ئىگىسى: dolqun

«لەگلەكچى بالا» فىلىمىنى ئىشلەش جەريانىدىكى سۈرەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
131
تۆھپە
63
UID
10059
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 20:55:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   2-قۋەتتىكى بوزتاغ ئەپەندىم:
   سىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىز بوزقىر ئەپەندىمگە ئوخشايدىكەن. بوزقىر بولۇشىڭىزمۇ مۈمكىن. مەيلى كىم بولىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، مۇسۇلمانلارغا [تالىبانلارغا] ھاقارەت يەتكۈزىدىغان دۇنيا قارىشىڭىزنى كىرگەنلە مۇنبەردە بازارغا سېلىپ يۈرمەڭ. تالىبانلار ھاكىمىيىتى يەر شارىدىكى بىردىن-بىر ئىسلام خەلىيپىلىگىدۇر. گەرچە، ئۇ تارىخقا ئايلانغان بولسىمۇ. بوزقىرنىڭ ۋارىيانتى بولىشىڭىزمۇ مۈمكىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئەپىلەشمەڭ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
97
تۆھپە
70
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 18:23:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورىمىزدا دىنى ئەسەبى كۈچلەر خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىكەن -ھە، مەيلى قايسى دىن قايسى مىللەت بولسۇن، ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولسا توغرا .
مۇسۇلمانلارنىڭ ھىسياتى بىلەن ھەپىلەشمەڭ دىگەن قانداق گەپ، تولىمۇ تەلۋە ئاڭلاندىغۇ يۇقارقى گەپ، سىز ئۇچتۇرپانلىق ئەمەسسىز؟؟؟


Rank: 3Rank: 3

تىللا
131
تۆھپە
63
UID
10059
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 02:59:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىنتىزار 520 :
     سىز ئاپغانىستان تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ قانداق ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، قانداق قەۋىملەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى، بوزتاغ ئەپەندىمنىڭ تالىبانلار ھەققىدە نىمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىر دەڭسەپ بېقىڭ. سىز كىمنى دىننىي ئەسەبىي كۈچ داۋاتىسىز؟ گېپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. سىز قايسى دىنغا ئېتىقات قىلىسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان چاغلىسىڭىز، يەنە نىمىلەرنى دېمەكچى؟ ھېلىغۇ بىر ئېغىز گەپكەن، بىر تىنىقتىنمۇ ھېساب ئېلىنىدۇ.....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
764
تۆھپە
274
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 04:20:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىر مىڭ ئىككىنچى كېچە.
  -ئەي بەختلىك شاھ ،- دەپ ھېكايىسىنى داۋام قىلدى شەھرىزاد،- ئاشۇ فېلىم ئىشلەش  نەقمەيدانىغا خېلى بىر مەزگىل زاھىر ھەم ماھىر بولغۇچى ھەممىدىن خەۋەردار بىر ئەرباب مۇنداق  رىۋايەت قىلغانىكەن.  
1.ئامېرىكا تەرەپ ئاممىۋىي رولغا چىقىدىغان دېھقان-ھۈنەرۋەن كاسىپلىرىمىزغا ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن خېلى يۇقىرى باھادا پۇل بەرمەكچى بولۇپتۇلەر. ئارىمىزدىكى ئاقىل  مەسلىھەتچىلەر بىزنىڭ بۇ ئادەملەرنىڭ باھاسىنىڭ بەك ئەرزان ئىكەنلىكىنى، قورسىقى تويسىلا بولىدىغانلىقىنى،خېلىلا تۆۋەن باھادا ھەق بەرسىمۇ رازى بولىدىغانلىقى،  ئۆزلىرى رولغا باب كېلىدىغان ئادەملەرنى ياللاشقا مەسئۇل بولۇش ھەققىدە ئاقىلانە تەكلىپ بېرىپتۇمىشلەر ھەم  رولغا چىققان دېھقان، كاسىپ-ھۈنەرۋەنلەرنىڭ دوللار خەجلىيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكا تەرەپ ۋاكالىتەن تارقىتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان پۇللاردىن  بىر دوللارنى بىر يۈەن خەلق پۇلىغا توغرىلاپ تارقاتقانمىش. بۇ شاپاق بۆك، نوغاي تۇماق رولچىلار بىكارلىق كېنوغا چىقىۋالغانغا خۇش بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، داۋراڭ سېلىپ مەسلىھەتچىلىرىمىزىنىڭ ئامېرىكىلىقلار ئالدىدىكى ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈپ،   بۇ ئەجنەبىيلەرنى بىز خەقكە ئىشەنمەيدىغان،  كېنو ئىشلەيمەن دەپ ئىككىنچىلەپ يۇرتىمىزغا ئاياغ باسالمايدىغان قىلىۋەتكەنمىش...
2. ئاۋۇ ئافغانلىق شۇم شۈنچىلىك ئەسكى، بەدخۇيلۇق بولۇپ، يانداشما رولغا چىقىدىغان قەشقەر بالىلىرىنى تولا ئۇرۇپ، ئاۋۇ كۆزگە كىرىپ كەتسە بەك خەتەرلىك بولغان سۈنئىي قارلارنى بالىلارنىڭ كۆزىگە تىقىپ خاپا قىلىپتۇمىش.ئاخىرى قەشقەر بالىلىرى توپلىشىپ كېلىپلا تازا دۇمبالاپ، بۇ شۇمنىڭمۇ ئوبدانلا دەككىسىنى بېرىپ قويۇپتۇمىش.
3.ئۈچ-تۆت يۈز مېتىرغا سوزۇلغان فېلىم ئىشلىگۈچىلەر ماشىنا ئەترىتى ھەر كۈنى تۇرالغۇدىن ئون كىلومېتېرچە يىراقتىكى جايغا بېرىپ فېلىم سۈرەتكە ئاپتۇمىش. ئاۋۇ ئامېرىكىلىق  باش رېژىسسور خانىم  قەشقەرنىڭ ئەسكى-تۈسكى ماللار بازىرىدىن سېتىۋالغان 70-يىللارنىڭ كەپتەر ۋېلىسپىتىگە مېنىپ، مۇشۇ ماشىنا ئەترىتىنىڭ بېشىدا يول باشلاپ مۇشۇ ئون كېلومېتر مۇساپىنى تاماملاپتۇمىش.
   4.كوللىكتىپ تاماق ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ ئامېرىكىلىقلار دوستلىرى ئىزدەپ كەلسە كوللىكتىپ تاماقنى ئۆزىلا يەپ، دوستلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ پۇلىغا مېھمان قىپتۇمىش. بىزنىڭ بۇرادەرلەر يوقلاپ كەلگەن دوستلىرى بىلەن كوللىكتىپ تاماقنى بەھۇزۇر يەپ، كوللىكتىپنىڭ ئىچىملىكى بىلەن قانغۇچە مېھماندارچىلىق قىلۋالغانمىش.
   5.ئامېرىكا باش رىژىسسورى فېلىمنىڭ ئەتراپىدىلا چۆرگىلەيدىكەن. بىر قۇتا مېنرال سۇنى كۆتۈرىۋېلىپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ رېژىسسسورلۇق قىپتۇمىش. جوڭگۇ تەرەپ مۇئاۋىن باش رېژىسسور ئالىي ئۈستەلدە پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ ئەتراپىدىكى بەش-ئالتە خىزمەتچىگە ئۈزۈلدۈرمەي: _قەھۋە! كولا! لۆڭگە! -دەپ ۋارقىراپ-جارقىراپ رىژىسسورلۇق قىپتۇمىش...
    ئەلقىسىسە، تاڭ ئاتتى. شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ELTUGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 04:48  



Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
287
تۆھپە
160
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 22:25:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنى ئىشلەپ بولغۇچە ئابلىز ئەپەندە نەچچە قىتىم ساقىلى ئۆسۇپ ساقال ئالغاندەك قىلىدۇ . ھى ھى .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
184
تۆھپە
69
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 13:36:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم دىيارىمىز قەشقەردە سۈرەتكە ئىلىنغان. بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 03:42:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇفىلىمنى تۇنجى كۆرگەندەئافغانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەنئىدىم.ئۇلارمەڭگۈ
روناق تاپالمايدۇ،ئاشۇنداق بىربىرىنى خورلاپ تۇگەيدۇ


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
747
تۆھپە
537
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 12:14:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەردە ئالسا بولىدۇ، بولسا ھوللىۋوت قەشقەر توغرىسىدا بىر كىنو ئىشلىسە بولاتتى.


Rank: 2

تىللا
68
تۆھپە
25
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:07:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن بۇ فىلىمنىڭ بىۋاستە قاتناشقۇچىسى.
    بۇ فىلىم 2006 - يىلى 9-ئايدىن 11-ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە قەشقەردە سۈرەتكە ئېلىنغان، 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان. ‹ لەگلەكچى بالا› نىڭ ئاپتورى ئافغانىستانلىق ئامېرىكا كۆچمىنى، بۇ رومان دۇنيادا خېلى شۆھرەت قازانغان. ئامېرىكىدا يۇقۇرى باھاغا ئېرىشكەن، بىراق جوڭگۇ ھۆكۈمىتى بۇ فىلىمنى ئىمپورت قىلمىغان، ئەمما مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزوردا كۆرسەتكەن، بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ كىنونىڭ %90 قەشقەردە سۈرەتكە ئېلىندى، كىنودىكى ئاممىۋى ئارتىستلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قەشقەرلىك كىشىلەر، ئاز بىر قىسىم پاكىستانلىق ۋە تاجىكلار بار.
كىنوغا قاتناشقان ئاممىۋى ئارتىستلارنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققى تاماقتىن سىرت 120 يۇەن. جەمئى 10000 ئادەم\ قېتىم قاتناشتى. بۇ كىنو گۇرۇپپىسىدا جەمئى 17 مىللەتتىن بولغان دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن كەلگەن خادىملار بار بولۇپ، كۆپ مىللەتلىك كىنو گۇرۇپپىسى دىيىشكە بولىدۇ.
    بۇ فىلىمدە يەنە مۇنداق ئادەمنىڭ ئاچىغىنى كەلتۈرىدىغان ئاشلارمۇ سادىر بولغان؛ ئۇيغۇر ئاممىۋى ئارتىسلارنىڭ بىر  كۈنلىكى 120 يۇەندىن پاكىستانلىقلارنىڭ 400 يۇەندىن بولغان، يەنە بىزنىڭ بەزى ئاممىۋى ئارتىست تاپىدىغان مۇئاۋىن رىجىسسورلىرىمىز ئاممىۋى ئارتىستلارنىڭ 120 يۇەن ئىش ھەققىدىن  50 يۇەننى چۆنتىگىگە سېلىپ ئۇلارغا 70 يۇەننى بەرگەن، بۇ ئىش كېيىن ئاشكارىلىنىپ قېلىپ ئاممىۋى ئارتىستلار(كۆپۈنچىسى بىچارە كەمبەغەل دېھقان) غەۋغا كۆتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلار ئالدىدا ئۆزىنىڭمۇ ۋە  كىنو گۇرۇپپىسىدا ئىشلەۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆككەن.


Rank: 1

تىللا
53
تۆھپە
9
UID
12115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:50:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yultuz0996 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 16:22
شۇنى دەڭلار  كىنوسىنى يوللاپ قويساڭلارچۇ؟

مىيەدە باكە:
www.Qutyar.net/MB/thread-3463-1-1.html
كۆرۈش:

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mr.Aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 23:43  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 12:08, Processed in 0.066280 second(s), 17 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991