تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 4

ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلارغا بېغىشلايمەن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1471
تۆھپە
908
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر ئالدىراشلىق ئىچىدە بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتتى. يىلدا ئاران بىرنەچچە رەت كۆرۈشۈشمۇ، تىلفۇندا سۆزلىشىشلەرمۇ سېغىنىشنىڭ ئوتلىرىنى باسالمايتى.
كۆرەي دېسەممۇ كۆرىشەلمەيمەن. بەزىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ ئىلگىرىكى ئىشلارنى ۋە ھازىرقىنى ئويلاپ سېلىشتۇرغىنىمدا قەلبىمنى بىر خىل مەۋھۇملۇق ئۆز ئىسكەنجىسگە ئالىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قەلبىم ئېيىتقۇسىز ئىزتىراپلىق ئىچىگە چۈكىدۇ.
ھەممىمز ئۆز ئىشىلىرىمىز بىلەن ئالدىراش، ئۆز نىشانلىرىمىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىماقتىمىز.
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقوچە يەنە بىر باھار پەسلى يىتىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەتىراپىمدىكىلەر  ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش ئىلكىدە ئەتىراپىمىزدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە سەپسېلىشماقتا. لىكىن مەن ئەتىراپىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بىر خىل ئىپادىسىز ھالەتتە تىكىلمەكتىمەن. تۈگىمەس ئالدىراشلىق مىنى ئەنە شۇنداق ئەتىراپىمدىكى ئۆزگىرشلەرگە پەرۋاسىز قارايدىغان قىلىپ قويغاندەكلا.
قاراپ باقسام ئەتىراپىمدىىكى ھەممە ئادەم شۇنچە ئالدىراش، ھەر بىر ئادەم پۈتمەس-تۈگىمەس باھانىسى باردەكلا ئالدىرىشىپلا يۈرگەن، خۇددى نىمىشقا داۋاملىق مۇشۇنداق ئالدىراش يۈردىغىنىنى، بۇ ئالدىراشلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇقماي قېلىشىۋاتقاندەك؟
بىراق بۇنى بىلسەك، بۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ يەتسەك يەنە قانداق بولماقچىدى، يەنە شۇ پۈتمەس-تۈگىمەس ئالدىراشلىق ئىچىگە غەرىق بۇلماي ئامال يوق. ئالدىراشلىقتىن ئىبارەت بۇ كۈرۈنمەس تورنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشقا بىز يەنىلا ئامالسىز. خۇددى چۈمۈلىلەردەك ئالدىراش ئۆتكىنىمىز ئۆتكەن.
بىراق دوستۇم شۇنى ئۇنۇتماڭ، ئالدىراشلىق ئىچىدە قايمۇقۇپ ئۈزىڭىزنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشتىن ئاۋال يىراقتىكى ئاتا-ئانىڭىزغا، قېرىنداشلىرىڭىزغا تىلفۇن قىلىپ تىنىچلىق-ئامانلىق سوراپ قۇيۇڭ (گەرچە بۇ تىلفۇن ئاشۇ سېغىنىشلارنى باسالمىسىمۇ)، ھەرقانچە ئالدىراش بولسڭىزمۇ دوسلىرىڭلىرىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ قۇيۇڭ. چۈنكى بۇ كىشىلەر ھاياتىڭىزدىكى  ھەمسەپەرداشلىرىڭىز (ئۇلارنىڭ سىزگە قانچىلىك مەنزىلگىچە ھەمرا بولسشى مۇھىم ئەمەس)
جاھاندا ئالدىراشلىقتىن باشقا نەرسە چۇقۇم بار، ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، ئاشۇ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ئازغىنە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۈلۈپ قۇيۇشنى، دېرىزڭىزنىڭ كەڭ ئېچىۋىتىپ كەڭ ئاسمانغا نەزەر سېلىشنى چارچىغان نېرىپلىرىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ ئارام ئالدۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
باھار يىتىپ كەلدى، ھەممىز دېھقانلاردەك ئالدىراشلىق ئىچىگە كۈمۈلمەكتىمىز، ھەممىزگە كۈزدە دېھقانلاردەك مول-ھۇسۇل شادلىقىغا چۈمۈلۈش نسىپ بولغاي.
(بۇ يازمامنى ماڭا ئوخشاش چەت-يىراق يېزىلاردىكى ئاساسى قاتلامدىن ئىبارەت ئاشۇ پىچتا تاۋلىنىش نىسىپ بولغان «تەلەيلىك»لەرگە ئاتاپ يازدىم. كۆپچىلىكنىڭ تىنىنىڭ سالامەت كۈنلىرنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتىشىنى تىلەيمەن)


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 2

ئىسىمى
ئابدىريىمجان
تىللا
145
تۆھپە
43
UID
11900
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن .
بىكارچىنىڭ بىكار ۋاختى يوق دىگەندەك ، بەزى ئويۇن - تاماشىغا ۋاقىت تازا بار ،
دوسىت-بۇرادەر ، ئۇرۇق - تۇققانلار بىلەن كۈرۈشكىلى ۋاقىت يوق .
قەدىرلەيلى قەدىرلىگىلى بۇلىدىغان ۋاقىتتا .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1026
تۆھپە
748
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يىزا بازاردا خىزمەت قىلمىساممۇ لىكىن خىزمىتىم شۇنچىلىك ئالدىراش ، بەزىدە ئويلاپ كىتىمەن ئاياللار خىزمەت قىلمىسىمۇ بوپتىكەن دەپ ،  ياز كۈنلىرى بىلەن تەڭ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزمۇ شۇنچىلىك ئالدىراش بوپ كتىدۇ ،خىزمەت تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن تىپىرلاۋاتقان  بارچە دوسلىرىمغا  خوشاللىق ھەم سالامەتلىك تىلەيمەن ، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
686
تۆھپە
336
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي....بىز ئوقۇغۇچىلارمۇ ئالدىراشچىلىقتىن ئۆلەي دېدۇق...


ئېمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىۋەتتۇق...ھاھاھا...گەرچە كۆچۈرگەن بولساممۇ..

Rank: 6Rank: 6

تىللا
707
تۆھپە
449
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:25, Processed in 0.071029 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991