300مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان مارالبېشى مىتال بويۇملار بازىسى قۇرۇلىشىدا ئىش باشلاندى
شاڭخەي شەھىرىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىگە نىشانلىق يارىدەم بىرىشتىكى نوقتىلىق كەسىپ تۈرى بولغان باۋشەن پولات-تۆمۈر گورۇھى «1-ئاۋغۇست» پولات –تۆمۈر شىركىتىنىڭ مارالبېشى مىتال بويۇملار بازىسى قۇرۇلىشىغا 3-ئاينىڭ 28-كۈنى داغدۇغىلىق ئىش باشلاندى.
مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئېغىر سانائەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چىڭ جىنشەن، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق يارىدەم بىرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابىنىڭ باش قوماندانى چېن جىڭ، باۋشەن پولات-تۆمۈر گورۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتۇرى، شىنجاڭ «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاۋشىيا، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق يارىدەم بىرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش قوماندانى جاڭ رېنلىياڭ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەمرۇىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى يې لىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزىسى جاۋ گاڭ قاتارلىقلار قاتناشتى ھەمدە بۇ تۈرگە ئىش باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن لېنتا كەستى.
چېن جىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
باۋشەن پولات-تۆمۈر گورۇھى «1-ئاۋغۇست» پولات –تۆمۈر شىركىتىنىڭ مارالبېشى مىتال بويۇملار بازىسى قۇرۇلىشى تۈرى شاڭخەي شەھىرى مارالبېشى ناھىيەسىگە نىشانلىق يارىدەم بىرىدىغان نوقتىلىق كەسىپ تۈرى بولۇپ، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى مارالبېشى ناھىيسىنىڭ مىتال بويۇملارنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تايانچ كەسىپلەرنى يىتىلدۈرۈشنى زورايتىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلۈمى 247مو، جەمئىي 300مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېىلىش پىلانلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا 140مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 100مىڭ توننا تۈز كەپشەرلەنگەن تۇرۇبا، 100مىڭ توننا سوغۇق پىروكاتلانغان پولات چىۋىق ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىككىنچى باسقۇچتا 160مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 100مىڭ توننا ئىسسىق سىنىكتا ھەل بىرىلگەن پولات تۇرۇبا ئىشلەپچىقىرىش تۈرىگە ئىشلىتىلىدۇ. بىرىنىنچى باسقۇچلۇق تۈرنى بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈزۈپ كىلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.
چېن جىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
يې لىن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن باۋشەن پولات-تۆمۈر گورۇھى «1-ئاۋغۇست» پولات –تۆمۈر شىركىتىنىڭ مارالبېشى مىتال بويۇملار بازىسى قۇرۇلىشىغا ئىش باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دىدى: باۋشەن پولات-تۆمۈر گورۇھىنىڭ مارالبېشىغا ماكانلىشىشى- شاڭخەي شەھىرىنىڭ كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا يارىدەم برىىش، قەشقەرنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىرى، قەشقەر ۋىلايتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى، ئىقتىسادىي ئەۋزەلىككە ئايلاندۇرۇش سىتىراتىگىيىسىنى يولغا قويۇشتىكى يەنە بىر مول نەتىجە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شاڭخەي شەھىرىنىڭ قەشقەرگە نىشانلىق يارىدەم بىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى ۋە قەشقەر ۋىلايتىنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىايتىدا يەنە بىر پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.
يې لىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەمدە ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، «شىنجاڭ ئۈنۈمى»نى تەشەببۇس قىلىپ، «شىنجاڭ ئىقتىدارى»نى نامايەن قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە باۋشەن پولات-تۆمۈر گورۇھى «1-ئاۋغۇست» پولات –تۆمۈر شىركىتى ۋە ھەرقايسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە، قاتتىق تەلەپ قويۇپ سۈپەتلىك باشقۇرۇپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپسىنى سان ۋە ۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ، سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، نادىر قۇرۇلۇش، «يېشىل قۇرۇلۇش»قا ئايلاندۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايتى ئىقتىسادىنىڭ زور دەرىجىدە راۋاجلىنشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.
سۈرەتتە: مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لېنتا كەسمەكتە.
سۈرەتتە: مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تەكشىلىكتىكى خەرىتىسىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
توغراق خەۋىرى، فوتۇسى