«سالام خەت» يېزىشنىڭ راستىنلا ۋاقتى كەتتىمۇ؟ توغراق
يېقىندا، ئىشخانىدا توردىن ماقالە يوللاۋاتاتتىم، ئادەتتە خۇشچاقچاق، ئوچۇق-يورۇق، كىشىلىك جەمئىيەت، ئادىمىلىك، ئەدەب-قائىدە توغرىسىدا ماڭا ئۆزىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بىرىپ، مىنى چوڭقۇر تەربىيىگە ئىگە قىلىدىغان خىزمەتدېشىم جىمىپلا كەتتى، مەن تۇيدۇرماستىن ئۇنىڭ ئىش- ھەركىتىگە كۆز يۈگۈرىتتىميۇ، يەنە ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىشىغا دەخلى قىلماي دىگەن ئوي بىلەن ئۆز ئىشىمغا مەشخۇل بولدۇم، ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى،قارىسام ئۇ يەنىلا باش كۆتۈرمەي ماقالە قەغىزىگە ئۆز پۇچۇركىسىدا بىر نىمىلەرنى يېزىۋاتاتتى. - ئادەتتە خەۋەر- ماقالە يازسىڭىز كومپىيوتېردا يازاتتىڭىز،بۈگۈن ئىلھامىڭىز كىلىپ كومپىيوتېردا ئۇرۇشقا ئالدىراپ كىتىپ،ئۆز پوچۇركىڭىز بىلەن بىۋاستە يېزىۋاتامسىز نىمە؟،- دەپ سورىدۇم مەن ئۇنىڭدىن. - ياقەي،ئچكىرىدە ئوقۇۋاتقان قىزىمغا سالام خەت يېزىۋاتىمەن،-دىدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرمەي قەلەم تەۋرەتكىنىچە. -نىمە؟ قىزىڭىز بىلەن كۈندە بىر-ئىككى قېتىم تېلىفۇندا كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتسىڭىز،يەنە سالام خەت يېزىشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟-دەپ سورۇدۇم مەن ئۇنىڭ جاۋابىغا ھەيرانلىق ھىس قىلىپ. - دىگىنىڭىزغۇ توغرا،قىزىم بىلەن كۈندە تېلىفۇندا كۆرۈشمىسەم ماڭىمۇ ھىساپ بولمايدۇ، لىكىن مىنىڭچە، تېلىفۇندا سۆزلەشكەندە ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ، لىكىن ئۇزۇن سۆزلەشكىلى، پەندى- نەسىھەت خاراكتىرىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ، تېلىفۇندا دىيىشكەن گەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىلارنىڭ ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئېسىدە قېلىشى ناتايىن،سالام خەت يېزىش ئارقىلىق بالىلارغا، قارشى تەرەپكە خېلى جىق گەپلەرنى دىگىلى، كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىز، كەلگۈسىدىكى پىلان تەسەۋۋۇرلىرىڭىز، ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىرەلەيسىز، تەننەرقىمۇ ئەرزان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالام خەتمۇ «يېرىم دىدار» ئەمەسمۇ؟بالىلار، بولۇپمۇ قارشى تەرەپ ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ، پەرزەنتلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ، دوست-ئاغىنىلىرىنىڭ پۇچۇركىسىنى كۆرگەندە قەۋەتلا خۇش بولىدۇ-دەڭە، يەنە بىر تەرەپتىن سالام خەت دىگەن بىر قېتىم ئوقۇپ بولۇپ،ساقلاپ قويسا يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئاتا-ئانا،ئۇرۇق- تۇققانلىرى، دوست-ئاغىنىلىرىنى سېغىنغاندا يەنە قولىغا ئېلىپ ئوقۇسا كىشىگە زور ئىلھام ۋە مەدەت، تىرىشچانلىق ۋە تەسەللى ئاتا قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟- دىدى، ئۇ ئەمدىلا يېزىپ بولغان سالام خەتنى كونۋېرتقا قاچىلىغاچ ماڭا چۈشەندۈرۈپ. خىزمەتدىشىمنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە، ئۇ قىزى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇشقا كەتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئىككى ھەپتىدە بىر پارچە سالام خەت يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ، كىچىكىدىن تارتىپ بىر دەممۇ ئاتا-ئانا،ئۇرۇق- تۇققانلىرىدىن ئايرىلماي كەلگەن ئارزۇلۇق قىزىمۇ ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە سالام خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا، خۇددى ئۇنىڭدىن ھېيىتىلىق پۇل ئالغاندەك قىن- قىنىغا پاتماي سەكرەپ خۇش بولۇپ،يۈكسەك ئارزۇ،ئۈمىد ۋە ئىشەنچ،تىلەكلەر يۇغۇرۇلغان سالام خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ،زور ئىلھام ۋە مەدەت ئاپتۇ،ئۆگۈنىش نەتىجىسىمۇ سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ قىزى يەنە دادىسىدىن كەلگەن سالام خەتنى ساۋاقداشلىرىغا پەخىرلىنىش ئىلكىدە ئوقۇپ بىرىپ،بۇ خوشاللىقتىن ساۋاقداشلىرىنىمۇ بەھرىمان قىپتۇ،سىنىپ مۇدىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆگۈنىش نەتىجىسىنىڭ كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئىلھام، مەدەت ۋە روھى كۈچ قوشقان سالام خەتتىن بىر نەچچە پارچىسىنى مەخسۇس شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «مەكتەپ گېزىتى»دە ئېلان قىلىپ، باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە تىكلەپتۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت رېتىمىنىڭ تىزلىشىشگە ئەگىشىپ،ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىمىزمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى. مەيلى ئاتا-ئانا،ئۇرۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلەر ۋە ياكى خىزمەتداشلار ئارا بولسۇن ھال ئەھۋال سوراشقاندا، ئۆز-ئارا مۇبارەكلەشكەندە،جىددىي ئىشىمىز چىقىپ قالغاندا تېلىفۇن ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىدىمىزگە يىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئىلگىرى ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىمىزنىڭ راۋان بولماسلىقى سەۋەبىدىن كۆڭلىمىزدىكى ياخشى تىلەك ۋە ئارزۇ-ئارمان، خوشاللىق-خاپىلىقلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى «سالام خەت» شەكلىدە قارشى تەرەپكە ئىۋەرتىش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەتتۇق. ھازىر دەۋىرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،كادىردىن تارتىپ،دىېھقانغىچە ئازراق ئىقتىسادىي كىرىمى بارلىكى كىشىلەرنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن يانفۇن بار بولدى،ئالاقە ئىشلىرىمىزمۇ كۆپ قولايلاشتى. سالام خەت يازىدىغانلارمۇ ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولۇپ، پەقەت يېڭى يىل ۋە ھېيىت- بايراملاردا ئۈچ-تۆتلا قۇرى بار ئاتكىرىتكىغا پەقەت بىر نەچچە جۈملە تىلەكلىرىمىزنى ئوچۇق- ئاشكارىلا يېزىپ ئىۋەتىدىغان ھالىتىمىزلا ساقلىنىپ قالدى،سالام خەت يېزىش ئارقىلىق كۆڭلىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى يۈرەك سۆزلىرىمىزنى ئاتا-ئانىلىرىمىز، پەرزەنتلىرىمىز، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز، دوستلىرىمىز، پەرزەنىتلىرىمىزگە ئىزھار قىلىدىغان ھەقىقى ئەنئەنلىرىمىز يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى.... ئۇنداقتا،ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈندە «سالام خەت»نىڭ راستىنلا ۋاقتى كەتتىمۇ؟ شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، «سالام خەت»نىڭ تېخى ۋاقتى كەتمىدى، ھەم مەڭگۈ كەتمەيدۇ. شۇنداق،«سالام خەت»مۇ «يېرىم دىدار». گەرچە «سالام خەت» تە قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، لىكىن،ھەر بىر قۇرلارغا مارجان كەبى تىزىلغان ئوتلۇق تىلەكلەر،سەمىمىي پەندى- نەسىھەتلەر پەرزەنتلىرىمىز، ئۇرۇق- تۇققانلىرىمىز، دوست- بۇرادەرلىرىمىزگە باشقىچە ئىلھام ۋە مەدەت بېغىشلايدۇ. ئاتا-ئانىلىرىمىزغا بولسا تەسۋىرلىگۈسىز تەسەللى ھەم خاتىرىجەملىك ئاتا قىلىدۇ. تېلىفون،چاقىرغۇ،ئېنتېرنىت قاتارلىق زامانىۋى ئالاقىلىشىش قوراللىرىدا ئاۋازىنى ئۆز-ئارا ئاڭلاپ، چىرايىنى كۆرۈپ تۇرۇپ دىيىشكەن بىر نەچچە ئېغىز ئەھۋال سوراشلىرىمىزغا قارىغاندا،سالام خەتتە پىكىر،ئوي- خىيالىمىزنى ئەركىن- ئازادە ئوتتۇرىغا قويالايمىز، يىراقلاردا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى سۈرەتلەپ بىرەلەيمىز،كۆڭلىمىزدە ئويلىغانلىرىمىزنى تولۇق ھەم قالدۇرماي يازالايمىز. شۇڭا،سالام خەتنىڭ ئىجابىي رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. زامانىۋى ئالاقىلىشىش قوراللىرىدىكى ئاۋازلىرىمىز،يېزىقلىرىمىزغا ۋىرۇستىن ئىبارەت «دۈشمەن» ھەر ۋاقىت توسقۇنلۇق قىلىشى، باشقىلار كۆرۈپ قېلىشى،ئاڭلاپ قېلىشى مۈمكىن. لىكىن، سالام خەت قارشى تەرەپكە مۇتلەق مەخپىي ھالدا يىتىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەننەرقىمۇ يۇقىرى ئەمەس. مەيلى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىمىز قانچىلىك تەرەققى قىلسۇن تېلىفۇن، چاقىرغۇ، ئېنتېرنىت ۋە سالام خەتتىن ئىبارەت ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ ھىچقايسىسى بىر- بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، يەنىلا خىزمەتدېشىمغا ئوخشاش باشقا يۇرتلاردا ئوقۇۋاتقان پەرزەنىتلىرىمىز،تىجارەت قىلىۋاتقان تۇققانلىرىمىز،بىزنىڭ كىيىنلىكىمىز توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ،كىرپىك قاقماي كۈنسىرى مۈكچىيىۋاتقان ئاتا-ئانلىرىمىزغا ،تورخانىلاردا «دوستلىشىش»نى باھانە قىلىپ، كىچە- كىچىلەپ ئۇخلىماي، كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، QQدا مۇھاببەتلىشىۋاتقان، سىرداىشىۋاتقان، پاراڭلىشىۋاتقان، دەرىس تاشلاۋاتقان، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويىۋاتقان ياش دوستلىرىمىزغا يۈرىكىمىزدىكى گەپلىرىمىزنى سالام خەت ئارقىلىق ئەيتايلى، سالام خەت يېزىش كونىلىقنى تەرغىپ قىلغانلىق ئەمەس، ھەممىمىز ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆز- ئارا سالام خەت يېزىشىپ تۇرايلى، بىز بىر- بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۈندە كۆرۈپ تۇرالمىساقمۇ،ئۆز قولىمىز بىلەن يازغان پۇچۇركىلىرىمىز ئارقىلىق داۋاملىق دىدارلىشىپ تۇرايلى!
|