تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 3

«ئەخلاق تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ»لەر خىزمىتى ياخشى بولدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
277
تۆھپە
169
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋات  ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى «ئەخلاق تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ»لەر خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى



ئاۋات  ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن «ئەخلاق تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ»لەر خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى .

ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەر «ج ك پ مەركىزى كومىتېت گۇۋۇيۇەننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەخلاق ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش، كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيىلەش»، «كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيلەش، ئەخلاق تەربىيىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش» تىن ئىبارەت مائارىپ قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىنىشىدە باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن 2003-يىلدىن بويان ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ 2 گە، ۋىلايەت بويىچە ئەخلاق تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ4 گە,ناھىيە دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ51 گە يىتىپ،  مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىشىش قەدىمى تىزلىتىلدى، يەنە بۇ يىل 3-ئايدىن ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپتىن بىرى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپتىن بىرى، ناھىيە دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپتىن دولان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق بەش مەكتەپ بۇ نامغا ئېرىشتى.



    ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: تۇرغۇن مىجىت

   ئاۋات ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن: مەخمۇت مامۇر

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
382
تۆھپە
226
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئىشتىن خەۋەردار بوپتۇق مانا


قەلەمىي بېلوگى

21 ئۇچۇر دۇنياسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ .

Rank: 2

تىللا
70
تۆھپە
22
UID
9190
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن بۇنداق چىرايلىق نام -ئاتاقلار يوق ئىدى . ئەخلاقسىز بالىلار ئىنتايىن ئاز كۇرۇلەتتى ....
ھازىر نام - ئاتاقلار كۆپىيىپ دەرىجىگە ئايرىلىدىغان بولۇپ كەتتى ..بىراق مەكتەپلەردە ئەخلاقسىزلىق قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار بارغانسىرى كۆپىيىپ كەتتى ....بۇ چۇقۇم مۇشۇ ئۆلچەملىك ئەخلاقى تەربىيىمىزنىڭ نەتىجىسىغۇ دەيمەن ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karakax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 21:34  



Rank: 1

تىللا
27
تۆھپە
8
UID
11256
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە  ئشىنىڭلار بىز ئىشىمىز.
ئەخلاقلىق ئادەم تەربىيىلەشكە تىرىشىمىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:25, Processed in 0.069323 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991