تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 40|ئىنكاس: 2

ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرىدىن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
2
UID
11335
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 17:14:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشق بولساڭ بولغىن شەيدايۇ مەستان،
دىۋانە،بىنەۋا،رەسۋايۇ جاھان.
ھۇشيار بولساڭ تەشۋىش بولۇر ھەننىۋا نەرسە،
مەست بولغاچ ئوشۇققا كەلمەيدۇ توپان.

كىشىنى رەنجىتمە، رەنجىتمە ھەيھات،
قەھرىڭنى بىراۋغا چاچمىغىن ،ئەر زات.
ھېچكىمنى رەنجىتمە، ئۆزۈڭ رەنجىگىن،
گەر دېسەڭ راھەتنى ئۆزۈڭ غەمگە پات.

مەن ئۆلسەم مەي بىلەن يۇيۇشنى كۆزلەڭ،
يوقلاشتا جام بىلەن شاراپتىن سۆزلەڭ.
قىيامەت كۈنىدە تاپماق بولسىڭىز،
مەيخانا تۇپرىقى تۈۋىدىن ئىزلەڭ.

مەستكە تەنە قىلما،ئىچمىسەڭ ساغەر،
غەيۋەت -شىكايەت قىلما ،بولما مۇغەمبەر.
غادايما ھېچقاچان مەي ئىچمەيمەن دەپ،
سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ مەيدىنمۇ بەتتەر.

دۇنيادا ئۇلۇغ سۆز-قۇرئان ئوقۇلۇر.
ئۇمۇ ئۇدا ئەمەس،گاھ ئان ئوقۇلۇر.
پىيالە قىرىدا بىر ئايەت باركى ،
ھەر جايدا ،ھەمىشە،ھامان ئوقۇلۇر.

تۇر گۈزەل، ئېچىلسۇن دىلىمىز بەھرى،
يۈزۈڭدىن ھەل بولغاي مۈشكۈلات قەھرى.
توپىمىز كوزىغا ئايلانماي تۇرۇپ،
بىر كوزا ئىچەيلى ،كەتسۇن دىل زەھرى
يارالدىم رازىلىق بۇڭا يوق ئىدى ،
ھاياتتا پەقەتلام ھەيرىتىم ئارتتى ...
يەنە مەن نارازى قايتتىم ، بىلمىدىم ،
كەلمەك ھەم ، تۇرماق ھەم ،يانماق مەقسىدى.
*
قولۇمدا بولسۇن ئۇ ئۈزۈم شەربىتى ،
بېشىمدا بولسۇن ئۇ يار مۇھەببىتى .
دىيىشەر ھەق ساڭا توۋا بەرسۇن كۆپ ،
بەرسە ھەم يوق ئاڭا كۆڭلۈم رىغبىتى .
*
ئۆچۈرگەي ئىسمىمىز ئۆمۈر دەپتىرى ،
بىر زامان يوق ئېتەر ئەجەل قوللىرى .
ئەي گۈزەل ، شاراپ بەر ، بەك گۈزەل ،گۈزەل .
تۇپراققا ئايلانغاي ھەممە ياش--قېرى .
*
بۇ ئۆرتەڭ ، ' ئالەم' دەپ ئاتالمىش ئېتى ،
كۈن ۋە تۈن --ئاق ،قارا ئاتلار مەنزىلى ،
نەچچە يۈز جەمشىتتىن قالغان بەزمە بۇ ،
قانچە يۈز بەھرامنىڭ بۇ قونالغۇسى ~؟
*
چۈشۈمدە ماڭا بىر دانىشمەن دىدى :
ئۇيقۇدا بەخىتتىن گۈل ئېچىلمىدى ،
سەن نىچۈن ئولۇمدەك بىر ئىش بىرلە بەنت ؟
ئىچ شاراپ ! ئۇخلايسەن يەردە ئەبەدى !
*
ئەسكىگە ئېيتمىغىن ، ساقلىغىن سىرنى ،
بىر قاراپ كۆزىگە ، بىل مۇغەمبەرنى ...
كىشى ئۆز جېنىغا نى قىلغانغا باق ،
يوشۇرۇن ئىپلاستىن تۇتمىغىن پىرنى ~
*
كىم كۆردى دوزىقىڭ ،جەننىتىڭ ئەي دىل ؟
كىم كەلدى ئۆلگەندىن ، قىل گېپىڭ ئەي دىل .
بىز قورققان ، يېلىنغان نەرسىنىڭ ئاڭلا :
ئىسمى بار ، جىسمى يوق...مۇشۇ جىڭ ، ئەي دىل !
*
كوزامنى يوقاتتىڭ سۇندۇرۇپ .رەببىم !
ياپتىڭ بەخت ئىشىكىنى ، سەن ئۇرۇپ رەببىم !
گۈل رەڭلىك شارابىم تۆكتۈڭ يەرگە سەن ،
قالدىڭمۇسەن ياكى مەس بولۇپ رەببىم ؟!
*
بىر جامكى ، ئەيلىمىش ئىختىيار ئەقىل ،
قەدىرلەپ شۇ جانغا يۈزنى سۇندى،بىل...
'پەلەك 'نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ ،
ئارقىدىن يەرگە ئۇ ، ئۇرىدۇ سىجىل .....
*
بىر كۈچۈم بولغاندا تەڭرىدەك گويا ،
بۇزاتتىم پەلەكنى بۇنداق بىۋاپا ....
ياخشىلار مەقسەتكە يەتكۈدەك تولۇق ،
چۇراتتىم بىر پەلەك ----بىر يىڭى دۇنيا .
*
كېچە مەن تۇيغۇندا ساماغا چىقىپ ،
دوزاق ھەم بىھىشنى يۈردۈم ئاختۇرۇپ .
بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ ، دوزاق ھەم بىھىش ،
ئۆزەڭدە!---دىدى ئۇ،---يۈرمىگىن ئېزىپ~!
*
ئاقمىغاي تەقدىرگە نارىزا بولۇش ،
ئاقمىغاي ئاەمدە بىرىيا بولۇش ،
قولۇمدىن كەلگەنچە تەدبىر ئىشلەتتىم ،
كەتكۈزدى ، ئاھ-قازا ،تەدبىرىمنى بوش .
*
خوشال ئۆت ئۆمۈرنىڭ ھاسىلى بىردەم ،
بۇ تۇپراق---تۇپرىقى كەيقۇباد ۋە جەم .
قىل قىياس بىر خىيال ، ئالدىنىش يا چۈش .
ھاياتنىڭ تەكتى ھەم ئەھۋالى ئالەم.

ئۆمەر ھەييام روبائىيلېرىدىكى ئېسيانكار روھ ھەققىدە

تۇردىبەگ مۇھەممەدبەگ



         ئۇلۇغ ماتىماتىك،مۇتەپپەككۇر زەبەردەس ئوغلان شائىر ئۆمەر ھەييام (1040 -1121)نىشاپۇردا تۇغۇلغان.ئۇ شۇ يەرلەردىكى مەدرېسلەردە ئوقۇپ 11-ئەسىردىكى ئەڭ يېتۈك ئالىملارنىڭ بىرى بولوپ قالغان.ئۇ سالجۇقلار سۇلالىسىدىن مالىكشاھ ھۆكمىرانلىق قىلغان دەۋىرلەردە باشقا ئاستىرونوملار بىلەن بىرلىكتە كالىندارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ پەلسەپە مەسىلىسىدىمۇ تۈرلۈك ئالىملار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئەمما ئۇ ئەدەبىيات جۈملىدىن روبائيچىلىقتا ئالاھىدە يۇقرى ئورونغا ئېگەئىسيانكار شائىردۇر. ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئەمما ئۇ يازغان رۇبائىيلار مەيلى ئەدەبىيات نوقتىنەزەردىن بولسۇن مەيلى پەلسەپىۋى نوقتىدىن بولسۇن ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەدەبى ماھارىتى،كۆپ تەرەپلىمە بىلىمى بىلەن ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ھىچقانداق بىر گوروھ،مەزھەپ ھاكىمىيەتنىڭ دۇمبىقىنى چالمىغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى پىكىرىدە يۈكسەك ھۆرلۆككە ئېگە بولىشى،ئۇ ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ رۇبائىيلىرى ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدا ھىچنېمىدىن قورۇقمايدىغان،شائىرانە جاسارەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدۇر.ئۇنىڭ بۇ خىل روھى ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدا ئۆز ئورنىنى تاپقان. شۇنداقلا ئاشۇ جاسارەت بىلەن ھېچ كىشى قارشى تۇرۇپ بولالمىغان خۇراپى ئېتقادقا ۋە مەۋھۇم ساماۋى كۈچكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان:

دېيىشەر:ياخشىدۇر ھۆر بىلەن جەننەت،
مەن دېدىم:ياخشىدۇرمەي بىلەن ئۈلپەت.
ياخشىدۇرنىسىدىن ھەر قاچاندا نەخ،
ياخشىدۇر سەز ئۇنى يىراقتىن پەقەت.


            ھەييامنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ياخشىلىقنىڭ ئۆلچىمى بۇيەردە ئېيتىلغاندەك ئوچۇق ھالدىكى مەي بىلەن ئۈلپەت بولماستىن ئۆزىگە يېقىن دوست بولالايدىغان شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھوزۇر ئاتا قىلالايدىغان مەيدەك ئۈلپەت دوست ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.ھەم ئۆزىنىڭ شۇزامان ماكان ئىچىدىكى قاراشلىرىنى ھېچنىمېنىڭ قارشىلىقىغا،بارچە تەھدىت ۋە سۇيقەسىتلەرنىڭ تەھدىتىگە قارىمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئەڭ سەمىمى،ئەڭ قورقماس يۈرىكى بىلەن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توۋلايدۇ.شائىرنىڭ قەلىمى ئاستىدا زامان ۋە ماكاننىڭ ھاكىمىيەت ۋە شۇ دەۋردىن باشلاپ ھەممە ھەرىكەتنىڭ بېشىغا چىققان دىنىي قائىدىلەرنىڭ ئۈستىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئوچۇق ئاشكارا شىكايەت قىلىدۇ.

بىر قولوم قۇرئاننى تۇتتى بىرى جام،
گاھىدا ھالالمەن گاھىدا ھارام.
كۆك گۈمبەز تېگىدە بىزلەر ياشىغان،
يا ئەمەس مۇسۇلمان يا كاپىر تامام.


           ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى مۇنداق بىر چوڭ ئېقىمغا قارشى پىكىرلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقى نامەلۇم.ئەمما شۇ تەرىپى ئايدىڭكى ئىراندەك بىر ھەممە ئىشلار دىنىي ئەھكاملار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغان،مەزھەپ تالاش-تارتىشلار ئەۋج ئالغان بىر يەردە ئوتتۇرىغا قويىلىشى ھەقىقەتەن بىر نازۇك مەسىلە ئىدى.
           ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى ئىسيانكارلىق روھىنىڭ ئەڭ نېگىزىمۇ مانا مۇشۇنداق پىكىردىكى ئىسيانكارلىق شۇنداقلا ئىشلىتىلگەن سۆزجۈملىلەرنىڭ سىموۋوللۇق مەنىسىگە ئېگە ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.


كوزىچى قېشىغا باردىم مەن يېتىپ،
تۇراتتى دۇكاننىڭ چاقىنى تېپىپ.
باش ياسار كوزىغا شاھنىڭ بېشىدىن،
گاداينىڭ پۇتىدىن ئاڭا قول ئېتىپ.


          يۇقىرىقى رۇبائىيدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى: ئۆمەرھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى پەلسەپىۋى پىكىر بىلەنلا ئۆز بالاغىتىنى ئىپادىلىگەن بولماستىن بەلكى ئىپادىلەش جەھەتتىكى يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئى بالاغەت بىلەنمۇ كۆزئالدىمىزدا،قەلبىمىزدە،تۇيغۇمىزدا ئۆزىنى نامايان قىلغان.بۇ روبائىيدىمۇ ھەييام ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئى قەلەم كۈچى بىلەن سىموۋۇللۇق ئىپادىلەش ئارقىلىق«كوزىچى»نى تەڭرىگە سىموۋۇل قىلغان ھەم شۇ قەدەر چوڭ يۈرەكلىك بىلەن تەڭرىدىنمۇ گۇمانلانغان ھالدا جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئوڭ تەتۈر قىلۋەتكىنى يەنىلا تەڭرى دەپ ئوچۇق ھەم كېسىپ ئېيىتقان.
يەنە بىر رۇبائىيدا:


بىر جامكى ئەيلىمىش ئىختىرا قىل،
قەدىرلەپ شۇجامغا يۈزنى سۆيدى بىل....
پەلەك نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ،
ئارقىدىن يەرگە ئۇ،ئۇرىدۇ سىجىل....


         شائىرنىڭ بۇ رۇبائىيدىكى«جام ئوبرازى-ئىنسان»،«كوزىچى ئوبرازى ۋە پەلەك ئاتالغۇسى»ئىلاھى كۈچكە سىموۋل قلىنغان.يەنى شائىر بۇ رۇبائىيسىدا ئىلاھى كۈچنىڭ ئاتايىن ئاۋارە بولوپ ئادەم يارىتىپ،ئۇنى ئارزۇلاپ ئامانلىق ئىنسانلىق قىيامىغا يەتكۈزۈپ يەنە شۇ قەدەر رەھىمسىزلىك ۋە يۈزسىزلىك بىلەن يەنە«ئەدەم(يوق)» قىلىشىدىن ئىبارەت بىر مەنتىقىسىز رېئاللىقنى ئېچىپ بېرىدۇ،پاش قىلىدۇ،پەلەككە ۋە پەلەكنىڭ شۇنداق غەلىتە قىلىقلىرىغا ئادالەتسىزلىكىگە نەپرەتلىنىدۇ شۇنداق يولسىز قىلىقلارنى قىلغۇچى پەلەكنى بۇزغۇسى ۋە ياخشىلار تولۇق مەخسەتكە يەتكۈدەك ئادىل دۇنيا قۇرغۇسى كېلىدۇ.مانا بۇ ئۇنىڭ روبائىيلىرىدىكى ئىسيانكارلىق روھىنىڭ بىرىنچىسى.

ئىككىنچى : ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى ئەمەلىيەتچىلىكتە باغلانغان ئىسيانكارلىق روھ

     ئۆمەر ھەييام ئۇ ئەمەلىيەت تەرغىباتچىسى ھەم جارچىسى.ئۇ ھازىرقى تىلىمىز بىلەن ئېيىتقىنىمىزدا ئۆزىنىڭ ماتىريالىستىك چۈشەنچىلىرى نەق مەيداندا ئىنتايىن ئۆتكۈر ھەم تېز تەپەككۇرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.ئۇنىڭ بۇقارىشىنى تۆۋەندىكى رۇبائىيدىن كۆرېۋېلىشقا بولىدۇ:

قىزىقسام روزاغا،نامازغا كۆپلەپ.
ئويلىدىم چوڭ مۇرات ھاسىل بولدى دەپ.
بىر يۇتۇم مەي بۇزدى شۇنچە روزېنى،
بىر يەلدىن تاھارەت سۇندى ۋاھ ئەجەپ


      مانا بۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۆلگەن مەسىلە.ئۆمەر ھەييام دېگەندەك،بىر يۇتۇم مەي بىلەن نۇرغۇن نەرسىنى بۇزىدىغانلىقى راست.ئەمما شۇ قەدەر يۈكسەك ۋە ھالال ئېتقات ئۈچۈن ئېلىنغان تاھارەتنىڭ بىر يەل بىلەنلا بىر تەرەپ بولوپ كېتىشىگە نېمە دېگۈلۈك دەپ ئۆزىنىڭ گۇمانى قارىشىنى ئوچۇق ئىپادە قىلىدۇ.ئەمەلىيەت بارلىق نەزىريىلەرنىڭ ئانىسى.ئۆمەر ھەييامنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئەمەلىيەتمۇ بۇ نەزەرىيىنى ئەسلا چەتكە قاقمايدۇ.بۇ ئۆمەر ھەييامنى ھەقىقى بىر شەرق پەيلاسوپى دەپ ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر ئاساس.خۇددى كانادالىق پېروفېسور جون ئازتىس ئېيېتقاندەك«ئۆمەر ھەييام ھەقنى سۆزلىگەنلىكى،ھەق يولدىن يانماي ئۆزىنىڭ ئەڭ سەمىمى يۈرۈكى بىلەن ياشىيالىغانلىقى ئۈچۇنلا پەيلاسوپتۇر.»جون ئازتىسنىڭ پىكىرى بويىچە ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا مۇنداق ئىككى خىل ئارتۇقچىلىقنى بايقايمىز.
1. بىرىنچى:ئۆمەر ھەييامنىڭ ئۆزى ياراتقان پەلسەپىسى ئىچىدىكى ئەمەلىيەت.بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ماتىريالىستىك نوقتىنەزەرلەرگە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان ئەمەلىيەت چۈشەنچىلىرى بىلەن يوغورۇلغان . بۇ خىل رۇبائىيلىرى ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىسيانكارلىق روھىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ خىلدىكى رۇبائىيلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق شائىر شۇ زاماننىڭ رەپتارىنى ئېنىق،ئوچۇق ئىپادىلەپ بېرىش مەخسىتىگە يەتكەن،مىسال:

بۇ زامان ئەقىلدىن يوقتۇر مەنپەئەت،
ياخشى كۈن كۆرەلمەس ئەقىللىق پەقەت.
ئەقلىمىنى يوقاتقۇچ نەرسىنى كەلتۈر،
زامانەم باقمىغاي،قىلمىغاي دېققەت.

مانا بۇ ھەييام كۆرگەن شۇ زاماندا قەدەمدە بىر يولوقوپ تۇرىدىغان ئەمەلىيەت.ئازتىس مۇشۇ تارخ بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىنى چىڭ تۇتقان ھالدا يۇقارقى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئىككىنچى:ئەمەلى رېئاللىق ياراتقان پەلسەپىلەر ئىچىدىكى ئىسيانكار ھەييام ئوبرازى .
بۇ نوقتا ئۆمەر ھەييامنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە تەرەپتۇر .
بىز مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسيانكار روھمۇ مۇشۇنداق مىسرالاردىمۇ ھەر قەدەمدە پۇراپ تۇرىدۇ.

بىر كېلەر ۋە كېتەر بۇ ئەجەپ دۇنيا،
يوق ئاڭا ئىپتىدا ياكى ئىنتىھا.
كەلدۇق بىز قايەردىنن نەگە كېتېمىز،
بۇ ھەقتە كىم بەردى قېنى جىڭ باھا!

          بۇ زاماننىڭ تاسقاقلىرىدا نەچچە قېتىم تاسقىلىپ سېستىمىلاشقان پەلسەپە شۇنداقلا ھەييامنىڭ ئىسيانكارلىق روھىنى ئىپادىلەيدىغان مىسرالار ئىدى.ئۇ مانا مۇشۇنداق ئىسيانكار روھقا تايانغان مىسرالار بىلەن ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس ئوبرازىنى يارىتىپ ئۆزىنىڭ پىرامىداسىنى تىكلىدى.
ئۈچىنچى: سوفىستىك ئىدىيە بىلەن يوغورۇلغان ئىسيانكارلىق روھ.
           ئۆمەر ھەييام ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر دىنى ئۆلېما شۇنداقلا قانات-قۇيرۇقلىرى تولۇق يېتىلگەن سوفى.ئەنە شۇ سوفىستىك ئىدىيىنى ئۆزىنىڭ ئىسيانكار روھىنى ئاشكارىلاش ۋاستىسى قىلغان دەپ ئېيتساق خاتالاشمايمىز.

دۇنياغا كەلمەيتتىم مەندە بولسا ئەرك،
كەتمەيتتىم جاھاندىن يەتسە كۈچ دېمەك.
كەلمىسەم،بولمىسام،كەتمىسەم مەنچە،
شۇ«بولوش يوقىلىش»يېرىدە تىلەك.

         ئۆمەر ھەييامنىڭ بۇ خىل ئىسيانكارلىق قارىشى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياشىغان ئەرەپ سوفىسى بايەزد بەستامى،فارس سوفىسى مەنسۇر ھەللاجى قاتارلىق مەشھۇر سوفىلارنىڭ ئوزۇقلانغىنى ئىسيانكارلىق ئىدى.بۇخىل ئىسيانكارلىق ئەينى زامان سوفىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «ئىنسان جەسىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئەلەم،قۇللۇق قەپېزىدۇر.ئۇنىڭغا جان بەخىتسىزلىكتىن قامالغاندۇر.تىرىك بولوشنىڭ ئۆزىمۇ جان ئۈچۈن بىر پالاكەتتۇ.جاننى شۇ قەپەزدىن يەنى تەبىئەتتىن،جەسەتتىن ئازاد قىلىش لازىمدۇر.دېگەن قاراش بىلەن يوغورولغان قاراش ئىدى.ئۇنىڭدىكى ئىسيانكارلىق مۇشۇ قاراشتىن ئوزۇقلىنىپ كۆكلىگەن ئىدى.شۇڭا ئۆمەر ھەييامنىڭ تىلى بويىچە ئېيىتقاندا«ئىنسان ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك».
         ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى سوفىستىك ئىدىيە ئۇنىڭ ئىسيانكارلىقىنى يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەنلىكىدە گەپ يوق.مەسىلەن:ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى«مەي »سۆزى ئەمەلىيەتتە «ھاراق، شاراپ»مەنىلىرىنى بىلدۈرمەيىتتى.ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مەي سوفىسىزىمدىكى ئىشىق شۇنداقلا ۋەھدەت مەيى ئىدى.ئۇ شۇ مەي بىلەن مەست ئىدى.

مەي ئىچەي شۇنداقكى ئۆلگەندىن كېيىن،
مەي بۇيى كەلسۇن ئۇ كۆمگەن توپىدىن.
شۇ بۇيدىن قەبرەمگە چىققان چالا مەست،
پۈتۈنلەي مەست بولوپ كەتسۇن خۇدىدىن.

            دېمەك ئۆمەر ھەييام دىنى ئۆلېما بولوش سۈپىتى بىلەن بىرگە ئىسيانكار سوفى ئۇنىڭ سوفىتىك قاراشلىرىدا بىر خىل سوفىلىق تەرغىباتى چاقناپ تۇرىدۇ.ئۇ بەزى رىياكار سوفىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە قاراش ۋە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئەھمىيەتكە ئېگە.
تۆيىنچى:ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى پەلسەپىگە تويونغان ئىسيانكارلىق.
           ئۆمەر ھەييام ئۆز زامانىسىدىكى ئەڭ داڭدار پەيلاسوپ ئۆز زامانىسىدا ئۆزىگە خاس پەلسەپە سېستىمىسى ياراتقان.ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدا ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى ناھايتى ياخشى ئورنىنى تاپقان.
          ئۆمەر ھەييامنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولغان مىسرالىرى شۇ زامان شۇ ماكان دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلدى.بۇنىڭدىكى ئەنە شۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن تاللانغان تىل ۋە ئىسيانكارلىقىنىڭ بولغانلىقىدا ئىدى.

ھېچ گۇناھ قىلمىغان ئادەم بارمۇ ئېيت،
دۇنيادا گۇناھسىز جان ياشارمۇ ئېيت.
مەن قىلسام يامانلىق سەن بەردىڭ جازا،
بۇنداقتا ئورنىدا پەرق بولارمۇ ئېيت.

          ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى پەلسەپە ئۆمەر ھەييامغا خاس پەلسەپە ئۇ ئۆز دەۋرىدە ھېچكىم ئېيتالمىغاننى يۈكسەك پەلسەپە ئىچىگە سىغدۇرۇپ ئىپادىلەپ بېرەلىگەن.يۇقارقى رۇبائىيسىدا ئىپادىلەنگەن كىشلىك دۇنيا ھەققىدە چۇڭقۇر بىر پەلسەپىنى ئىپادىلىگەن ھەم بۇنىڭدا ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ يېغىرىغا تېگىدىغان گەپنى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.مانا بۇ ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى پەلسەپىگە تويونغان ئىسيانكارلىق.دېمەك ئۆمەر ھەييام بىر ئىسيانكار شائىر ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا ئۆمەر ھەييامغا خاس پەلسەپە،دىن ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرى بىلەن تويونغان ئىسيانكارلىق روھ پۇراپ تۇرىدۇ.مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى ئىسيانكارلىق غەرب ئالىملىرىنىڭ دېقېتىنى خېلى بۇرۇنلا تارتقان .ھازىرغىچە دۇنيادا 350تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم.ئەڭ دەسلەپتە 1867-يىلى فرانسۇزچە نەشىرى نىكۇلاس دېگەن ئەدىبنىڭ تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى پارژدانەشىر قىلىنغان ،دېمەك ئۆمەر ھەييام شەرق ئەدەبىياتىدا بولوپمۇ شەرق كېلاسسك ئەدەبىياتىدا ئورنىنى تولدوروش ۋە يېتېشۋېلىش تەس بولغان شائىر،پەيلاسوپ.ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ قىممىتى زامان ۋە ماكان دائىرىسىدىن ھالقىپ بۆگۆنكى دەۋردىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ئۆزىنىڭ قىممىتى بىلەن قولدىن قولغا ئېلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە.

——تېما مەنبەسى: كۆيۈكتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lonely تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 16:30  


Rank: 1

تىللا
16
تۆھپە
4
UID
9693
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەخمەت.مەن تىخې ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئرلىرىنى ئىزدەپ يۈرەتتىم.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
686
تۆھپە
336
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ئېسىل


ئېمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىۋەتتۇق...ھاھاھا...گەرچە كۆچۈرگەن بولساممۇ..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:27, Processed in 0.076087 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991