تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 4

ھەممىمىز پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن مۇئەللىم(توغراق)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
توغراق
تىللا
298
تۆھپە
65
UID
95
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن مۇئەللىم

توغراق

ئائىلە- جەمئىيەتنىڭ ھۆجەيرىسى، بالىلار ھەر بىر ئائىلىنىڭ شۇنداقلا، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى. بالىلارنى ھەممە ئىش قولىدىن كىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتا خىلمۇ- خىل شەرتلەر، ئامىللار ۋە چارە- ئۇسۇللار بار بولىسمۇ، بىراق، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ نەمۇنە بولۇش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق بالىلارنى تەربىيەلەش رولى ھەممدىن بىۋاستە ۋە مۇھىم ھسابلىنىدۇ.   ھەر-بىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىنى، جەمىيئەتكە ياراملىق ئادەم بولىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە مۇشۇ مەقسەت يولىدا توختىماي ئىزدىنىدۇ، تۈرلۈك بەدەللەرنى تۆلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ. چۈنكى، پەرزەنت ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىدى، ۋارىسى شۇنداقلا يىلتىزى.
-       بىزدە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئەر كىشى سىرىتنىڭ ئادىمى، چوڭ-چوڭ ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئۆتىدۇ، ېەرزەنت تەربىيلەشكە ۋاختى يەتمەيدۇ ، پەرزەنت تەربىيلەشنى ئاياللارنىڭ ئۈستىگە ئالىغىنى تۈزۈك، دەيدىغان خاتا قاراشلار ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل قاراشلار توغرا بولمىغان قاراش بۇلۇپ، مىنىڭچە، پەرزەنت تەربىيىسىدە يالغۇز ئانىنىڭلا مەجبۇرىيىتى بۇلۇپ قالماستىن، بەلكى ئاتىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسۇلىيىتى ۋە بۇرچى بار، ئەلۋەتتە. پەرزەنتلىرىمىز باش- ئايىغى چىقمايدىغان نەزەرىيىۋى تەربىيەلەرگە ئەمەس، ئەمىلى تەربىيەلەرگە تولىمۇ مۇھتاج .
يېقىندا، ياش بىر ئاتىنىڭ پەرزەنىتلىرىگە قىلغان ئەمىلى ۋە ئەستايىدىل تەربىيىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بوز ئېرىق كەنتىدىكى 100 كۈنلۈك ئاساسى قاتلام ئۇل قۇرۇلىشىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىمىزمۇ غەلبىلىك ئاخىرلىشىپ، يوتقان—كۆرپە، كىتاب-ماتىرىياللىرىمىزنى يۇغۇشتۇرۇپ، قايتىشقا تەييارلاندۇق.
-            سىز ئۆيۈمگە كىرىپ ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ، بازاردىن بىر دەستە ئەتىرگۈل، تورت قاتارلىقلارنى سېتىۋالغاچ كەلسىڭىز، بىز بىرلىكتە    ئوقۇتقۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىنى ئۆتكۈزىۋىتىپ، ئاندىن قايتىپ كىتەيلى،- ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن زۇنۇن شوپۇرىغا شۇنداق دىدى-دە، مەنىلىك تەبەسسۇم قىلغاندىن كىيىن  تېلىفۇنىنى ئىتىۋەتتى. مەن ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدىم.
-            شۇنداق، بۈگۈن مىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىكى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، بايا شوپۇرغا ئائىلىدە ئارام ئېلىۋاتقان ئىككى ئوغلۇمنى ئالغاچ كىلىشنى تاپىلىدىم، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلارنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۈگۈتۈپ ئەمىلى تەربىيە ئېلىپ باراي دەيمەن، قانداق؟
-   ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلاپسىز،بۇ ھەم خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ قايتىش خاتىرىسى ھەم بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى بولىدىغان بولدى-دىدىم مەن ئۇنىڭ خوشاللىقىغا جۆر بۇلۇپ.
-   دادا-دادا،ئاكام ماشىنىنىڭ رولىنى تولغاپ ئويناۋاتىدۇ- كىچىك ئوغلى يۈگۈرۈپ كىرىپ شۇنداق دىۋىدى، گىپنىڭ ئايىغىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا دادىسىدىن يىگەن بىر شاپىلاقنىڭ تەسىرىدىن چىررىدە چىقىراې كەتتى.
-«فىردەۋىس، فىردەۋىس» دادىسىنىڭ ئاۋازى، ئۇكىسىنىڭ يىغلىغىنىنى ئاڭلاپ، چوڭ ئوغلى ھاسىراپ كىرىپ كەلدى.
-كەۋسەرجان بولدى يىغىڭىزنى توختۇتۇڭ، سىلەر مىنىڭ بىر جۈې ئامراق ئوغۇللىرىم، بۈگۈن مەن سىلەرنى بىر ئەھمىيەتلىك ئىش ئۈچۈن بۇ يەرگە چاقىرتىپ كەلگەن، مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە خوشال- خورام تەبرىكلەيمىز دەپ خوشال بولىۋاتسام، ئىككىڭلار ئاچچىقىمنى كەلتۈرىۋاتىسىلە، كەۋسەر سىز چقىمچىلىق قىلىدىغان بۇ يامان ئادەتنى كىمدىن يۇقتۇرىۋالدىڭىز؟ ھازىر مۇشۇ يېشىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ بىر قوساقتىن چىققان ئاكىڭىزنى چېقىشتۇرسىڭىز، چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بۇلۇپ چىقارسىز، سىزگە ئوقۇتقۇچىڭىز مۇشۇنداق تەربىيە بىرەمدۇ؟ ھازىر ئاكىڭىزنى چېقىشتۇرسىڭىز ، كەلگۈسىدە ساۋاقداشلىرىڭىزنى، باشقىلارنى، مىللىتىڭىزنى ھەتتا مىنىمۇ چېقىشتۇرىدىغان چېقىمچى ئادەم بولۇپ قالمامسىز؟چېقىمچىلىق، ھەسەتخورلۇق ، ئىچى تارلىق ئەڭ يامان ئىللەت، بارلىق بالا- قازانىڭ ئۇرىقى مۇشۇ ئىللەتتىن چېچىلىدۇ. ھازىردىن باشلاپ مۇشۇنداق يامان ئىللەتنى يۇقتۇرىۋالساڭلار چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولماقچى، بۇنداق ئادەم چېقىشتۇرىدىغان ئىشنى بۇندىن كىيىن ھەرگىز قىلماڭلار، مەن ئىككىڭلارغا ئىنتايىن ئامراق، ئاچچىقىم بەك كەلگەچكە بايا ئۇرۇپ سالدىم، بۇ تەستەك مەڭگۈ ئسىڭلاردىن چىقمىسۇن جۇمۇ بالىلىرىم، سىزمۇ فىردەۋىس كىچىك تۇرۇپ ، ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگىنىمەن دەې ئالدىراپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇستازىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، ياخشى ئوقۇپ، كۆپرەك بىلىم ئىگەللىسىڭىزچۇ، ماشىنىڭىز، ئۆيىڭىز، پۇلىڭىز ..... ھەممىسى بار بولىدۇ. ياخشى ئوقۇمىسىڭىز مۇشۇ كەنتكە كىلىپ دىھقان بولىمەن دىسىڭىزمۇ، سىزدەك ساپاسى يوق ، ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان ئادەمنى دېھقان بولغىلىمۇ قويمايدۇ، شۇنداقمۇ سېكىرتار؟ ياش سېكىرتارمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، دەرھال جاۋاپ بەردى:
- مەدەنىيەتسىز دېھقان بولسا، ئىككى تاغار سامانغا ھۆججەتمۇ يازالمايدۇ، ئۇنداق ئادەم دېھقان بولىمەن دىسە، يەرمۇ، سومۇ بەرمەيمىز دسلە.
  ئىككى بالا ئۈن- تىنسىز ئۆرە تۇرۇپ سېكىرتارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. ئېھتىمال ئۇلار ئۆمرىدە ئەڭ ئامراق دادىسىدىن چېقىمچىلىق قىلغىنى ئۈچۈن يىگەن بۇ تەستەكنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارماسلىقنى ئويلاۋاتقاندۇ، ياكى نادان ئادەمنڭ دېھقان بولۇشقىمۇ سالاھىتى توشمايدىغانلىقىدىن ھەيران قېلىۋاتقاندۇ.
يولدا ماڭغاچ بالىلار دادىسىدىن، - دادا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۇزدىغان ئادەم سىزنىڭ باشلىقىڭىزمۇ؟ ھەربىيمۇ ياكى ھاكىممۇ... بالىلارنىڭ سۇئالى جاۋاپىسىز قېلىۋەردى. بىز سېرىقبويا بازىرىغا كىلىپ، «دىيانەت تاللا بازىرى»دىن ساقلىقىنى ساقلاش قۇۋەت يىمەكىلىكلىرى ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالدۇق.
-          گۈلنىسا مۇئەللىم شامنى ئۆچۇرۇپ بولۇشىغىلا مەمتىمىن زونۇن ئورنىدىن تۇرۇپ، - «بۈگۈن مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە قاتنىشۋاتمەن. باللىرىم بىلەن بىرلىكتە مۇئەللىمىم گۇلنىسا ۋايىتنىڭ 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. مۇئەللىم سىزنىڭ مەڭگۈ مۇشۇنداق سالامەت، خۇشال- خۇرام تۇرمۇش كەچۇرۇشىڭىزگە تىلەكداشمەن.ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن، كونىلار «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دەپتىكەن، مىنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى خىزمەت شارائىتى، تۇرمۇش شارائىتىغا ئىرىشىشىمنى سىزنىڭ قۇلۇمنى تۇتۇپ، ساۋادىمنى چىقىرىپ، ئۆز بالىڭىزغا كۈيۈنگەندەك كۈيۈنۈپ، تەربىيلىگەنلىكىڭىزنىڭ نەتىجىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مىنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنلىرىمنىڭ تۇنجى ئاساسىنى ياخشى سېلىپ، دىلىمغا ئېلىم ئۇرۇقىنى چاچقان 1- سىنىپتىكى مۇئەللىمىم گۈلنىسا ۋايىتنى مەڭگۈ ئاتا- ئانامدەك ھۆرمەتلەيمەن. باللىرىممۇ شۇنداق قىلىدۇ.» دىگىنچە ئىككى ئوغلىغا مەنلىك قاراپ قويدى. ھەمدە سۆزلەۋىتىپ، ئوتقاشتەك قىپقىزىل بىر دەستە ئەتىرگۈلنى ئوقۇتقۇچىسىغا سۇندى. رېستۇران ئىچىدە ئالقىش، تەشەككۇر، مەدىھلەر ۋە چاۋاكلار ياڭرىدى. گۇلنىسا ۋايىت مۇئەللىمنىڭ بۈگۈنكى بۇ ئەھمىيەتلىك تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈشكە ئۇنىڭ دوسىتلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىدىن بۇلۇپ، 15-20 نەپەرگە يېقىن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارمۇ قاتناشقان ئىدى، بۈگۈنكىدەك ئەھمىيەتلىك تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە قاتناشقاچقىمىكىن ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرىدىن خوشاللىق يېشى سىرغىدى. ئۇنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، رېىستۇراندا « تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن»، « مۇئەللىم»، « كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ۋەتەن» قاتارلىق ناخشىلار ئوقۇلدى، زال ئىچى مىھمانلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، باشقا جوزىدا ئولتۇرغان مھمانلار مەمتىمىن زونۇننىڭ 1-سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ 60 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە ھەيران بولغان ھالدا، قولىدىكى چوكىلىرىنى ھەركەتتىن توختۇتۇپ، بىزنىڭ جوزا تەرەپكە ھەۋەس بىلەن قاراشتى. مەمىتىمىن زۇنۇن  مېھمانلار جوزىغا رەتلىك قويۇلغان سەي، تاماقلارغا ئېغىز تەككۈزگەندىن كىيىن، ئوقۇتقۇچىسى گۇلنىسا ۋايىتنى ئۇسۇل، تانسىغا تارتتى، زالدا يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭرىدى، سورۇن ئەھلى ئارقا- ئارقىدىن ئۇسۇل ۋە تانسا ئوينىشىپ، بۈگۈنكى بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى بىرلىكتە قۇتلۇقلىدى. بىز ئىككى سائەتكە يېقىن بۇ ئەھمىيەتلىك تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە قاتناشقاندىن كىيىن رېىستۇراندىن ئۇزىدۇق، مەمىتىمىن زۇنۇن ئوقۇتقۇچىسى گۇلنىسا مۇئەللىم ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. بىز ناھىيە بازىرىغا قاراپ يول ئالدۇق.
-بالىلىرىم، ھازىر بىزنى يولدا تۆت بۇلاڭچى توسىۋېلىپ، - بىر ئادەم پەقەت بىرلا نەرسىنى ئېلىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەت ، بولمىسا جېنىڭنى ئالىمەن دىسە،  بىز نىمىنى ئېلىپ چۈشۈپ كەتسەك بولىدۇ؟
-پۇلنى، پىچىنە- پىرەنىكلەرنى، مىنىرال سۇنى، يوتقان- كۆرپىنى، .....، بالىلار توختىماي جاۋاپ بەردى.
-توغرا ئەمەس، كىتابلارنى ئېلىپ چۈشۈپ كىتىش كېرەك، چۈنكى، كىتاب بولسا ئۇنى ئوقۇش ئارقىلىق ئەقىل تېىپپ، پۇلنىمۇ، ماشىنىنىمۇ، يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. كىتاب ئوقۇپ كۆپ بىلىم ئىگەللىسە، مۇشۇنداق ماشىنىنىمۇ ياسىغىلى بولىدۇ، شۇڭا، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ قانچە كۆپ كىتاب ئوقۇسا، كۆپ بىلىم ئىگەللىسە شۇنچە ياراملىق ئادەم بولغىلى بولىدۇ، بالىلىرىم.
- دادا، مەن تەتىلدە يىققان پۇللىرىمغا 100 مىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟ دىگەن كىتابتىن بىر يۈرۈش ئالىمەن،- دىدى چوڭ ئوغلى ئۇنىڭغا ئەكىلەپ تۇرۇپ.
مەن ئۇنىڭ بىلەن مەنىلىك كۆز ئۇچراشتۇرۇپ قويدۇم.
يەھۇدىلارنىڭ بالىلارنى كىتابقا قىزىقتۇرىدىغان بۇ خىل تېپىشماق ئېيتىش ئۇسۇلىنى مەنمۇ ياقتۇراتتىم. بىز يۇقارقىدەك تېىشماقلىق پاراڭلار بىلەن مېڭىپ، 100 كېلومىتىر يولنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولدۇق.
- دادا مارالبىشىدا توغراق بارمۇ، توغراق قەيەردە بار؟
- توغراق مارالبېشىنىڭ تۆت چوڭ تەبئى بايلىقىنىڭ بىرى بالىلىرىم. مارالبېشى موگوسى، چۇچۇكبويا، لوپنۇر چىگىسى، توغراق مارالبېشىنىڭ تۆت گۆھىرى. مەن ھلىلا سىلەرگە توغراقنى كۆرسىتىپ قۇيۇمەن.
ماشىنا يول بويىدىكى قويۇق توغراق ئورمانلىقىنىڭ ئىچىدە توختىتىدى. ئۇ ناھايىتى ئەستايدىللىق بىلەن  بالىلىرىغا چۈشەندۇردى.
- توغراق مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. سۇ بولمىسىمۇ، چۆل باياۋانلاردا جەسۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. باشقىلارنىڭ سۇ قۇيۇپ پەرۋىش قىلىشىنى ساقلاپ كۈتۈپ تۇرمايدۇ. تاما قىلمايدۇ. قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ قەيسەرلىك بىلەن تىك تۇرۇپ ياشناپ تۇرىدۇ. ئەگەر مۇشۇ توغراقلار يشىل توساق بولۇپ، ئاۋۇ قۇم دۆۋىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرمىغان بولسا بايىقى يوللارنى، ئۆيلەرنى، گۈزەل ماكانىمىزنى شامال بورانلارنىڭ تەسىرىدە قۇم كۆچۈپ تەكلىماكاندەك قۇم ئاستىدىكى شەھەرگە ئايلاندۇرۇپ قوياتتى. مەن سىلەرگە دىسەم باللىرىم، توغراق تەبىئەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بايلىقى، ئۇ بىزنى قوغداۋاتىدۇ. بىزگە ساپ ھاۋا، ياخشى موھىت، گۈزەل مەنزىرە ئاتا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ھەممە كىشى تەبىئەتنى، توغراقنى ئاسرىشى، قوغدىشى كېرەك. بىز شۇنداق قىلالىساق ئاندىن مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن قۇمنىڭ ئاستىدا ھالاك بولىمىز. توغراق مۇشۇنداق ئۇلۇغ، قەيسەر بولغاچقا، مارالبېشىلىقلارنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. توغراقنى ئاسىرىغانلىق، سۆيگەنلىك مارالبېشنى سۆيگەنلىك، مارالبشىنى سۆيگەنلىك سىلەر مەكتەپتە ئۈگەنگەن ۋەتەننى سۆيۈش دىگەننىڭ ئۆزى شۇ. ئۆز يۇرتىنى، ئانا تۇپرىقىنى سۆيمىگەن كىشى قانداقمۇ ۋەتەننى سۆيىمەن دەپ چوڭ گەپ قىلالسىۇن، شۇنداقمۇ باللىرىم. ئۇ شۇنىڭغا قۇشۇپ، توغراق توغرىسىدىكى رىۋايەتنى سۆزلەپ، «توغراق تىك تۇرۇپ مىڭ يىل، يىقىلىپ مىڭ يىل، يەر ئاستىدا چىرىمەي مىڭ يىل تۇرالايدۇ»، دىگەنلەرنى ئېيىتتى.
چوڭ ئوغلى،- دادا مەن توغراققا قىزىقىپ قالدىم. سىز ماڭا بىر كۈنى مارالبېشىدىكى ئەڭ چوڭ توغراقنى كۆرسىتپ قۇيۇڭ،-دىدى. دادا بالا ئىككەيلەن بۇ توغرىلىق ۋەدىلەشتى.
- قاراڭلار بۇنىڭ ئىسمى يۇلغۇن، بۇنىڭ ئسىمى چاكاندا، ياۋا چىگە، بۇلارمۇ توغراققا ئوخشاش مۇشۇ زىمىننى كۆكەرتىپ ياشارتىپ تۇرىدۇ. بۇلارنىمۇ ئاسىرىشىمىز كېرەك. بىر شائىر مارالبشىنىڭ تاشلىرىنىمۇ گۇھەرگە ئوخشاتقان . مەن سىلەرگە مارالبېشى ھەققىدە يزىلغان بۇ مەدىھىيەنى ئۈگىتىپ قوياي، پىششىق يادلىۋېلىڭلار. - ئۇ شۇنداق دىگىنىچە، تايىر تالىپنىڭ «مارالبېشى» ناملىق شئېرىنى دىكلماتسىيە قىلدى.
مارالبېشى، راست مارالبېشى،
گۈھەر ئىكەن ھەرگىياھ تېشى.
بىر بېشىدا ياشنار «دۆلەتباغ»،
«ئاۋات» ئىكەن يەنە بىر بېشى.
«ئاقساقمارال» مەزمۇت مېڭىپتۇ،
«چوڭقۇرچاق »قا تولۇپتۇ ئاش ياغ،
«سېرىقبويا» بازىرى جەننەت،
گۈل پۇرايدۇ « ئاناكۆل» ،« چارىباغ».
مارالبېشى ئېزىز ۋەتەننڭ،
رۇخسارىغا ياراشقان زىناق.
ۋەيا بىرگۈل، گۈلباغ ئىچىدە،
گويا چېچىپ تۇرغان خۇشپۇراق.
بىز بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، يېزا بازىرىدىن كۆرۇنۇپ تۇرىدىغان بىر چوڭ قۇم دۆۋىسى يېنىغا كىلىپ توختىتىدۇق.
- قاراڭلار بالىلىرىم، بۇ قۇم دۆۋىسىنىڭ ئورنى ئەسلىدە ئاۋۇ يەردە ئىدى، كىچىك چاغلىرىمىزدا بالىلار بىلەن مۇشۇ يەردە چېلىشىپ، موللاق ئېتىشىپ سەكرىشىپ ئوينايىتتۇق، بۇ قۇم دۆۋىسى ناھايىتى ئىگىز ئىدى، ھازىر ھەم پەسلەپ كىتىپتۇ ھەم ئورنى يۆتكىلىپ كىتىپتۇ. نىمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ؟ چۈنكى، كىشىلەر بوز يەر ئاچىمىز دەپ ئەتراپتىكى توغراق ئورمانلىرىنى كىسىپ، قۇمۇرۇپ، نابۇت قىلىپ ېئتىز بەرپا قىلدى، ئورمانلىق ئارىسىغا ئۆي سېلىپ، يول ئېلىپ،تەبئى ئىكلوگىيىلىك مۇھىتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تەبىئەت بوۋاينىڭ غەزىپى كىلىپ، قۇمنىڭ بىر قىسمىنى يۆتكەپ ئەكەتتى،ئورمانغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەرنى قانۇن ئورۇنلىرى تۇرمىغا سولاپ، ئەدەپ- جاجىسىنى بىرىپ،جازالاپ ، قايتىدىن ئورنىغا ئورمان تىكىپ، يامان ئادەت، ئىللەتلەرگە ئىبرەت قىلىپ تەبىئى مۇھىتنى قوغدىدى. شۇڭا، ھازىردىن باشلاپ ئسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار، تاماق يەيدىغان چوكا چاغلىق ئورماننىمۇ سۇندۇرۇش، كىسىش، بۇزىۋىتىش قانۇنغا خىلاپ  ئىش جۇمۇ بالىلىرىم. ئەمدى مۇشۇ قۇمدا بىر دەم ئوينىۋېلىڭلار ئاندىن كىچىك چېغىمدا ئوقىغان مەكتىۋىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن،- بالىلار دادىسىدىن شۇنى كۈتكەندەك خوشال بولۇشقىنىچە ئىگىز قۇم دۆۋىسىگە يامىشىپ چىقىپ، قۇم ئۈستىدە موللاق ئېتىشىپ، سەكرىشىپ، ئىگىزدىن پەسكە سىرىلىپ راسا خوشال-خورام ئوينىدى. بالىلار يەنە دادىسىدىن بۇ يەرگە كۆپرەك ئەكىلىش توغرىسىدا ۋەدە ئېلىشىپ، بۇ يەردىن كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلىشتى.
-مەن ئوقۇغان سىنىپ مۇشۇ يەردە ئىدى، ناھىيەمىزدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ كىتىپ ئورنىغا ماۋۇ يېڭى سىنىپلار سېلىنىپتۇ، ھېلىقى سىلەر ئىئانە قىلغان 110يۈەن 40پۇڭ پۇلغا مۇشۇ سىنىپلاغا بور، ئۆچۈرگۈچ ئېلىپ ئىشلىتىپتۇ، ئوقۇتقۇچى- ئۇقۇغۇچىلار ھەر قېتىم خەت يازغاندا،-« بىز ئاپەتكە ئۇچرىغاندا بىزگە يېقىندىن يارىدەم بىرىپ، مېھرى-شەپقەت يەتكۈزگەن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز»- دەيدىكەن. سىلەر ئاپەت رايۇنىدىكى ساۋاقداشلىرىڭلارغا پۇل ئىئانە قىلىپ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش قىلدىڭلار، ئاشۇلار ئېيىتقان ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەڭ كىچىگى سىلەر ئىككىڭلار. ئادەم دىگەن باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، پىشكەللىككە يولۇقسا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارغا ئىللىقلىق، مىھرى- شەپقەت يەتكۈزىشىمىز، ئۇلارنىڭ روھى ئازابىنى يىنىكلىتىشىمىز كرەك. پۈتۈن دۇنيا مىھرى- مۇھاببەت، ئادىمىگەرچىلىك ، ياخشىلىق بىلەن تولسا ھەر قانداق ئاپەت، قىيىنچىلىق، مۈشكۈلاتلارمۇ قورقۇنچلىق ئەمەس، پەقەت شۇ چاغدىلا دۇنيا گۈزەللىككە تۇيۇنغان بولىدۇ، بالىلىرىم.
-دۆلەت، ئاپتونوم رايۇن300مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ مەدەت بەرگەچكە، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۇل ۋە ماددى نەرسىلەرنى ئىئانە قىلىپ، مىھرى- شەپقەت يەتكۇزگەچكە، يەر تەۋرەپ ئۆيلىرىمىز، مەكتەپ، دوختۇرخانىلىرىمىز ئۆرۈلگەن بولسىمپۇ، مارالبېشىلىقلارنىڭ روھى ئۆرۈلمىدى، ئۇلار يەنە توغراقتەك مەزمۇت تۇرۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۆيلەرنى، مەكتەپلەرنى، دوختۇرخانىلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، جەسۇرانە، تىز پۈكمەس ئىرادىسى بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرالىدى، سىلەر ئۆزۈڭلار يەتكۇزگەن ساخاۋىتىڭلاردىن پەخىرلەنسەڭلار بولىدۇ، سىلەر مىنىڭ پەخرىم.
- ئۇ شۇلارنى سۆزلەۋاتقاندا 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان چوڭقۇرچاق يىزىسىدا كۆرگەن مۇنداق بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كەلدى.
مەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتاۋىنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتىم، كەچلىك تاماقنى مۇخبىرلار بىلەن ئەمدىلا يەپ بولۇپ تۇرۇشىمىزغا بىرەيلەن ،- ئىككى ئۆسمۈر پۇل ئىئانە قىلغىلى كەپتۇ،-دىگەن خەۋەرنى ئېلىپ كىردى. بىردەمدىلا بۇ خەۋەرنى ئاۋال يېزىۋېلىشقا ئالدىرىشىپ، ئاپىراتلىرىنى كۆتۈرۈشكەن مۇخبىرلار تۇشمۇ-تۇشتىن ئىئانە تاپشۇرىۋلىش ئورنىغا ئولاشتى. ئىئانە قۇبۇل قىلىش ئورنىدا ئىككى نەپەر ئۆسمۈر بەش مو، ئىككى مو، بىر مولۇق پۇللىرىنى كىچىككىنە پۇل يىغىش ساندۇقچىسىدىن تۈكۈۋاتاتتى، يەتتە ياشلىق ئۆسمۈر كىچىك بولغاچقا ئىئانىنى خاتىرلەش جوزىسىغا بويى يەتمەي بوينىنى سوزۇۋاتاتتى، شاڭخەي گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر گېزىتى ۋە باشقا ئورۇنلاردىن كەلگەن مۇخبىرلار بۇ ئىككى ئۆسمۈرنىڭ ئانىسىنى زىيارەت قىلدى.
- بۇ ئۆسمۈرلەرنى سىز ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ؟ ئۇلار ئۆزى ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدىمۇ؟
- ئۇلار ھېيىت- بايراملاردا چوڭلار بەرگەن پارچە پۇللارنى ئوقۇش قۇراللىرى ۋە  ئويۇنچۇق ئېلىش ئۈچۈن يىققان ئىدى، تۈنۈگۈن كەچتە ئۇلار تېلىۋۇزۇردىن ئاپەت رايۇنىدىكى مەكتەپلەر، ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلىپ، ۋەيران بولغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرىتتا، داق يەردە، كىتاب، دەپتەرلىرىمۇ يوق ھالەتتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،- ئاپا، بىز يىققان پۇللىرىمىزغا دەپتەر، قەلەم ئېلىپ، دادامدىن ئىبەرتىپ بەرسەك، دادام كىتاب، دەپتەرلىرى تامنىڭ ئاستىدا قالغان بالىلارغا تارقىتىپ بەرسە بولغۇدەك، ئۇلارنىڭ ھىچنىمىسى يوق تۇرۇپمۇ يەنە ئوقۇغىلى تۇرۇپتۇ، ئۇلار بەكلا بىچارە بۇلۇپ قاپتۇ، مەن دادامغا دەپ باقايچۇ ئاپا، -دەپ مەندىن سورىدى-دە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەۋاتقان دادىسى بىلەن تېلىفۇندا كۆرۈشتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تەلىۋىنى دادىسىغا ئېيتىپ، مىنىڭ ئاپەت رايۇنىغا ئاپىرىشىمنى ئۆتۈندى، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئاكا- ئۇكا ئىككەيلەننى باشلاپ كەلدىم.
- چوڭىنىڭ ئىسمى  فىردەۋس مەمىتىمىن، يېڭىشەھەر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ  5-يىللىق 2-  سىنىپىدا ئوقۇيدۇ، كىچىگىنىڭ ئىسمى  كەۋسەر مەمىتىمىن2 - يىللىق 4– سىنىپتا ئوقۇيدۇ، ھەر ئىككىلىسىنى كىچىگىدىن باشلاپلا خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتقان ئىدۇق،- دەپ جاۋاپ بەردى ئۇلارنىڭ ئاپىسى خەيرىگۈل مۇخبىرلارنىڭ كەينى- كەينىدىن سورىغان سۇئاللىرىغا خەنزۇچە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا. ئۇلارنىڭ كىشىنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدىغان تەسىرلىك ئىشلىرى تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە تەشۋىق قىلىندى....
ئۇنىڭ بۈگۈنكى بۇ ئەھمىيەتلىك تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە قاتناشقان ئىككى ئوغلى 2003-يىلى «ئەڭ كىچىك ساخاۋەتچىلەر» دەپ تەشۋىق قىلىنغان فىردەۋس مەمىتىمىن بىلەن كەۋسەر مەمتىمىن        ئاكا- ئۇكا ئىككەيلەن ئىدى.
-  سىز بۇ ئىشلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئويلاپسىز، مەن بىر قېتىملىق پەرزەنت تەربىيلەش توغرىسىدىكى ئەمەلىي دەرىسكە قاتناشتىم، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، ئانا يۇرىتنى، تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى ئاسراش، باشقىلارغا يارىدەم بىرىش، كىتابنى قەدىرلەپ، كۆپ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش، قانداق خاراكتىر، مىجەز يىتىلدۈرۈش ھەممىسى يۇغۇرۇلۇپ كەتتى، بەك ئەستايىدىل بۇلۇپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟
- كونىلار ئالدىنقى ھارۋا، كىيىنكىگە نىشان بولىدۇ، دەپتىكەن. بالىلار گويا بىر كۈچەت، ئاتا-ئانا بىلەن ئوقۇتقۇچى بۇ كۈچەتنى پەرۋىش قىلىدىغان باغۋەن، بۇلۇپمۇ، ئاتا- ئانىنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولىدۇ. ئىككى يىل بۇرۇن مەن كىچىك ئوغلۇمدىن،- تەرخەمەك قەيەردىن كەلگەن؟- دەپ سورىسام،- بىزنىڭ توڭلاتقۇدىن،-دەپ پەرۋاسىزلا جاۋاپ بەردى، ئۇنى يەنە يېزىغا ئېلىپ بارسام كىپەز ئېتىزىدىكى كىپەز غوزىسىنى چىشلەپ بېقىپ، دەرھال تاشلىدى-دە،- دادا، بۇنى يىگىلى بولمايدىكەنغۇ؟-دەپ سورىدى. بۇ ئىككى ئىش ماڭا ئىنتايىن قاتتىق تەسىر قىلدى. مىنىڭ ئۇقۇشىمچە بۇ بالىنى ئوقۇتقۇچىسى بەك ماختايىتتى، سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇۋاتىدۇ، دەپ تۇنۇشتۇراتتى. دىمەك، ھازىرقى مائارىپ شارائىتى بالىلارنى پۈتۈن زىھنى بىلەن بىرىلىپ ئوقۇشنىلا تەشەببۇس قىلغاچقا، بالىلارنىڭ تەبىئەت ، جەمىئەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئاز بولۇپ قېلىپ، بالىلارنىڭ يىتىلىشى بىر تەرەپلىمە، كىتابباز، ساپاسى ئەتراپلىق يىتىلمىگەن ھالەتتە تۇرۇپ قالىدىكەن، شۇڭا بۈگۈنكىدەك بىر قېتىملىق ئەمىلى تەربىيىنى داۋاملىق ئېلىپ برىش زۈرۈركەن ، دەپ قاراپ مۇشۇنداق قىلدىم. بىز ئاتا- ئانىلار بالىلارغا سۇ ئۈزۈش، تاماق ئىتىش، ئۆرۈپ- ئادەت، ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخى ..... ھەممىنى بىر- بىرلەپ ئۈگەتسەك، كۆپرەك سىرىتلارغا بىللە ئېلىپ چىقىپ، تەبىئەت، ئىكولۇگىيلىك مۇھىت، زىرائەتلەرنىڭ ئۈسۈپ يىتلىشى، تۇپراق، ئاسترونۇمىيە قاتارلىق جەھەتلەردە قۇربىمىزنىڭ يىتىشچە تەربىيلىسەك، تەربىيە جەريانىدا ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولساق، بالىلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرماي، بالامنى ئانىسى تەربىيلەۋاتىدۇ، مەن ئارتۇقچە ئارلاشمىساممۇ بولىدۇ، دەپ قارىماي ئاتا بولغۇچىلارمۇ باللىرىمىزغا ئاتا مىھىرى ۋە ئائىلە مېھىرىنى ھىس قىلدۇرۇپ، بالىلىرىمىزنى  ئۆزىمىز بېقىپ، ئالدىراشلىقنى باھانە قىلماي، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئەتراپلىق تەربىيەلىسەك، بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە پىسخىكىسىنى، قىزىقىشلىرىنى كۈزىتىشكە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق، بالىلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ئارقىلىق ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە، مىللەتنىڭ، كىلەچەكنىڭ ھالاك بولۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ،- دەپ قارايمەن،- دىدى  ئۇ ماڭا قاراپ.
مەن ئۇنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان ئۇسۇلىغا، بىلىمىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.
بىز ئەھمىيەتلىك پاراڭلارنى قىلىشىپ ناھىيە بازىرىغا كىلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيمايلا قاپتۇق.
مەن ياش بىر دادىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئەستايىدىللىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ېەرزەنتلىرىنى ئەمەلىي تەربىيىلىگەنلىكىدىن ئۇنىڭ بالىلىرىغا قۇچاق ئاچقان گۈزەل كىلەچەكنى كۆرگەندەك بولدۇم.   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 18:39  


Rank: 1

ئىسىمى
شەيدا
تىللا
40
تۆھپە
18
UID
6041
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹توغراق›› نىڭ بۇ تىمىسىدن تۇلىمۇ سۆيۈندۇم !  ئەدەپسىزلىك بىلەن ئائىلە تەربىيسى توغرىسىدىكى بىر لېكسىيە ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم.  تورداشلارنىڭ بۇ تىمىغا يانداش ئاڭلاپ بەلگىلىك ئائىلە تەربىيسىگە ئىگە بولىشىغا تىلەكداشمەن . http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=7991


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
توغراق
تىللا
298
تۆھپە
65
UID
95
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيدانىڭ ئائىلە تەربىيەسى توغرىسىدىكى يوللىغان تېمىسىغا كۆپ رەھمەت! مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئاڭلىدىم. ئۆزۈمدىكى پەرزەنت تەربىيەسى توغرىسىدىكى بەزى كەمچىلىكلەرنى ئۇقىۋالدىم. كۆپ رەھمەت!!


Rank: 4

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
255
تۆھپە
91
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا تەشەككۈرياخشى يىزپسىز، بۇھەقىقەتەنمۇ ياخشى تىما  بوپتۇ،


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1210
تۆھپە
901
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا تەشەككۇر


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:27, Processed in 0.080499 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991