تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 210|ئىنكاس: 4

تەتۈرلۈك ( كۈلدۈرگە )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1471
تۆھپە
908
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىنسان ئۆمرىنى ئۇزارتقۇچى ، ھاياتلىق چىرىغىنى ياندۇرغۇچى دوختۇر بولىمەن . يېقىندا مەن ئىشلەيدىغان بۆلۈمگە بىر ئەر كېسەل كۆرسەتكىلى كەلدى . مەن بىمارنى تەكشۈرۈپ ، كېسىلىگە دورا بېرىش ئۈچۈن : « – ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇڭ» دېدىم . ئەمما ئۇ ئۆڭگەن ھالدا : « نېمىشقا ئولتۇردىكەنمەن ، سىز مېنىڭ ئولتۇرماسلىق ھوقوقىمنى تارتىۋالماقچىمۇ ؟ » دېدى . ئارقىدىن ئۇ يەرگە شالاققىدە تۈكۈردى ، مەن دەرھال ئۇنىڭغا : « يەرگە قالايمىقان تۈكۈرمەڭ » دەپتىمەن ، ئەمما شۇنداق دېگەن ئاغزىمغا بىر نەچچە كاچات ئۇرغۇم كەلدى . چۈنكى ئۇ ئادەم گېپىمنى ئاڭلاپلا : « تۈكۈرسەم يەرگە تۈكۈردۈم ، نېمە چاتقىڭىز ؟ سىز تۈكۈرشۈمنىمۇ باشقۇرامسىز ؟ قالايمىقان تۈكۈرمەڭ دەيسىز ، ئۇنداقتا تەرتىپلىك تۈكۈرسەم بولامتى ؟ » دەپ كايىپلا كەتتى . مەن ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قايناق سۇ قۇيۇپ بەردىم – دە : « قايناق سۇ ئىچىڭ» دېدىم . ئۇ كىشى : « سىزنىڭ بۇ گېپىڭىز پۈتۈنلەي سەپسەتە ، بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ، قايناق سۇ بىلەن سۇنىڭ مەنىسى بىر ، سۇنىڭ ھەممىسىنىلا ئىچكىلى بولامدۇ ؟ » دەپ سەكرەپلا كەتتى . مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ : « بۇ سۇغا زەھەر سالمىدىم ، خاتىرجەم ئىچىۋېرىڭ »دېدىم . ئۇ كىشى : « كىم سىزنى زەھەر سالدى ، دەپتۇ ، مەن سىزگە زەھەر سالدى ، دەپ تۆھمەت چاپلىغان ئوخشىمامدىمەن ؟ » دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىرغىلى تۇردى . مەن : « بۈگۈن ھاۋا خېلى ئوچۇق – ھە » دېدىم گەپنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن . ئۇ كىشى دەرھاللا :« ئاغزىڭىزغا كەلگەننى جۆيلۈمەڭ، بۇ يەردىكى ھاۋا ئوچۇق بولغىنى بىلەن دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ھاۋانىڭ ئوچۇق بۇلۇشى ناتايىن » دېدى . كېسەل كۆرسەتمەكچى بولغان باشقا كىشلەر ئىشىك ئالدىدا ئۆچۈرەت تۇرۇۋاتاتتى . مەن چىدىماي ، ئۇنىڭغا :« بۈگۈن ئۆيىڭىزگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ ، ئەتە ئەتىگەندە كېلىڭ » دېدىم . ئۇ ماڭا « سىزنى ماڭا ‹ ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىڭ › دەيدىغان ھوقوقىڭىز يوق . بۇ ج خ ئىدارىسى ئەمەس ، مىلتىق بىلەن ئېتىپ تاشلاش تېخىمۇ قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ . مەن ھەرگىز كەتمەيمەن » دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرۇۋالدى . ئاخىر ئۇ باشقا دوختۇرلارنىڭ نەسىھەتى بىلەن بۆلۈمدىن چىقىپ كەتتى .
   تۈنۈگۈن كەچتە كىنوغا بارغاندىم ، ئاغىزى بېسىقماي سۆزلەيدىغان  بىر كاسكاسنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قاپتىمەن ، كىنو باشلىنىشى بىلەن تەڭ بۇ ئادەمنىڭ گېپى باشلاندى . يېنىدا ئولتۇرغان لايىقى بولسا كېرەك ، ئۇ قىزچاققا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا باشلىدى :
   ــــ سۆيۈملۈكۈم ، سىزنى ئويلىسام كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ ، مۇھەببەت ئوتىڭىز پات – پات يۈرىكىمنى كاۋاپ قىلىپ ، پۇچلايدۇ . سىز گۆش بولسىڭىز مەن ياغ ، سىز تاغ بولسىڭىز مەن بارغ ، سىز شىمالىي قۇتۇپ بولسىڭىز مەن جەنۇبى قۇتۇپ ، سىز ئاچقۇچ بولسىڭىز مەن قۇلۇپ ، ئىككىمىزنىڭ بىرىكمەسلىكى تەبئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ . ئەقىل – ھوشۇم جايىدا بولغاچقا ، سىزدەك چايغا چىلاپ ئىچىۋالغۇدەك چىرايى ، ئاي دېگۈدەك كۆزى ، ۋاي دېگۈدەك يۈزى بار چىرايلىق قىزنى قولغا چۈشۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتىمەن . بۇ مەن ئۈچۈنلا شەرەپ بولماستىن ، خەلقىمىز ئۈچۈنمۇ زور شەرەپ . بىز « ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس » دېگەندەك ، بىر – بىرىمىزگە كۆيۈشۈپ ، مۇھەببەت دەرياسىدا  بىللە ئۈزۈشۈپ تېپىشقان تېپىلماسنىڭ خورمىلىرىمىز . شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، مەن سىز ئۈچۈن پىچاق بسىدەك تىك تاغلارغا چىقىشتىن ، يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوت دېڭىزىغا كەينىچىلەپ سەكرەشتىن ، ئوكيانلاردىكى تەتۈر قاينامغا غەرق بۇلۇشتىن يانمايمەن. سىزنىڭ پەرىزاتتەك ھۆسىن-جامالىڭىز مېنى خۇددى ماگىنىت مەيدانىدەك ئۆزىگە تارتماقتا . سىز ئۈچۈن ھەر قانداق بالا – قازا بېشىمغا كەلسە يېڭىشكە تەييارمەن . ئالدىمىزدىكى شەنبە سىزنى چۇقۇم يوقلاپ بارىمەن ، مۇبادا يامغۇر يېغىپ قالمىسىلا …
   مەن تاقەت قىلالماي ، ئاخىر :« ئۇكام ، پارىڭىڭلارنى كىنو تۈگىگەندە قىلىشساڭلار قانداق ؟» دېدىم . كاسكاس يىگىت ئوتنىدىن تۇرۇپلا : « پاراڭلىشامدۇق ، كىنو كۆرەمدۇق ، قايتىپ كېتەمدۇق ئۆزىمىزنىڭ ئىشى ، ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارلاشماي ، كىنويىڭىزنى كۆرۈۋېرىڭ !» دېدى . مەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭ ھېلىقى كۈنى كىسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدىم .


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 2

ئىسىمى
ئابدىريىمجان
تىللا
145
تۆھپە
43
UID
11900
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بولغان ئىشمۇ يا ؟
ما گەپلەر ئەجەپ كەپتۇ ، تەتۈر بولغاندىمۇ ئاجايىپ تەتۈرلىكىنى پۇلغا ئالغان بىرسىگە ئۇچراپسىز .

دوسلىرىم بىلەن بولغان بەزى پاراڭلارنى دەپ بىرەي :
دوستۇم :-ئاداش ، تاماق يەيلىمۇ ؟ بۈگۈن نەدىن يەيمىز ؟
مەن :- ئاشخانىدىن يەيلى .
:-(سەت ھومايغان چىراي )نىمە يەيسە ؟
:-تاماق يەيلى .
:-قايسى تاماقىنى يەيسە دەۋاتىمە ؟(سەل ئاچچىقى كەلدى )
:-ياخشىراق تاماق يەيلى .
:-(غەزەپلىنىپ تۇرۇپ ) كۈزەمدىن يۇتە ۋە ماڭە !!!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
681
تۆھپە
425
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا بىر ساراڭغا ئۇچىراپسىزدە-ھە !!!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1337
تۆھپە
774
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇنداق ساراڭلار داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ


Rank: 1

تىللا
44
تۆھپە
18
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتۈرلۈكمۇ ياكى مۇتىھەملىكمۇ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:25, Processed in 0.077051 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991