- 出生县
- 哈密市
- 生日
- 1986 يىل 12 ئاي 26 كۈن
- 出生小区
- 回城乡
- 职业
- مۇخبىر
- تىللا
- 5405
- تۆھپە
- 2346
- نادىر
- 30
- يازما
- 1122
- جۇغلانما
- 14716
- ھوقۇقى
- 200
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-14
- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- UID
- 6
  
- تىللا
- 5405
- تۆھپە
- 2346
- UID
- 6
   
|  |  |  |  | شىنجاڭ مەشرەپ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئېچىلدى 
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ئېھسان خەۋىرى ، فوتوسى: ‹‹ شىركىتىمىز رايونىمىزنىڭ مىللىي ئىگىلىكتىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى بولماسلىققا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىگە جايلاشقان خۇاباۋ گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇش توغرىلىق توختام ئىمزالىدۇق، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى جىددىي ئىشلەۋاتىمىز››...- مانا بۇ شىنجاڭ مەشرەپ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مەخمۇدجاننىڭ ‹‹ مەشرەپ ›› شىركىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېيتقان سۆزى.

3–ئاپرېل، شىنجاڭ مەشرەپ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۈرۈمچى خان ساراي تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىرئەپەندى ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق ماركا تەتقىقات ئورنى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورلىرى ، يازغۇچى ، شائىر، ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلار، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بېشى ۋە ئۇچىسىغا ‹‹ مەشرەپ ›› شىركىتى تەمىنلىگەن بىر يۈرۈش دوپپا ۋە كاستيۇم بۇرۇلكا كەيگەن 150 دىن ئارتۇق ۋاكالەتچىلەر بۈگۈن خان ساراي تىياتىرخانىسىغا جەم بولغانىدى .

يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى . يىغىن جەريانىدا سۆز قىلغان مېھمانلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن مەشرەپ شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ، باھاسى ، كىشىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىقلار ئۈستىدىن ئوبيېكتىپ باھالارنى ۋە ‹‹ مەشرەپ ›› شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ–پىكىرلەرنى بەردى. شىنجاڭ ‹‹مەشرەپ›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مەھمۇدجان يىغىندا مۇنداق دېدى: تۇرمۇش سەۋىيەرىمىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ، ئېلېكتىر ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار كىشىنى خۇش قىلسا، بىراق بۇ ساھەدىكى بەزىبىر ناتوغرا رىقابەتلەرمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ ، ئىستېمالچىلىرىمىزنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىگە نۇرغۇنلىغان سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ ، بىراق بىز ئىستېمالچىلارغا بەرگەن ۋەدىمىزدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەملىك ، سۈپەتلىك بولغان ئائىلە مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، كەڭ خەلقنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈن تىنسىز خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مەھمۇدجان ئەپەندى يىغىن جەريانىدا ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىغا ئايرىم ئايرىم ھالدا 20 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەن پۇلنى ياردەم قىلدى . مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم خانىم بىلەن ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندى نەق مەيداندا سەھنىگە چىقىپ ، ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجراتقان 40 مىڭ يۈەن پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ، شۇنداقلا بۇ پۇللارنى ئىقتىسادقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يوقسۇللارنىڭ ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تەگكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مەھمۇدجان ئەپەندى بۇ پۇلنى بۇ ئىككى سۆيۈملۈك كىشىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىدا مەيداندىكى بارلىق مېھمانلار گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.

ئارقىدىن ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان 10 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى ‹‹ ئالما›› كومپىيۇتېر ۋە ‹‹ ئالما›› ماركىلىق يانتېلېفۇن بىلەن مۇكاپاتلاندى . مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆزىدە چاقناۋاتقان ئۈمىد نۇرى ئۇلارنى كېيىنكى يىللىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە، شىركەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا ئۈندەۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلغار ۋاكالەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش-تەغدىرلەش پائالىيىتى يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى . ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتى بۇ يىل سېتىشتا رېكورد ياراتقان ، خېرىدارلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلغان 10 غا يېقىن ۋاكالەتچىگە مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى ۋە موتوسىكىلىت قاتارلىق قاتناش بۇيۇملىرىنى ، ئوتتۇرا ئاسيادىكى ۋاكالەتچىسى، پاكىستانلىق سودىگەر سەرتاجى قاتارلىق ۋاكالەتچىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100 مىڭ ، 80 مىڭ ، 60 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى . قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاكالەتچىسى نۇرمۇھەممەدجان ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋاكالەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ نەچچىمۇ يىللاردىن بۇيان ، ۋاكالەتچىلىرىنى قوللاپ، مەدەت بېرىپ ، ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ، مۇلازىمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى تېخىمۇ زورايتىش بىلەن بىرگە، ‹‹ مەشرەپ›› ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان يىغىن ناھايىتى مول ھوسۇللۇق ئېچىلغانىدى . يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاكالەتچىلەر خان ساراي تىياتىرخانىسىنىڭ ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ توڭلاتقۇ ، كىرئالغۇ، كومپىيۇتېر... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى . جېجياڭ نىڭبو خۇاباۋ گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى باۋ جيەنخۇڭ ئەپەندى ‹‹ مەشرەپ ›› شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مەھمۇدجان ئەپەندى بىلەن نەق مەيداندا توختام ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە توختامغا ئىمزا قويۇپ ، يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە توختاملاشتى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسىسورى ، يىغىن ئىشتىراكچىسى مۇھەممەد توختى مۇنداق دېدى: سۈپەت ۋە ئەلا مۇلازىمەتنى ، سەمىمىيەتنى تۈپ مىزان قىلغان كارخانا چوقۇم تەرەققىي تاپالايدۇ . شىنجاڭ ‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرۇپ ، مىللىي ئىگىلىك بىلەن زامانىۋىي ئىگىلىكنى بىرلەشتۈرۈشى بۇ ئادەمنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدىغان خۇشاللىنارلىق بىر ئىش . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك ، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپلا قالماستىن بەلكى ئوتتۇرا تاجىكىستان ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ كۆپ مىقداردا ئېكىسپورت قىلىنىپ، ياخشى بولغان ئۈنۈم ۋە نەتىجە ياراتتى . مەن بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ، يېڭىدىن قۇرماقچى بولغان زاۋۇتىنىڭ تېزراق ئىشقا كىرىشىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاكالەتچىلەر ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا شىنجاڭ ‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن 2012-يىللىق ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاش ، ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى قانداق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن.

شىنجاڭ ‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى 2004-يىلى 3-ئىيۇن قۇرۇلغان بولۇپ، ‹‹ مەشرەپ›› ماركىسىنى قوللىنىشقا باشلىغان . شىركەتنىڭ ھازىر مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 158 ئورۇندا توپ ۋە پارچە سېتىش ئورنى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنى بار بولۇپ ، شىركەت نەچچىمۇ يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات جەريانىدا، ئىزچىل ھالدا مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خېرىدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان .









|  |  |  |  |
|
|