▲ئامېرىكىدا بىر ئادەم قاتىل دېيىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپتۇ.20 يىلدىن كېيىن گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بېرىلىپتۇ. ئۇ سوتقا ئەرز سۇنۇپ، يەتتە مىليۇن دوللار تۆلەم ئاپتۇ.
ئېلىمىزدىمۇ بىر دېھقان ئالتە كالىنى ئوغرىلىدى دېگەن گۇناھ بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم بوپتۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، ھېلىقى دېھقان گۇناھسىز دەپ قويۇۋېتىلىپتۇ. ئۇ دېھقانمۇ سوتقا بېرىپتۇ. تۆلەم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، «پۇقرانىڭ باشپاناھى» دېگەن سۆزلەر چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە تاۋار لەۋھەنى سۇنۇپ، بىر مۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا تېزلىنىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ.19
▲بىر نەچچە مايمۇن ئوخشاش بىر ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مايمۇن ئويناتقۇچى ئۇلارغا ئوخشىمىغان يىمەكلىكلەرنى بېرىپتۇ: بىرىگە تەرخەمەك، بىرىگە بانان، يەنە بىرسىگە ئۈزۈم بېرىپتۇ. قىزىقارلىق بولغىنى، تەرخەمەك بېرىلگەن مايمۇن بانان ۋە ئۈزۈم يەۋاتقان شېرىكلىرىگە قاراپ، قولىدىكى تەرخەمەكنى يېمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تەرخەمەكنى ئىگىسىگە قارىتىپ ئېتىپتۇ. دوكتۇر بۇنىڭدىن باراۋەرلىك قارىشى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى بولماستىن، تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى ئىكەن، دەپ يەكۈن چىقىرىپتۇ.20
▲پۇقرانىڭ سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى بار. بىرىمىز قۇل، يەنە بىرىمىز قۇلدار بولساق؛ گەپنى مەنلا دەيمەن، سىز ئاڭلاڭ دېسەك؛ خالىغانچە ئەدەپلەپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا پۇرسەت بەرمىسەك؛ باشقۇرۇشقا مەن يارالغان، باشقۇرۇلۇشقا سىز، ئېسىل داچىدا مەن تۇرىمەن، ئەسكى كاپىدا سىز، دېسەك؛ مەن قەشقەرچە سۆزلەيمەن، سىزمۇ شۇنداق سۆزلەڭ دېسەك بولمايدۇ. ئەر-ئاياللىقى، رەڭگى-رويى، ئاق-قارىلىقى، ساق-مېيىپلىقى، تىلى-دىنى، باي-كەمبىغەللىكى، ئالىم-قاراتۈركلىكى، پادىشاھ-گادايلىقىغا قاراپ، بايىقىدەك «بولمايدۇ»لارغا «بولىدۇ» دېسەك تېخىمۇ بولمايدۇ. باراۋەرلىك دېگەن ئەنە شۇ.21
▲ئاساسىي قانۇندا: قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باپباراۋەر، دېيىلگەن. مانا بۇ باراۋەرلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇندا ئىپادىلىنىشىدۇر. باراۋەرلىك ھوقۇقى ئادەملەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردە باراۋەر ئورۇندا تۇرۇش، باراۋەر مۇئامىلىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىدۇر. باراۋەرلىك ھوقۇقى ھەر بىر پۇقرانىڭ ھوقۇقى باراۋەر بولۇشنى، قانۇندا باراۋەر قوغدىلىشنى، باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولۇشنى، ئوخشاش بىر پۇرسەتتىن باراۋەر پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.22
▲ئادەملەرنى مال-دۇنياسىغا قاراپ دەرىجە-تەبىقىگە ئايرىش، ئەمىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئادەملەرنىڭ قىممىتىنى باھالاش، ئەمەلدارلار تاجىسى بىلەن جىنايى جازانى ئالماشتۇرۇش، پادىشاھلىقنى مىراس قالدۇرۇش، «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» بولۇش، «گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دېيىش، بىر بالىسىغا ئامراقلىق قىلىپ، يەنە بىر بالىسىغا سۆرۈن تەلەت بولۇش، ساقال-بۇرۇتى بولسا ئەتىۋارلاپ، ساقال-بۇرۇتسىزلارنى كەمسىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باراۋەرلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر.23
▲يېڭى زاماندا ياشاۋاتىمىز، نىكاھ ئىشلىرىغا ئاتا-ئانىسى ياكى باشقىلار چات كېرىۋالىدىغان ئىشلار قالمىدى، دەپ ئويلامسىز؟ بۇنداق ئىشلار بۇرۇن بولغان ئىكەن، ھازىرمۇ بار، تۈگەپ كەتكىنى يوق. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ زىيادە ئېغىر تويلۇق تەلىپىنى ئورۇنلىيالماي، قىز-يىگىتلەر مۇراد-مەقسىدىگە يېتەلمەيۋاتقان ئىشلار خېلى كۆپ. نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدا، ئاياللارنى خورلايدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، ھەتتا ئاياللارنى تاۋار ئورنىدا كۆرىدىغان قاراشلار يەنىلا مەۋجۇد.24
▲بەزى ئادەملەر بار، پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھىغا چات كېرىۋالىدۇ، نىكاھتا سودىلىشىدۇ، نىكاھتىن پايدىلىنىپ پۇل ئۈندۈرىۋالىدۇ، نىكاھلىنىشقا ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا زورلايدۇ، يەنە بەزى ئادەملەر ئۇرۇش، باغلاش، ئېسىپ قويۇش، تۇتۇپ قېلىش، سولاپ قويۇش، بۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نىكاھلىنىشقا ياكى ئاجرىشىشقا زورلايدۇ. بەزىدە سوۋغا-سالام ۋە تويلۇق قىز تەرەپ تەلەپ قىلغاندەك بولمىسا، نىكاھ توي كۈنى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ ئۆتكەن.25
▲جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە بەدىنى ۋە ھەرىكىتى پۈتۈنلەي ئەركىن بولىدىغان، ھەرقانداق قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىمايدىغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ. جىسمانىي ئەركىنلىك پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە بىخەتەر قاتنىشىش ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ باشقا ھەرخىل ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جىسمانىي ئەركىنلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر.26
▲ئىنسانلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى بىلمىگەنلەر باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئاسانلا چېقىلىپ قويۇشى مۇمكىن. قانۇن-ئىنسانلىق ھەق-ھوقۇقلىرى پۈتۈلگەن قەغەز. ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى بىلمىسە، ئۇنى قانداقمۇ قوغدىيالىسۇن؟ قانۇن-قۇدرەتلىك قۇرال. ئىنسان ئەنە شۇ قۇرال ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى بىلىۋېلىشى زۆرۈر.27