كۆرۈش: 54859|ئىنكاس: 42

سىز چاشقان گۆشى يەپ باققانمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
149
تۆھپە
86
UID
3936
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 09:33:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز چاشقان گۆشى يەپ باققانمۇ؟ ئىككى ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت پىروگىراممىسىدا چاشقان بېقىش توغۇرسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر خەۋەر قويۇلدى.     مۇخبىر چاشقان باققۇچىلار بىلەن چاشقان باقىدىغان يەرگە كىردى،ئۇيەردىكى چاشقانلارنىڭ چوڭلىغىدىن ھەيران قالىسىز،بىزنىڭ ئۆيدە باقىدىغان مۈشۈك بىلەن -يەكمۇ-يەك ئېلىشسا بىر مىنۇتقا قالماي مۈشۈكنىڭ ئۇستىخىننى قۇيۇپ قويغۇدەك دەرىجىدە يوغان ئىكەن.

لىكىن بەك سىمىز بولغاچقا بەك مىدىرلاپ كەتمەيدىكەن. ئاندىن ئۇنى نىمە بىلەن باقىدىغىننى كۆرسەتتى،ئۆلۈك ئىت،ئېشەك ،چوشقا ئۆلتۈردىغان گوداڭدا ئاشقان چوشقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ھەم تاماقخانىلاردىن ئاشقان نەرسىلەرنى تاشلاپ بىرىپ باقىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى. مۇخبىر ئۇلاردىن چاشقان بېقىپ نىمە قىلدىغىننى سورىدى.
چاشقان باققۇچى خېلى ئۇزۇنغىچە جاۋاپ بەرمەي تۇرۋالدى،مۇخبىرنىڭ قايتا-قايتا سورىشى ئارقىلىق ئاخىرى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك خەۋەرنى دىدى.

دەسلەپتە ئۇلار چاشقاننىڭ تېرىسىنى ئېلىش ئۈچۈن باقىدىغانلىغىنى،چاشقان تېرىسى ئەرزان ھەم پارقىراق بولغانلىغى ئۈچۈن بازىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ كىيىم تىكىش ئۈچۈن سېتىۋالدىغانلىقىنى ئاساسى جەھەتتىن كىيىملەرنىڭ ياقىسىغا ئىشلىتىدىغانلىنى دىدى.
ئاندىن مۇخبىر يەنە چاشقاننىڭ گۈشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىغانلىغىنى سورىدى. چاشقان باققۇچى ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغان ئىشنى دىدى. ئادەتتە چاشقان گۆشىدە خوتۈيچاڭ ياسايدىغانلىغىنى دىدى. ئاندىن ئۇلار خوتۈيچاڭ ياسايدىغان يەرگە كىردى، ئۇ يەرنىڭ مەينەتلىگىنى دىمەيلى قويايلى. ئاندىن خوتۈيچاڭ ياساشنىڭ تەپسىلاتىنى چۈشەندۈردى.ئاۋۋال تېرىسىنى شۈلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن گۈشىنى قايناقسۇدا پىشۇردىكەن.
ئاندىن پىشقان چاشقان گۆشلىرنى گۆش ئىزىش ماشىنىسىغا سېلىپ ئېزىدىكەن.چاشقانلارنى ئۇستىخانلىرى بىلەن گۆشلىرى ئىزىلىپ يۇمشاق ھالەتكە كېلدىكەن،ئاخىردا ئۇنى ئۇن بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇردىكەن ھەم ئۇنىڭ تۇخۇ گۈشى تەملىگىگە تۇخۇ تەمى چىقىرىش ئۇچۇن ئاز مىقداردا جىروفىن(تۇخۇ تەمى تالقىنى)كالا گۆشى تەملىككە نىيۇرۇفىن(كالا گۈشى تەمى تالقىنى)ئۇنىڭ يەنى چوشقا گۈشى تەملىكلىرمۇ بار ئىكەن.........
ئاخىردا ھەممىسنى ئارلاشتۇردىغان ماشىنىغا سېلىپ خېمىر ھالەتكە ئەكىلىپ،ھوردا خېمىر ئارلاشتۇرۇلغان چاشقان گۆشىنى پىشۇردىكەن.ھوردا پىشقاندىن كىيىن ناھايىتى جىق بۇلۇپ كۆپۈپ پىشىدىكەن.ئاندىن يەنى بىر ماشىنىغا سالىدىكەن،يەنە بىر تەرەپتىن توملىغى باش بارماقچىلىق ئۇزۇن-ئۇزۇن بۇلۇپ چۈشىدىكەن،ئاندىن ئۇنى كەينىدىكى بىر مۇنچە ئاياللار ئۆلچەملىك كىسىپ بېرىدىكەن،يەنە بىر ماشىنا كىسىكلەرنى ئاپتۇماتىك ھالدا خالتىغا قاچىلاپ ئاغزىنى ئىتىپ چىقىردىكەن،
شۇنداق قىلىپ بىز ھەم بىزنىڭ بالىلىرىمىز يەيدىغان خوتۈيچاڭ تەييار بولىدىكەن.......... مەن بۇ تېمىنى "قاشتېشى"مۇنبىرىدە كۆرۈپ قېلىپ بارلىق دوستلارغا خەۋەر قىلىش مەقسىتىدە بۇ مۇنبەرگە يۆتكىدىم!چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا 麻辣串،零食،火腿肠 يەيدىغانلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ، قىسقىسى مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، بۇتېمىنى كۆرگەندىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمان دوستلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالىغا قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇ تېما سەلكىن مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   {阿里-M} تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 09:36  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
737
تۆھپە
384
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:40:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت! بۇرۇنمۇ بالامنىڭ بۇلارنى يېيىشىگە قەتئىي قارشى تۇراتتىم. مۇنبەردىكىلەرنىڭ بۇ تېمىنى يېقىن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست يارەنلەرگە ئۆز - ئارا ئەۋەتىشىپ ئەقلىمىزنىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى!

Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
326
تۆھپە
155
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:01:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئائىلەمدە بۇ نەرسىنى چەكلەپ قاتتىق تۇزۇم ئورناتقان، ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە بۇلىۋاتىدۇ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:01:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىرغا قەدەر شۇ نەرسىنى راسلا يەپ باخمىدىم نىمە ئۇچۇنكى يىگۇم كەلمەيدۇ....

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:07:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز  ئەسكەرتكىنىڭىزگە كوپ رەخمەت
ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 4

تىللا
453
تۆھپە
67
UID
49
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:41:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېگەن مەينەت، ياتاقداشلىرىمنى توسىسام بولغىدەك

Rank: 2

تىللا
115
تۆھپە
59
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:51:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چۈشىنىشلىك ، ئەتراپلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپسىز.رەھمەت.مۇشۇ مەينەت نەرسىلەر قاچانمۇ يوقار،ھەممىمىز دىققەت قىلايلى قېرىنداشلىرىم.ئەقلىمىز،ھەم دىلىمىز بۇلغۇنۇپ كەتمىسۇن.!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1399
تۆھپە
1140
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:31:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋايجان   مەن بەك ئامراقتىم ،،ئۇنداقتا   مەن ...ھۆ.................................
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

تىللا
269
تۆھپە
118
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 15:52:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
4
UID
9565
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 17:42:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى دىگەنلەرنى ئاڭلاپ... مەنغۇ ئەزەلدىن يېمەيمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 15:11, Processed in 0.078747 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991