تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 257|ئىنكاس: 6

ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن قىز[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
47
تۆھپە
14
UID
5535
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

XOHTEKIN

توزدەك رەڭدار ياسىنىپ،

گۈل-چىمەندىن گۈل ئېلىپ،

كۆك ئاسماندەك سۈزۈلۈپ،

ئوت يالقۇندەك چوغلىنىپ،

ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىز.


ئاي يۇلتۇزغا كۆز قىسىپ،

پەرىشتىدەك ئۇزلىنىپ،

باغ بوستاندەك گۈللىنىپ،

قۇياش كەبى نۇرلىنىپ،

ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىز.


يېشىل تارىم گۈلىنى،

بۇغدا سايرام كۆلىنى،

كارۋان يىپەك يولىنى،

تەكتىماكان چۆلىنى،

ئەتلەس ياساپ كىيگەن قىز.


مۇھەببەتكە تەلپۈنۈپ،

سۇمبۇل چاچلار يەلپۈنۈپ،

ھەسەن-ھۈسەن رەڭلىنىپ،

گۈل-چىچەكتىن ئەتلىنىپ،

ئەتلەس كىيىپ ماڭغان قىز.


شوخ يۈرەكنى كۆيدۈرۈپ،

نەۋباھاردەك سۆيدۈرۈپ،

ھەسەت يۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ،

شات- ھۇزۇردا كۈلدۈرۈپ،

ئەتلەس كىيگەن ئۇيغۇر قىز.


شاھ سەنەمنى ئەسلىتىپ،

پاك غۇرۇرنى ئويغىتىپ،

دەرت-پىراقنى پەسلىتىپ،

دىلدا ۋاپا  ئۇرغىتىپ،

مېھرى گۈزەل ئەتلەس قىز.


2012-يىل9-ئاپرېل(دىيارى كەلپىن)


Rank: 4

تىللا
449
تۆھپە
60
UID
5704
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئاتاپ  يازدىڭىزمۇ نىمە ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1036
تۆھپە
649
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزلىغان شىئېر بۇپتۇ. ھارمىغايسىز...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
593
تۆھپە
378
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتلەس كۇينەك كەيگەن قىز
ئاي بىلەن جامال تالاشقان قىز
ئۇيغۇرغا خۇپمۇ ياراشقان ئۇز
ئامىراق شۇڭا ئەتلەسكە ئۇيغۇر قىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1026
تۆھپە
748
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0.jpeg



يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2784
تۆھپە
768
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehrim يوللىغان ۋاقتى  2012-4-10 22:48


ما يوللىغان سۈرەتنى يېرىم كۆرۋېلىپ ئا قىز ھەجەپ پۇتىنى ئىگىز كۆتۇرۋاپتا دەپ تولۇق ئېچىپ قارىسام ئەسلى كۆينەكنىڭ ئىتىگىكەن ئەمەسمۇ ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 23:09  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1337
تۆھپە
774
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىېركەن ئەجرىڭىزگە رەخمەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:22, Processed in 0.076698 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991