تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 546|ئىنكاس: 7

قىزلار قانداق كىشىلەر بىلەن توي قىلسا پۇشايمان قىلماس؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
16
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                            ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ!

قىزلار كىم بىلەنلا توي قىلسا ھامان پۇشايمان قىلىدۇ

ھەرقانداق ئەرنىڭ بىرەر نام نىشان، مۇراد مەقسىدى بولغىنىغا ئوخشاش، قىزلارنىڭمۇ ئەرلەرنى تاللىشىدا مەلۇم ئوي پىكىرلىرى، ئۆلچەم بىرلىكلىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسلەن: ئىستىقبالى بولۇش، پىشقان بولۇش، كۆيۈمچان بولۇش…دېگەندەك. زادى قانداق ئەرگە ياتلىق بولغاندا كېيىن پۇشايمان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن دەپ تىللايدىغان ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغاندۇ؟ قېنى ئەمىسە، بىز بىر بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى!

پۇلى كۆپ ئەلەرگە ياتلىق بولغاندا:

يېيىشىڭىز ئېسىل تاماق، ئولتۇرىشىڭىز ئالىي ماشىنا، كاتتا ئۆي ئىمارەت، كىيىشىڭىز پۇزۇر، داڭلىق كىيىملەر، تاقىشىڭىز قىممەت زىبۇ زىننەتلەر… بۇ خىل تۇرمۇش ئەلۋەتتە يامان تۇرمۇش ئەمەستە؟!! كىم راھەت كۆرۈشنى خالىمايدۇ؟ كىم جاپانى خالايدۇ، دەيسىز؟! ئەمما، ئەرلەرنىڭ پۇل تېپىشى ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. پۇلى كۆپ ئەرلەر بىر بولسا كەچكىچە سودا قايناملىرىدىن بوشىيالمايدىغان سودىگەر، يا بولمىسا كەچكىچە زىياپەت ئولتۇرۇش، يىغىندىن بوشىمايدىغان كاتتا ئەمەلدار ئەرباب. سودىگەرنىڭ كاللىسىدا پايدا نەپتىن ئۆزگە نەرسە ئاز، كۈندە دىگۈدەك سالغان مەبلىغى بىلەن تاپقان پايدىسىنىڭ ھېساۋاتى، ئاستا ئاستا ئۆيدىكى ئىللىقلىقنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئەمەلدار پۇلدارلار بولسا كۈندە زىياپەت بولمىسا يىغىن دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆيدىكى ۋاقتى ئازدىن ئاز بولىدۇ. پۇلدار ئەرلەر تولىراقى ئاياللىرىنى ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ، ئۆزلىرى سىرتتا ئالدىراش يۈرۈيدۇ. بۇنداق ئەرلەرگە ياتلىق بولسىڭىز، سىزنىڭ شۇ تېلىۋېزورغا، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىغا ياتلىق بولغان بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ ۋاقىتتا، سىز چىداشنى، روھىي جەھەتتىكى بوشلۇققا چىداشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك، شۇ روھىي جەھەتتىكى بوشلۇقنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن ھاۋادەكلا بەخىتىنى، قەلبىڭىزدىكى ئاچچىقنى يۈتقاندەك يۇتۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

ناھايىتى قاملاشقان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا:

بۇ ئېنىقكى ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق. گەرچە ئۇ سومباتلىق يىگىت پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان، بەلكىم پەقەت سىز يالغۇزلا بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ھەم باشقا قىزلارنىڭ ھېچنىمىگە قارىماستىن، پىدايىلارچە قىلغان ھۇجۇملىرىغا ئۈلگۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ گۈزەل نازىنىنلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمۇ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك قاملىشىپ كېلىدۇ، تېز كېلىدۇ. توساپ توساپ بولالمايسىزدە، ئاقىۋەت تۇرمۇشىڭىزدىن ئاستا ئاستا مەسىلە چىقىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىز ئېيتىپ، ئۆزىڭىز ئوينايدىغان ئارتىسقىلا ئايلىنىپ قالىسىز، خالاس.

سىزگە ھەمرا بولالايدىغان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا:

ھەركۈنى سىزگە ھەمرا بولالايدۇ، ئۇنىڭ سىرتتىكى ئىشلارغا چىقارغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز، تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى ياخشى؛ سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، سىلەرنىڭ توي خاتىرە كۈنۈڭلار، ھەتتا ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىمۇ شۇنچە ئېنىق ئېسىدە تۇتىدۇ. ئۇ ھەركۈنى ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىدۇ،، يەنە بىر ئۈستەل ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، قورۇما قورۇيدۇ. سىزگە ھەمرا بولۇپ، بازار ئايلىنىدۇ، بالا بېقىپ، تەربىيىلەشنى بىلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر كۈنىڭىز ئۇنىڭ ياردىمىسىز ئۆتمەيدۇ، مانا بۇغۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولار؟! ئەمما، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ قابىلىيىتى ئادەمنى گۇمانلاندۇرىدۇ، شۇڭا ئانچە كۆپ ئىقتىسادى يوق، شۇڭا سىزنىڭ سىرتلاردا ئەرلەر بىلەن تەڭ جاپا چېكىپ، پۇل تېپىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ،، شۇندىلا سىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇشۇڭلار ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە خانىشتەك ئولتۇرۇپ، يولدىشىنىڭ تېپىپ بەرگەنلىرى بىلەن ناز كەرەشمە ئىچىدە ياشاۋاتقىنىنى، قوللىرىنىڭ پاختىدەك يۇمشاق، يۈزلىرىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ سىرتلاردا ئالدىراش يۈرۈپ يىرىكلەشكەن يۈزلىرىڭىز، قوپاللاشقان، قاتتىق قوللىرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ… يۈرۈگىڭىزنى چاشقان يىگەندەك بولىسىزدە، كۆڭلىڭىزدە، باشقىلار نىمە ئۈچۈن ئالماس ئەرلىرىگە تايىنىپلا راھەت ياشايدۇ، مەن نىمەدەپ تۆمۈر تەسەكتەك ئەر بىلەن جاپا تارتىمەن دەپ ئويلاپ ئازابلىنىسىز.

شىرىن سۆزلۈك ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا:

بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكەندە سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ھەر ۋاخ چاغ يۈرۈيسىز، بۇ خىل ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئارتۇقچىلىقنى بايقاشقا ئالاھىدە ماھىر كېلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر ئۆزگەرگەن چاچ پاسونىڭىز، ئالماشتۇرغان يىڭى كىيىملىرىڭىز، ھەتتا سۈرگەن لەۋسۇرۇخىڭىزنىڭمۇ باشقا ماركىغا ئالماشقانلىقى ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇدە، سىزنى ماختاپ قۇلاقلىرىڭىزغىچە قىزارتىۋېتىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ چوقۇم بىرنەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ؛ بۇ خىل تىپتىكى ئەرلەر بۇنداق شېرىن شىكەر سۆزلەرنى ھەر قانداق ئاياللارغا دىيەلەيدۇ، خۇددى سىزگە دېگەندەكلا. سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ بۇخىل گەپنى قانچىنچى بولۇپ ئاڭلىغىنىڭىزنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز. بۇنداق ئەرلەر سەل خەتەرلىك، سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز، باشقىلار بىلەن بىر يوتقاندا تەرلەشنىمۇ ئېغىر كۆرمەيدىغان بۇنداق ئەر سىزنى ئۆمۈرلۈك نادامەتتە قويىدۇ.

ئادەتتىكىدەك ئاددى ساددا ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا:

سىز ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭ سىزگە سادىقلىقىدا گەپ يوق، يىنىدىن ئۆتكەن ھەرقانداق قارا كۆز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ. ئەمما، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستىلىقى سىزنى چۆچىتىپ قويىدۇ، سىزنىڭ ئالغىلى خېلى ۋاقىت بولغان ئايىقىڭىزنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالىدۇ دە، يىڭى ئالدىڭىزما؟ دەپ قويىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن تىرناق لاكلىرىڭىزنىڭ قايسى رەڭگى بۇ ئاياققا ماس كېلىدىغانلىقىنى سورىسىڭىز، مەڭدەپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ھېسىياتقا كەمچىل ئەرلەر سىزنىڭ گۈزەل چىرايىڭىز، لاتاپەتلىك تۇرقىڭىز، ئۇماق خۇلقى مىجەزىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىشنى پەقەتلا بىلمەيدۇ.

تالانتلىق ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا:

بۇنى قانداق دېسەك بولار؟ تالانتلىق ئەرلەرنى ئالدى بىلەن ئىكى تۈرگە بۆلەيلى؛ بىرى ئۇتۇق قازانغان تالانت ئىگىلىرى. بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلغاندا، بېشىدا ئالامەت رومانتىك، گۈزەل بولىدۇ.. ئەمما، ئۇنداق تالانتى بار، ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر كونىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ھەرۋاقىت، گۈزەللىكنى قوغلىشىدۇ…يەنە بىرخىل تاللانتلىق ئەرلەر بولىدۇ، ئەمما بىر ئۆمۈر تەڭرىدىن زارلىنىپ، ھېچ ئىشنى بېشىغا ئېلىپ چىقالمىغان… بۇنداق ئەرلەر تېتىمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسىڭىز، شۇ بىللە تەڭرىدىن زارلىنىپ، باشقىلارنى تىللاپ، ھاياتتىن ئۈمۈدسىزلىنىڭ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ..ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىدىمۇ چاتاق چىقىپ، قۇرقۇنچلۇق بولۇپ قالىدۇ.

كەسپىي ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا:

ئاڭلىماققا يامان ئەمەس! مەسلەن؛ ئادوۋكات، دوختۇر دىگەندەك، تويدىن كېيىن نىمىلا ۋەقەگە يولۇقسا، يۆلەنگۈدەك، ياردەم قىلالىغۇدەك ئادەم بار. بۇ خىل ئەرلەر ساپالىق كېلىدۇ، ئادەتتە، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا يات ئىشلارنى قىلمىغىنىغا ئوخشاش، ئائىلىسىگە يات ئىشلارنىمۇ ئالدىراپ قىلمايدۇ… ئەمما، شۇ كەسىپنىمۇ سىزگە ئوخشاش ئايالى قىلىپ ئەمرىگە ئالغاندەك، چاقىرتىلغان زامان نەدە بولمىسۇن، كېتىپ قالىدۇ، بېرىپ كېلىشىنىڭ قارارى يوق بۇنداق تۇرمۇش، سىزنى زېرىكىش ھېس قىلدۇرۇش بىلەن غېرىبلىق ئائىلەڭلارغا ياخشى بولمىغان نەتىجە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

مۇئەللىم ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا:

مۇئەللىم ئەرلەرنىڭ يۇقىرىغا ئۆسۈش پۇرسىتى يوقنىڭ ئورنىدا،سىزگە ئويلىمىغان مۆجىزىلەرنىمۇ ھەم بېرەلمەيدۇ، خىزمەتتە تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئالدىرىماي يامىشىدۇ. ياخشى يېرى پەقەت يىلدا ئۈچ ئاي ئۆي ئېرى بولۇش پۇرسىتى بار، بالىلارغا بىكارلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ.

سىز بەلكىم مۇنداق دېيىشىڭىز مۇمكىن:

ھەم پۇلدار، ھەم بىكار ۋاقتى كۆپ، ھېسىياتقا باي ھەم، ماڭا سادىق بىرسىنى تېپىپ توي قىلساملا بولمىدىمۇ؟ مۇشۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسام يەنە پۇشايمان قىلامتىم؟ ئۇغۇ شۇ، بۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز ھەرگىز پۇشايمان قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن! ئەمما، دۇنيادا نەدىمۇ بۇنداق تەلتۆكۈس ئەربولسۇن دەيسىز؟! بولغان تەقدىردىمۇ، سىز بىز ماس كېلىپ بولالمايمىز، چۈنكى، ئۆزىمىز ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەستە!! شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بىز پەقەت ئەنئەنىۋىرىمىزگە مۇخالىپ بولمىغان ھالدا، شۇ نىكاھىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، بۇنىڭدىن ھېچكىممۇ قۇتۇلالمايدۇ ئاخىر. چۈنكى، بىز ھەممىمىز كەمچىلىكىمىز ئارتۇقچىلىقىمىزدىن كۆپ ئادەملەردۇرمىز. بۇنىڭغا ئامال يوق، مانا بۇ تۇرمۇش!

ھەممىنى ئاللاھ بىلگۈچى سەۋەب قىلمىسا سىۋەتتە سۇ توختمايدۇ.

مەنبە:ئەنۋەر تورى   


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   13899196193 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 15:26  


Rank: 4

تىللا
214
تۆھپە
106
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قىزلار كىم بىلەنلا توي قىلسا ھامان پۇشايمان قىلىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟



Rank: 4

تىللا
214
تۆھپە
106
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىسىنى ئۆزگەتسىڭىز .............


Rank: 3Rank: 3

تىللا
105
تۆھپە
83
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگەنلىرىڭىز تولىمۇ ئۇرۇنلۇق ، بىراق ھەممە قىزلار پۇشايمان قىلىپلا ئۆتمەيدۇ . بەزى قىزلار ناھايىتى ئەسكى ئەرلەرگە تەگسىمۇ شۈكرى قىلىپ بىر ئۆمۈر شۇ ئەرنىڭ ئىنسابىنى تىلەپ ئۆتىدىغانلارمۇ بار .


Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
16
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laili82 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-10 14:12
دىگەنلىرىڭىز تولىمۇ ئۇرۇنلۇق ، بىراق ھەممە قىزلار پۇش ...

قىرىندىشىم دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق،لىكىن ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە تىمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغاندەك كۆز قاراشلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە  


Rank: 6Rank: 6

تىللا
681
تۆھپە
425
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن ،  مۇتلەق بولۇشى ناتايىن لېكىن كۆپىنچى ھالدا شۇنداق بولىدۇ .


Rank: 1

ئىسىمى
نۇرنىسا
تىللا
5
تۆھپە
3
UID
12669
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
دىگەنلىرىڭىز تولىمۇ ئۇرۇنلۇق ، بىراق ھەممە قىزلار پۇشايمان قىلىپلا ئۆتمەيدۇ .جەمىيتىمىزدە بەزى قىزلار ناھايىتى ئەسكى ئەرلەرگە تەگسىمۇ شۈكرى قىلىپ بىر ئۆمۈر شۇ ئەرنىڭ ئىنسابىنى تىلەپ ئۆتىدىغانلار ھىلى ھەم مەۋجۇت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
645
تۆھپە
478
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بىچارىلەر. مەڭگۈ بەختلىك بولالمىغۇدەكتە. . . .




ئادەمنىڭ كۆسى قارنى قانچىلىك بولسا ئۇ ئېرىشىدىغان دۇنيا شۇنچىلىك بولىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:27, Processed in 0.076717 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991