تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 450|ئىنكاس: 9

ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى نەسرىدىن ئەپەندىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پولات315
تىللا
178
تۆھپە
67
UID
1955
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم


بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەدەبىيات دەرسىدە نەسردىن ئەپەندىم ھەققىدىكى لەتىپىلەرنى ئوقۇيتتۇق. ئۇ لەتىپىلەردە ئەپەندىمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇپ ، كۈچلۈكلەرگە دادىل قارشى تۇرۇشتەك قەيسەرانە روھى سۆزلىنەتتى. ئەپەندىم ئىجابىي ئوبراز ، باي بولسا ئۇچىغا چىققان ئاچكۆز، بېخىل سۈپىتىدىكى سەلبىي ئوبراز ئىدى.
ئامېرىكىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە   ‹‹ ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى ›› دېگەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن.
مەزكۇر ئوقۇشلۇقتا ئەپەندىم ھەققىدە مۇنداق ھېكايە بايان قىلىنغان:
ئەپەندىم بىر كۈنى بىر بايدىن قازان ئۆتنە ئالغان ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇ قازاننىڭ ئىچىگە يەنە بىر كىچىك قازاننى سېلىپ بايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، باي بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ كىچىك قازاننىڭ قانداق قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى سورىغان :
-سىز پەقەت بىر قازان ئۆتنە ئالغان ئىدىڭىز، ئەمدى قازان ئىككى بولۇپ قاپتىغۇ ؟
ئەپەندىم باينىڭ سوئالىغا ،- ‹‹ سىلى بەرگەن قازان بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغان مەزگىلىدە ماۋۇ كىچىك قازاننى تۇغقان ئىدى. شۇڭا، ئىككىسىنى قوشۇپلا قايتۇرۇپ بېرەي دېدىم ››، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ ئىككى قازاننى ئېلىپ قاپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەپەندىم بايدىن يەنە چوڭراق قازان بېرىپ تۇرۇشنى سوراپتۇ. بايمۇ ئىككىلەنمەي ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ قازاننى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئەپەندىم خېلى ئۇزۇنغىچە قازاننى قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باي تۇرالماي، ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
- قازاننى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدى، ھېلىغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدىڭىز ؟
- سىلىنىڭ قازانلىرى بۇرناكۈن ئۆلۈپ قالدى.
- نېمە ؟! قازانمۇ ئۆلۈپ قالامدۇ ؟
- قازان تۇغسا بولىدىكەنۇ ، ئۆلۈپ قالسا بولمامدۇ ؟!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان باينىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ، جىلە بولغانچە كېتىپ قاپتۇ.

ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر تېكىستنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ھېكايە ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپتۇ.

ئوقۇغۇچى : قازان دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: قازان ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال.
ئوقۇغۇچى : ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال دېگەن ئائىلىلەرگە خاس بولغان بۇيۇم ، بۇنى خالىغانچە باشقىلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇنداقكەن ئەپەندىم نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن يەنە قازان ئۆتنە ئالىدۇ؟
ئوقۇتقۇچى: چۈنكى ئۇ نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆيىدە مېھمانلارغا يەتكۈدەك ئاش – تاماق تەييار قىلغۇدەك قازىنى يوق. شۇڭا، باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا باي دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: باي دېگىنىمىز يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ، يېرى كۆپ ئادەم بولۇپ، كۆپىنچە باشقىلارنى ياللاپ يېرىگە ئىشلەتكۈزىدۇ.
ئوقۇغۇچى: بىز بۇ ھېكايىنى ياقتۇرمىدۇق ۋە بۇ ھېكايىدىكى بۇ ئىككى ئادەمنىمۇ ياقتۇرمىدۇق.ھەر ئىككىلىسى ئالدامچى، ئاچكۆز ئادەملەركەن. بۇنداق تېكىستلەر ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تەربىيىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇغۇچى: مېنىڭچە بۇ ئەپەندىم دېگىنى قارىماققا ئەقىللىقتەك قىلغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بىر ئەخمەق ئىكەن. شۇنىچە ئويلاپ قۇرغان قىلتىقى شۇ بىر كىچىك قازان بەدىلىگە بىر چوڭ قازانغا ئېرىشىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا قازان دەڭلار …
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭ باشقىلاردىن قازان ئۆتنە ئېلىپ ئىشلەتكۈدەك نامرات ئەھۋالغا قېلىشى بەرھەق ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئەجىر قىلماي ئېرىشىشنى خىيال قىلىدىغان، باشقىلارنى ئالداپ كۈن ئېلىشنى بىلىدىغان يارىماس ئىكەن…
ئوقۇغۇچى: ئەگەر ئۇ ئۆزىدىكى كىچىك قازاننى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، يەنە ئازراق ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپقان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازاننى ئالالايتتى. باشقىلارنى ئالداشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ …
ئوقۇتقۇچى : ئېيتقانلىرىڭىلار توغرا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ، ئەمگەكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك يولى.
ئوقۇغۇچى: يەنە بار، ئۇ ئەمدى باشقىلاردىن بىرنەرسە سورىسا، چوقۇم ھېچكىم ئۇنىڭغا بەرمەيدۇ.
ئوقۇغۇچى: شۇنداق، ئۇ باشقىلاردىن ئالغاننى قايتۇرماي، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدى.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا سىلەر بۇ ھېكايىدىكى بايغا قانداق قارايسىلەر ؟
ئوقۇغۇچى: بۇ باي بەك ئاچكۆز ئىكەن. ئەپەندىم بىرىنچى قېتىم قازان قايتۇرغاندا ھېلىقى كىچىك قازاننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن.
ئوقۇغۇچى: شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ پۇلى كۆپ باي بولغاندىن كېيىن نامراتلارنىڭ مۈلۈكىنى ئىگىلىۋالماي ، كۆپرەك خەيرى – ساخاۋەت قىلىشى، فوند تەسىس قىلىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك ئىدى.

مەنبە:بەشكېرەم مائارىپ تورى



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
952
تۆھپە
835
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ  ئىككى دۆلەتنىڭ  مائارىپ ساپا  كۆز قارىشىغا  قارىتا  سېلىشتۇرۇشكەنغۇ..


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
952
تۆھپە
835
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ  كىچىك چاغلىرىمىزدا  بۇنداق تەپسىلى  ئۈتەتتى  ھازىر  بۇنداق  تەپسىلى  چۈشىنىشلىك   دەرس  ئۆتىدىغان  مەكتەپ قالمىدى جۇمۇ...پەقەت  بىر ئوچۇق دەرس  ئورۇنلاشتۇرسا  ساختا  ئۈتۈپ قويامدىكىن،،،،،،،،،،،،،،،،ئوقۇتقۇچىلار  دەپتەر  بۇياش  بىلەن ئاۋارە...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1089
تۆھپە
879
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن......


سەكرا

Rank: 1

ئىسىمى
ھۆرىيەت
تىللا
13
تۆھپە
6
UID
12376
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك تېمىكەن


Rank: 3Rank: 3

تىللا
105
تۆھپە
83
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنى ئوقۇغاندىن كىيىن بىز باشقىلارغا قارىغاندا بەكلا دۆتمۇ نىمە دىگەن قاراشقا كەپ قالدىم . چۈنكى بىز ئۇقۇغان كىتابلاردىمۇ ئەپەندىم توغرىسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇنلار بارئىدى . بىراق بىز مۇئەللىمدىن بىرەر ئېغىز سۇئال سوراشقا پېتىنالماي ، مۇئەللىمنىڭ ئەپەندىم ياخشى ، باي ئەسكى دىگەن قارىشنىلا ئۆگىنىپتۇق ئەمەسمۇ .......


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پولات315
تىللا
178
تۆھپە
67
UID
1955
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laili82 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-10 17:18
مەن بۇنى ئوقۇغاندىن كىيىن بىز باشقىلارغا قارىغاندا بە ...

ئىددىيە يېڭىلىنىدىغان دەۋىر كەپ قالدى...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1026
تۆھپە
748
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن . چەتئەل بىلەن  ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىردىكى  يارقىن پەرىقلەرنى  بىر نەچچە ئىغىز سۆز بىلەن سۆزلەپ  يىغىنچاقلاپ بولالمايمىز................


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
3
UID
12657
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار نەسىردىن -ئەپەندىنىڭ ئەقىل -پاراسېتىگە قايېل بولماي تۇرالمايمىز ،لېكىن نەسىردىن -ئەپەندىنىڭ ئەقىل -پاراسەتلىك تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن كەمبەغەل بولۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاشمايمىز ،مانا بۇ بېزنىڭ مائارىپتىكى ئاجىزلىقىمىز .


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
2
UID
11104
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىلىسى ئالدامچى، ئاچكۆز ئادەملەركەنمىش تېخى ئامرىكىلىقلار ئەجەپ ئاخكۆڭۆل  ،ھازىرقى قايسى بىر ئۇرۇشتا ئامىرىكىنىڭ قۇلى يوق، ئېراقتىكى قىرغىچىلىقچۇ بۇنداق ئىشلار ئامرىكا ئۈچۇن ئۇيۇننىڭ ئورنىدىكى ئىشلارغۇ ئاشتا ئىشلىرنى دەرىسلىكىگە كىرگۇزۇپ ئۆتمامدۇ ئۇندا ئالدامچى ئاچكۆزلەرنى ئۆتكىچە ، ئامرىكىنىڭ باللىرى ئاشۇ مۇشتەك تۇرۇپ قاراڭلار ئاھۇ دەۋاتقان يالغان گېپىنى ياسالمىلىق قىلېپ ئۆزلىرى بەك ياخشىدەك ، ئامرىكا ھەقىقەتەن كۇچلۇك قايىلمەن لېكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاخكۆڭۆل ئەمەس ھەم ئۇلارنىڭ ھازىرقى بۇ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى تاپقان پۇللىرىمۇ ھەرگىز ئۇ ئوقۇغۇچىلار دېگەندەك ھالال ئەجىرقىپ تاپقان پۇللار ئەمەس ، ئەگەر ئامرىكىلىقلار راسلا شۇنداق ئاقكۆڭۆل بولغان بولسا ئامرىكا ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز دۆلەت بولغان بولاتتى ، ئامرىكا دۇنيادىكى ئەڭ كۇچلۇك دۆلەت ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ سەۋەبى بۇلىدۇ بۇنداق بىر كۇچلۇك دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن چوقۇم دەرىجىدىن تاشقىرى قاراكۆڭۈللۇك رەيىمسىزلىك كېرەك بۇنداق دېسەم ئۇلارنى تىللىغىنىم ئەمەس بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى خالاس ، بۇ قانۇنىيەت بۇيىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۇنكىدەك ئارقىدا قېلىشى ھەم نامىرات بۇلىشىمۇ ھەرگىز ئەجەپلەنگۇدەك ئىش ئەمەس .ھەقىقى مەنىدىكى نەسىردىن ئەپەندى پومچىكلاردىن ئېلىپ خەلىققە تارقىتىپ بېرىدۇ ھەرگىز ئۆزىنىڭ قىلىۋاممايدۇ مانا شۇسەۋەپتىن ئەپەندىم نامىرات . ئۇلار ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارتۇرمۇشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۇنىشىنى چۇشەنمەي تۇرۇپلا بىر كىچىك تېكىسقا ئاسالىنىپلا ئەپەندىمگە خاتا باھا بېرىپتۇ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:25, Processed in 0.077658 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991