تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 3

تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش ماھارەت مۇسابىقىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
277
تۆھپە
169
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاۋات ناھىيىسىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
ئاۋات ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتىشنى ئەلالاشتۇرۇش مەخسىتىدە ئوقۇش ماھارەت مۇسابىقىسى ئېلىپ  باردى.
ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئانا تىل- ئەدەبىيات ئوقۇ- ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئەسەرلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىيات خاھىشىغا ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەسىرلىك كۆرىنىش، ئوبرازلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن يانداشىپ، ئەسەردىكى پرسۇناژلارنىڭ ۋە ئاپتۇرنىڭ تىلىنى پەرقىلەندۇرۇپ ئوقۇش ئىقتىدارنى ھازىرلاش، ئەسەرلەرنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا جانلىق، توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق،تەسىرلىك ۋە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىپ سۆزلەش، ئەسەرلەرنىڭ ژانىرىغا ئاساسەن پەرقىلەندۇرۇپ، ھېسسىيات ئۆزگىرىشىنى (ھاياجانلىنىش، خوشاللىنىش، قايغۇرۇش...) گەۋدىلەندۇرۇپ ئوقۇش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا ئەسەرلەردىكى بايان، تەسۋىر، لىرىكا، چۇشەندۇرۇش، مۇھاكىمە قاتارلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى ۋە تىنىش بەلگىلىرىنى  ئېنىق پەرقىلەندۇرۇپ، ھەرخىل كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۇسكۇنىلىرىدىن مۇئاپىق پايدىلىنىپ، دەرىسلىك مەزمۇنىغا ماس كەلگەن مۇزىكا، مەنزىرە قاتارلىق كورسەتمە ئارگىنالللارنى كىرىشتۇرۇپ، تىل- ئەدەبىيات دەرسنىڭ ھېسسىيات ئۆنۈمىنى ئاشۇرۇش، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش، يېزىقچىلىق ۋە ئونۋىرسال خارەكتىرلىك ئۆگىنىش ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل- ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زوق ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن  ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ تىل ئەدەبىيات  ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش ماھارەت مۇسابىقىسى ئېلىپ  باردى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغە ئوتتۇرا مەكتەپ گۈرۈپپىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ گۈرۈپپىسى بولۇپ جەمئىي 48نەپەر ماھىر قاتناشتى. ئاخىرىدا باھالىغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل باھالىشى ئارقىلىق ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچى 1- دەرىجىگە، سەككىز نەپەر ئوقۇتقۇچى 2- دەرىجىگە، 16 نەپەر ئوقۇتقۇچى 3- دەرىجىگە،21 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلاندى.
ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: تۇرغۇن مىجىت
ئاۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن : مەخمۇت مامۇر، ئايجامال ئەمەت

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
382
تۆھپە
226
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان ئىش بوپتۇ


قەلەمىي بېلوگى

21 ئۇچۇر دۇنياسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ .

Rank: 2

ئىسىمى
ئابدىريىمجان
تىللا
145
تۆھپە
43
UID
11900
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ ، بولسا پائالىيەت تۈگىشى بىلەنلا تاشلىنىپ قالماي ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئامال بار مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە دەرىس ئۈتۈلسە بەك ئىسىل ئىش بۇلىتى .

خاپا بولمىساڭلار ما  «ئارگىنال » دىگەن گەپنى قانداق چۈشنىمىز ؟


Rank: 2

تىللا
78
تۆھپە
32
UID
4926
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىلدىكى مۇسابىقىلەر كۆپىرەك ئۇيۇشتۇرۇلسا، تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلار بۇنىڭدىن ئۈلگە ئالسا، بۇ خىل دەرىس ئۆتۈش مىتوتلىرى دەرىسخانىلارغا ئېلىپ كىرىلسە تېخىمۇ ئوبدان ئىش بولاتتىكەن.........!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:27, Processed in 0.069884 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991