ئۆزىدىكى يېتەرسىز تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلىش جاسارىتى بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالايدۇ. ئەنە شۇنداق زىيالىيلارنى ئەل-ئاۋام چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا ئىشىنىدۇ. ئەنە شۇنداق زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى بولالايدۇ.34
▲زىيالىي دېگەن شۇنداق بولۇش كېرەككى، ئۇنىڭ مول بىلىمى، ئۆتكۈر تەپەككۇرى بولۇشى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقالىشى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئۆزى سەگەك بولۇشى، جەمئىيەتتە گاڭگىراش ۋە ئەسەبىيلىك بولغاندىمۇ، تەمكىن ۋە ئويغاق بولۇشى، ۋىجدانىغا سادىق بولۇپ، ھەققانىيەت ۋە نام-ئاتاق ئالدىدا توغرا تاللاپ، خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن پاي-پېتەك بولماسلىقى، جەمئىيەتنى باشقۇرغۇچىلارنى تەنقىت ئارقىلىق سەگىتىپ تۇرۇشى، جەمئىيەتتىكى ناھەق ئىشلاردىن پەيدا بولىدىغان كرېزستىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالىشى كېرەك.35
▲دېموكراتىك تۈزۈلمە پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى مۇھىتتۇر. بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەردە دېموكراتىك تۈزۈلمە بەرپا قىلىنغان دەسلەپكى چاغلاردا بەزى مالىمانچىلىقلار بولغان. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ «رەزگىسى» دەل ئامېرىكا بولۇپ، دېموكراتىك دۆلەت قۇرغاندا، پۇقرالارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى قۇللارمۇ بار بولغان. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، شۇ قۇللارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەلباشى بولدى.36
ئابلاجان تۇردىنىڭ مىكرو بلوگىدىن ئېلىندى
http://barmu.cn/index.php?m=blog&uid=22