كۆرۈش: 51782|ئىنكاس: 9

تەرجىمە فىلىم - پاراخوت(قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
171
تۆھپە
68
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 14:17:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

paraxot1.jpg


فىلىم نامى: Das Boot
ئۇيغۇرچە نامى: پاراخوت
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1981
ژانىرى: ۋەقەلىك / ئۇرۇش
دۆلىتى: غەربىي گېرمانىيە
تىلى: گېرمانچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
نەتىجىسى: 8.4 (43225 ئاۋاز)
ئۇلىنىش: http://www.imdb.com/title/tt0082096
فورماتى: rmvb     
ئۇزۇنلىقى: 293
رەزمى: 640x336
چوڭلۇقى:6CD/2.34GB

رېژىسسور: Wolfgang Petersen (ۋولفگاڭ پېتېرسېن)
سىنارست: Wolfgang Petersen
روللاردا:
             Jürgen Prochnow
             Herbert Grönemeyer
             Klaus Wennemann                 
             Hubertus Bengsch   
             Martin Semmelrogge  


كەسمىسى:





قىسقىچە مەزمۇنى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى:

     ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى يېقىنقى 100يىل مابەينىدە چوڭ-كىچىك بولۇپ 373 قېتىم ئۇرۇش پارتىلىدى. 100مىليون كىشى بۇ ئۇرۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلدى. بىۋاستە ئىقتىسادى چىقىم 5 تىرلىئۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. بولۇپمۇ ئىككى قېتىملىق مىسلىسىز چوڭ ئۇرۇش بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا 33دۆلەت قاتناشتى، 1 مىليارد 500 مىليون ئادەم ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى. بۇ پۈتۈن يەرشارى نوپۇسىنىڭ 3/2 قىسىمى ئىگىلەيدۇ، جەمئىي 21 مىليون ئادەم ئۇرۇشتا يارىلىنىپ ئۆلدى. يەنە20مىليون ئادەم كېسەل، ئاچارچىلىق ۋە ئۆي ماكانسىز قېلىپ جېنىدىن ئايرىلدى. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ زىيىنى بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدىنمۇ زور بولدى. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى 1939-يىلى 2-سېنتەبىر گېرمانىيىنىڭ پولشاغا ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. دۇنيا نوپۇسىنىڭ 5/4 قىسىمى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. 61 دۆلەت ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۆلگەن ئومۇمىي ئەسكەر سانى 27 مىليون بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 90 مىليون پۇقرا ئۇرۇشتا قازا قىلدى. پەقەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىدىلا ئۆلگەن ئومۇمىي ئادەم سانى 30 مىليوندىن، گېرمانىيىدە بولسا 10مىليوندىن ئاشىدۇ. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ئاساسلىقى قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز يۆنىلىشى بويىچە ئەڭ زامانىۋى قوراللار ئىشقا سېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز ئۇرۇشى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق توقۇنۇشقان مەيدانى بولۇپ قالدى. دېڭىز ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ U تىپلىق پاراخوتلىرى ئىتتىپاقداش ئارمىيىگە زور ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.

      1906-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيىلىكلەر دېزىل ماتورىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى قىلغان U تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتىنى ياساپ چىقتى. بۇ چاغدا دۇنيادا بۇ پاراخوتقا يېتىدىغان زامانىۋى پاراخوت تېخى ئىجاد قىلىنمىغان ئىدى. 1914-يىلى5-سېنتەبىر گېرمانىيىنىڭ U-21 سۇ ئاستى پاراخوتى بىر دانە تورپېدا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ «يول ئاچقۇچى» ناملىق پاراخوتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ 250 نەپەر ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. 1914-يىلى 22-سېنتەبىر گېرمانىيىنىڭ U-9 سۇ ئاستى كېمىسى بېلگىيىنىڭ دېڭىز بويىدا 90 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئومۇمىي ئېغىرلىقى 12مىڭ توننا كېلىدىغان 3 دانە ئېغىر قوراللانغان ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. پاراخوتتىكى 1500 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 1915-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگىچە گېرمانىيە U تىپلىق پاراخوتلىرى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ 600 دىن ئارتۇق سودا پاراخوتلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 1916-يىلى ۋە 1917-يىلى ئارىلىقىدا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1100 دانە ۋە 2600 دانىگە يەتتى. پەقەت بىر U-35 پاراخوتنىڭ ئۆزىلا 226 كۈرەشچى پاراخوتنى پاچاقلاپ تاشلىدى. پاچاقلانغان پاراخوتنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 500 مىڭ توننىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
      بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدا، گېرمانىيىنىڭ U تىپلىق پاراخوتلىرى چۆكتۈرۈۋەتكەن دۈشمەن سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 5906گە، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 13مىليون 200 مىڭ توننىغا يەتتى. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا U تىپلىق پاراخوت بىلەن چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ جەڭ كېمىلىرىنىڭ سانى192گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە كۈرەشچى كېمىنىڭ سانى 12، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ سانى 23، قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ سانى39، سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ سانى 30 بولدى. بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بولۇپ ياسىغان ئومۇمىي سۇ ئاستى كېمىنىڭ سانى 640دىن ئاشقان، پەقەت گېرمانىيىنىڭ ياسىغان U تىپلىق سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ سانىلا يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ پاراخوتلار ئىچىدە بولۇپمۇ U تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ سۇ ئاستىدىكى چەبدەسلىكى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئۇرۇشىدا بىر مەھەل نام چىقىرىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

       ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى پارتىلاشنىڭ ئالدى-كەينىدە گىتلېرنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئۇرۇش قوماندانلىرى U تىپلىق پاراخوتقا ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىدىغان ئاۋىئا*** ياساشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىر قىسىم قوماندانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچۇرغان. بىر قىسىم قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىرى گېرمانىيە پەقەت قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى ئاساس قىلىپلا پۈتكۈل ياۋروپانى تۆمۈر تاپىنى ئاستىغا ئالالايدۇ، ئۇنداق چوڭ پاراخوتنى ياساشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، U تىپلىق پاراخوتلا ئۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن U تىپلىق پاراخوت گېرمانىيىنىڭ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى، يەنى دېڭىز ئۇرۇشىدىكى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدىغان ئاساسلىق قورالى بولۇپ قالغان. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ سانى 496ئىدى. ئۇرۇش جەريانىدا 1669 نى ياسىغان، ياسالغان ئومۇمىي كېمىنىڭ سانى2100 دىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇرۇش مەزگىلىدە نوقۇل سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چۆكتۈرۈۋېتىلگەن كۆرەشچى پاراخوتلىرىنىڭ سانى 395كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۈرەشچى پاراخوت سانى 3، ئاۋىئا*** 17، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت 32، قوغلىغۇچى پاراخوت 122. ھەرقايسى تەرەپتىن چۆكۈپ كەتكەن مال توشۇغۇچى پاراخوتلارنىڭ ئومۇمىي سانى 5000دىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 20مىليون توننىدىن ئارتۇق. گېرمانىيە يەنىلا U تىپلىق ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز بويىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ سودا پاراخوتلىرى ۋە قوغدىغۇچى پاراخوتلىرىنى توختىماي ۋەيران قىلدى. گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ U تىپلىق پاراخوت ئادمىرالى كار دۇننىس ئاتالمىش «بۆرە توپى» ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئىجاد قىلدى. يەنى 12~6 بولغان سۇ ئاستى پاراخوتى بىر گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ، كۈندۈزى دۈشمەن سۇ ئۈستى پاراخوتلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈش، گۇگۇم چۈشكەندە ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئۆتۈش، كەچ بولغاندا ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن تورپېدا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش. 1940-يىلى 10-ئايدىلا 12 سۇ ئاستى كېمىسىدىن تەركىپ تاپقان بۆرە توپى 32 دۈشمەن پاراخوتىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ بىر مويىمۇ تەۋرەپ قويمىدى. 1941-يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيىنىڭ U تىپلىق پاراخوتلىرى پاچاقلاپ تاشلىغان ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ جەڭ پاراخوتلىرىنىڭ سانى 1150گە يەتتى. 1942-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 1600گە ئۆرلىدى. 1943-يىلىدىن كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە پاراخوت ۋە ئايروپىلانغا U تىپلىق پاراخوتتىن مۇداپىئەلىنىش رادار سىستېمىسىنى بېكىتىپ پاراخوتلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچراش نىسبىتىنى %65كە چۈشۈردى. 1944-يىلىغا كەلگەندە ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ پەقەت 200كېمىسىلا ۋەيران بولدى. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا گېرمانىيە جەمئىي 1131 سۇ ئاستى كېمىسى ياسىغان، ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ياسىغان 57سىنى قوشقاندا جەمئىي 1188 بولغان. بۇ كېمىلەر ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ 3500 پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن. 45 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەسكەر سانى 40 مىڭدىن ئاشقان. بىراق سۇ ئاستى كېمىسىدىكى 30مىڭ جەڭچى شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كېلەلمىگەن. ئۇرۇش ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن گېرمانىيىنىڭ 781 سۇ ئاستى كېمىسى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن. قالدۇق بىر قىسىم U تىپلىق پاراخوتلار ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېلىھەم گېرمانىيىنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
      سىز كۆرمەكچى بولغان بۇ فىلىم ئاشۇ ئۇرۇش قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن نەچچە مىڭلىغان U تىپلىق پاراخوتلارنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر پاراخوتنىڭ بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يەنە ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ سۇ ئاست كېمىسىدىكى تۇرمۇشىمۇ  جانلىق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان. مەزكۇر سۇ ئاستى كېمىسى ئۇرۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن فىلىم، 82-يىلى 6 تۈردە ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ھەمدە رېژىسسور ۋولفگاڭ پېتېرسېن (Wolfgang Petersen) تارىختىكى تۇنجى گېرمان تىلى فىلىمى بىلەن ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن نامزات بولدى. بۇ فىلىم پۈتۈن دۇنيا كىنو مەستانىلىرىنى قايىل قىلغان ھەمدە ئۇرۇش فىلىملىرىغا يىقىلماس ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. كىنوغا قىزىقسىڭىز بۇ تور بېكەتكە كىرىپمۇناسىۋەتلىك تەلەپنى ئورۇنداپ(فىلىمنى كۆرەلمەي ئەمما راستىنلا قىزىقسىڭىزتور بەت باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقە قىلىڭ، كوت-كوت نومۇرى 450363022)ئاندىن ھۇزۇرلىنىڭ، فىلىم قاتارىدىكى ئۈستىدىن سانىغاندا3-قۇردىكى فىلىم شۇ.



ھۆرمەت بىلەن قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

http://www.terjimefilim.com


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كارۋانىم
تىللا
3032
تۆھپە
871
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 15:44:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق فىلىملەرنى يامان ئەمەس كۆرۈپ قۇيىمەن،ئۇيغۇرچە خەتلىك بولسا كۆرمەي بولمايدۇ
قۇتيار تەرجىمە فىلىم گورۇپپىسىغا تەشەككۈر


سۇلايمان،ياخشىلىق،ئىزدىنىمەن....تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى كارۋانىم!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
397
تۆھپە
227
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 15:51:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئىنتىل http://www.intil.biz/home/forum.phpئېلان قىلغانغۇ دەيمەن...بۇرۇنقى تەرجىمە كىنوغۇ بۇ...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
397
تۆھپە
227
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 16:01:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىنتىل تور بېكىتىدە مۇشۇنداق كىنولارمۇ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. مەنمۇ  بىر خەتلىك كىنونى بۇ يەرگە قالدۇراي ،چۈشۈرۈۋېلىڭ:


بۇ فىلىم جەمىي 4 قىسىم ، چۈشۈرۈش ئادرېسى:

كىنو ئىسمى: ھىتلېرنى قەستلەش
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ئۆمەرجان ئەمەت ( ئەردەۋىل) ، تۇرغۇنجان ئېزىز ( بوغلان)
كوررېكتور ۋە مۇھەررىر: ئىنتىل، ئەردەۋىل، ئابرال.


شۈنلېيدا چۈشۈرسىڭىز تېز چۈشىدۇ.
  1. http://intil.kiyas.biz/bashqa/hitler/[www.intil.biz][Erdewil.Xetlik.Filim]Hitlerni.Qestlesh.CD1.rmvb
  2. http://intil.kiyas.biz/bashqa/hitler/[www.intil.biz][Erdewil.Xetlik.Filim]Hitlerni.Qestlesh.CD2.rmvb
  3. http://intil.kiyas.biz/bashqa/hitler/[www.intil.biz][Erdewil.Xetlik.Filim]Hitlerni.Qestlesh.CD3.rmvb
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-7 18:04  



Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
راخمانجان مامۇت
تىللا
189
تۆھپە
62
UID
642
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 16:04:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە خەتلىك ھالەتتە كۆرگەن ئىدىم ھەم چۈشۈرۈۋالغان ئىدىم. پات - پات كۆرۈپ قويىمەن.
ماۋۇ erdewil دېگەن ئىسىم ماڭا بەكلا تونۇشتەك قىلىدۇ. ئۇزۇن بولغان كۆرۈشمىگىلى. ئەگەر سىز مەن بىلىدىغان erdewil بولسىڭىز، سىزمۇ مىنىڭ ئىسمىمدىن مىنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ بولدىڭىز. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇچۇر بەرگەيسىز ئىنىم ......


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
397
تۆھپە
227
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 11:32:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆرەلمىدىمغۇ؟ فىلىمنى كۆرەلمەي ئەمما راستىنلا قىزىقسىڭىز تور بەت باشقۇرغۇچىسى كوت-كوت نومۇرى 450363022 بىلەن ئالاقە قىلىڭ دەپتۇ ، مەن بىر كۆرەي بۇ كىنونى . بەك قىزىقاتتىم مەنمۇ...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
397
تۆھپە
227
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 23:14:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاراخوت ( ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو)دېگەن كىنونى بۇ يەردىن  تولۇق چۈشۈرگىلى بولىدىكەنغۇ:
بۇ ئادرېتىكى ھەممە قىسىمنى تولۇق چۈشۈردىكەنمىز . كۆپ قىسىملىق ئىكەن.

http://d.1tpan.com/tp0499924653
http://d.1tpan.com/tp1022326863
http://d.1tpan.com/tp0299554673
http://d.1tpan.com/tp1960430619
http://d.1tpan.com/tp1583367130
http://d.1tpan.com/tp1051223610


ماۋۇسى ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش دېگەن ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو:
http://d.1tpan.com/tp1856368185


بۇ يەردىن ياۋاغاز پىدائىيلىرىنى ( ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو)چۈشۈرۈلەيسىز:
http://d.1tpan.com/tp1355326290
http://d.1tpan.com/tp0304738093


قەيسەر يۈرەك  ( ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو)دېگەن كىنو
http://d.1tpan.com/tp1275597641

ھىتلېر ناملىق كىنو ، ئۇيغۇرچ خەتلىك:
http://d.1tpan.com/tp1811042383
http://d.1tpan.com/tp1982079362



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-1 10:21  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6738
تۆھپە
3405
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 00:08:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«پاراخوت» نى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك،
مۇشۇ تاپتا مۇنبەر  تاقاپ ئاشۇ تامان يۈرگۈلۈك.


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
317
تۆھپە
191
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 00:44:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىچى ئادەملەر كۆپكەن ھە مۇنبەردە، قالايمىقان مۇقام توۋلاپ باشنى ئاغرىتىپ....


ئۇيغۇرنىڭ دەردى قانچىلىكتۇ ؟

Rank: 3Rank: 3

تىللا
171
تۆھپە
68
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 15:15:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىنونى چۈشۈرۈپ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلساڭلار ، شۈنلېي تورىغا تىزىملىتىپ ئەزا بولساڭلار، تۆۋەندىكى ئادرېستىن تېز سۈرئەتتە چۈشۈرەلەيسىز. 2-جاھان ئۇرۇشىغا قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ قويساڭلار بولىدۇ.
  1. http://yun.xunlei.com/file/17606931/7e0098a4-8bd1-4edc-b439-920dcee7e357
  2. http://yun.xunlei.com/file/17606931/f3f62e60-1926-41c3-b1a5-2ebab30865c1
  3. http://yun.xunlei.com/file/17606931/840d3681-450f-4660-8484-97219a9a213d
  4. http://yun.xunlei.com/file/17606931/6c5a9f06-ae2d-4739-ad54-7bb273b5c916
  5. http://yun.xunlei.com/file/17606931/6faca5b8-bc53-42ae-b616-a6ec9c3c4ee2
  6. http://yun.xunlei.com/file/17606931/b486f368-f84d-454f-88b1-901a4840c982
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   erdewil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-5 15:16  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:11, Processed in 0.090399 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991