شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ‹‹كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› ئاڭلىتىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى تەبرىكلەندى ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسىپ ئىستىلىنى تۈزىتىش ئىشخانىسى بىلەن شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىرلىكتە باشقۇرغان ‹‹كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› ئاڭلىتىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى تەبرىكلەش نەق مەيداندا ئاڭلىتىش پائالىيىتى 7 - ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى نەق مەيدان ئاڭلىتىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەكشۈرۈش نازارىتىنىڭ نازىرى قادىر نىياز، ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇختەر مەخسۇت، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۈسەن ئەمەت ھەمدە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق نازارەت، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ‹‹ كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› پىروگراممىسى 2011 - يىل يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ پىروگرامما ‹‹مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش، مۇلازىمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئالاقىلىشىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش›› نى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىلەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى خىزمىتىنى، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىززىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇش، تارقىتىش سۈرئىتى تېز بولۇش، ھەمتۈرتكىلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جايلار، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تارماقلار ۋە ساھەلەرنىڭ مەمۇرىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇختەر مەخسۇت سۆز قىلدى
ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇختەر مەخسۇت مۇنداق دېدى: ‹‹ كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ياخشى باشقۇرۇلىشىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە كۆڭۈل بۆلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىستىل تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ماكرولۇق جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، كونكرېت قوللىدى. ۋىلايەت، ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دەرىجىلىك كادىرلار ياخشى ماسلاشتى. كەڭ رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خەلق ئاممىسى يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇردى، كۆڭۈل بۆلدى ۋە قىزغىن ماسلاشتى. پىروگراممىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، نۇرغۇن ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلىدى. يولۇققان قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى دادىل ئىنكاس قىلدى.ئىستانسا مەسئۇللىرى ۋە پىروگراممىدىكى خادىملار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، خەلق ئاممىسىغا بولغان سەمىمىي مۇھەببەت ۋە يۈكسەك سىياسىي، كەسپى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نىشان، يىتەكچى ئىدىيەدە ۋە پىرىنسىپلارنى توغرا ئىگىلەپ، پروگراممىنى تېخىمۇ ياخشى، ئۈنۈملۈك، ئامما ھەقىقىي ياقتۇرىدىغان قىلىپ باشقۇرۇش ئۈچۈن، تىرىشىپ ئىزدەندى، نەتىجىدە پىروگرامما ئامما ياقتۇرىدىغان، ئىشىنىدىغان، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلاندى. شۇنداقلا بەلگىلىك تەسىرگە، نوپۇزغا ئىگە بولدى. مۇختەر مەخسۇت پىروگراممىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: پىروگراممىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ يەنىمۇ كەڭ دائىرىلىك قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋىلايەت - ناھىيەلەرنىڭ، نازارەت - ئىدارىلەرنىڭ تېخىمۇ يېقىندىن ماسلىشىشىنى، قوللىشى ۋە قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پىروگرامما خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق روھىنى كۈچەيتىپ، ھەرخىل يىپ ئۇچىلىرىنى ئوبدان ئىگىلەپ، تۆۋەنگە كۆپرەك چۈشۈپ، بىۋاستە ئەھۋال ئىگىلەشكە، نەق مەيدان زىيارىتى ئارقىلىق، بىرىنچى قول ماتېرىيال ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پىروگرامما باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، سىياسەت - بەلگىلىمىلەرنى پۇختا ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتكە ياتىدىغان ھالقىلىق، ماھىيەتلىك چوڭ ــ چوڭ مەسىلىلەرنى تۇتۇپ ۋە ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ياخشى دوستىغا، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلىنىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەكشۈرۈش نازارىتىنىڭ نازىرى قادىر نىيازسۆز قىلدى
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەكشۈرۈش نازارىتىنىڭ نازىرى قادىر نىياز مۇنداق دېدى: بەزى تارماقلار ۋە ساھەلەر ئۇيغۇرچە ‹‹ كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيتىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمەيۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇسكارلىق ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى قاتارلىقلار كۈچلۈك بولمايۋاتىدۇ؛ بەزى تارماقلار ۋە ساھەلەردىن بۇ پىروگراممىغا قاتناشقان ئايرىم ساندىكى خادىملار سىياسەت، قائىدە - نىزاملارنى دېگەندەك پىششىق بىلمىگەچكە، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا توغرا جاۋاپ بېرەلمەيۋاتىدۇ؛ بەزى ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان تارماق كۆپ، ھەل قىلىش قىيىن بولغانلىقى، تارماقلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى دېگەندەك زىچ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاممىغا ئىش بېجىرىپ بېرىشتىكى ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى دېگەندەك كۈچلۈك بولمايۋاتىدۇ. ‹‹ كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى››نى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ياقتۇرىدىغان پىروگراممىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇھىتنى ياخشىلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بۇرچى قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا باشتىن- ئاخىرى چىڭ تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى خىزمىتىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈپ يولغا قويۇۋاتقان خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر بىرقاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدڭلاشتۇرۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان ھەربىر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەممە ئىشنىڭ خەۋىرى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ‹‹كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› پىروگراممىسىنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۈسەن ئەمەت سۆز قىلدى
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۈسەن ئەمەت شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ‹‹كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› ئاڭلىتىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەقمەيداندىن ئاڭلىتىش پائالىيتىگە قاتناشقان رەھبەرلەر، مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ‹‹كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› پىروگراممىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ‹‹كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› پروگراممىسى - ئالاقە، مۇلازىمەت بىرگەۋدە قىلىنغان جامائەت پىكىرى نازارەتچىلىكى پروگراممىسى. ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسىپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە 2011 - يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي ئاڭلىتىشقا باشلىدى. ‹‹كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› پىروگراممىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى خىزمىتىنى چۆرىدەپ، توغرا جامائەت پىكىرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ، ‹‹ئاۋاممىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئەلرايىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەلرايىنى نامايان قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش›› باش مەقسىتىگە باشتىن - ئاخىرى ئەمەل قىلىپ، پارتىيە - ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇردى، ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەلرايىنى ئىگىلەشكە قولايلىق يارىتىپ، خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى يورىتىپ بەردى. بۇ پروگرامما سىياسەت توغرسىدا چۈشەنچە بېرىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا خېلى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قارىشى ئېلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە سازاۋەر بولدى. 
‹‹كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى گۈلباھار تۇرسۇن نەق مەيدان ئاڭلىتىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسىپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، ‹‹كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› پىروگراممىسىنى ئامما بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يقىنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش 
پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش

پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش

پائالىيەت ئاخىردا مۇناساۋەتلىك رەھبەرلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
|