تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1292|ئىنكاس: 20

ھىندونېزىيەدىكى كالتە يوپكا ھادىسىسى ۋە بىزنىڭ خوتۇن-قىزلىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
405
تۆھپە
231
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 17:54:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
321.jpg

ھىندونېزىيە نۆۋەتتە شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىدە خوتۇن-قىزلارنىڭ كالتە يوپكا كىيىشنى چەكلىگەن، چۈنكى كوچىلاردا خوتۇن-قىزلار بۇنداق كىيىۋالغاندا، ئەرلەرنىڭ جىنايەت تۈسىنى ئالغان بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ سېلىشىدىن ساقلىنىش تەس ئىكەن. 123.jpg

دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى سۇريەدھارما ئەلى مۇنداق دېدى:« ھازىرقى مەسىلە خوتۇن قىزلارنىڭ يوپكىنى تېزىدىن ئاشۇرماي كىيىشنى مەزكۇر قانۇندىكى بىر ئۆلچەم قىلىش كېرەكمۇ يوق، دېگەندىن ئىبارەت».
ئەلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلغىنى خوتۇن قىزلارنىڭ كالتە يوپكا كىيىشنى چەكلەش ئىكەن.
ھىندونېزىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مارزۇكى ئالې يېقىنقى كۈنلەردە كالتە يوپكا ئىشىغا نىسبەتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ئۇ ئۆزىنىڭ نىشانىنى بىر قىسىم ئايال go-vern-ment ئەمەلدارىغا قاراتقان». ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«مەن  go-vern-ment نىڭ ئايال ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەردىكى خوتۇن-قىزلارنىڭ كالتە يوپكا كىيىشىنى چەكلەش تەكلىپىنى بېرىمەن. بىز يېقىندا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەخلاققا مۇخالىپ كېلىدىغان قىلمىشلار ئارقىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇنىڭدىن ئاساسلىق سەۋەب، خوتۇن-قىزلار ئۆزىگە لايىق، پەردىشەپ بىلەن كىيىنمىگەن، يوتىسى ئوچۇق، مەيدىسى ئوچۇق، يەنە ... ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان، سىلەر ئەرلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر، خوتۇن-قىزلارنىڭ كالتە كىيىم كىيىشى ئۇلارنىڭ جىنايى تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ».
ھىندونېزىيە تىپىك ئىسلام دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر دۇنيادا مۇسۇلمانلار قايسى دۆلەتتە ئەڭ كۆپ، دەپ سورىسا، نۇرغۇن تورداشلار «سەئۇدى ئەرەبىستانى» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن، خاتا، ھىندونېزىيىدە پۈتۈن يەرشارى بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، پۈتۈن نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %87 تى مۇسۇلمانلار ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز تاراتقۇلار ئارقىلىق ھىندونېزىيىدە كىچىك قىزلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىدىغان بىر ئادەتنى كۆرۈپ ئۆتكەن. بۇمۇ دەل قىزلارنىڭ چوڭۇپ يېشىغا يەتكەندە يولدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. ئەمدىكى ھىندونېزىيىنىڭ «خوتۇن-قىزلارنىڭ كالتە يوپكا كىيىشى» نى شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىگە كىرگۈزگەنلىكىدە! بۇ قىلمىش نېمىشقا قانۇن دائىرىگە سۆرەپ كېرىلىدۇ؟ چۈنكى ئەخلاق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ مەسىلىنى قانۇنىي يوللار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.
مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن ناھايىتى پاكىز، شەرمى-ھايالىق، ئەخلاق-پەزىلەتلىك جامەدۇر. كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان ئىزچىل ھالدا قەدىرلەپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس ئەقىدىمىز بار. قىز-ئاياللارنىڭ بۇنداق باشباشتاق بولۇپ كېتىشى، كوچا-كويلاردا قوڭالتاق كىيىملەرنى كىيىم، ئەرلەرنى يامان تۇيغۇلارغا باشلىشى توغرا دىنىي ئەھكاملارغا مۇخالىپ كېلىدىغان قىلمىشلاردۇر. بويىغا يىتىپ قالغان بىر قىزنىڭ شۇنداق ئېچىۋېتىلگەن كىيىملەر بىلەن كۆز ئالدىمىزدا يۈرۈشى ئەسلى بىز ئەرلەرگە قىلىنغان ھاقارەت، ئۆزىگە نىسبەتەن ئىچكى خورلۇق! ھىندونېزىيىدىكى مەزكۇر ھادىسە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇنداق ھادىسىنى رايونىمىزدىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. بىز شەرمى-ھايالىق خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ئېسىل، لاتاپەتلىك كىيىملىرى بىلەن نامايان قىلىشىنى، بۆشۈكتىكى بالىدەك يېرىم-يالىڭاچ بولۇۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز
ئۇلىنش تورىدىن ئېلىندى.... پايدىلىنىش ئۈچۈن پەقەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvrkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 18:13  


123.jpg

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
482
تۆھپە
321
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 18:53:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دولەت ياخشى ئىش قىلىشقا باشلاپتۇغۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2040
تۆھپە
724
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 19:19:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندونېزىيەنىڭ بۇ قانۇننى چىقىرىشى ھىندونېزىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەخلاقىي ئېڭىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ !


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
686
تۆھپە
336
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 19:41:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەت رەھنەرلىرىنىڭ ئەخلاق ئېڭى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن


ئېمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىۋەتتۇق...ھاھاھا...گەرچە كۆچۈرگەن بولساممۇ..

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
694
تۆھپە
421
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 20:18:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




                شۇنداق ئەخلاق ئاجىز كەلدى ئەمدى قانۇن چەكلىسۇن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
681
تۆھپە
425
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 21:32:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇبەلكىم 2012-يىلىدىكى ئەڭ يەخشى قانۇن لاھىيىسى بولۇشى مۇمكىن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەلئامان
تىللا
1020
تۆھپە
132
UID
46
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 01:37:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئەھۋاللار بەزىدە شۇنداق يېقىملىق بىلىنىدۇ - يۇ، ئەمما...


Rank: 4

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
184
تۆھپە
129
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 08:26:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
952
تۆھپە
835
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:15:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ  دۆلەت  بىلەن ئالمىشىپ قاپتىغۇ..بىزنىڭ دۆلەت  ئۇزۇن يوپكا  كەيگەنلەرنى  توسسا..ۋاي توۋا  بۇ ئىشنى..


Rank: 2

تىللا
66
تۆھپە
40
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 20:38:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ياخشى قانۇن بۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:22, Processed in 0.100374 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991