تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 411|ئىنكاس: 15

كۇچادا ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› تەسىس قىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1261
تۆھپە
686
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 12:50:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    كۇچادا ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› تەسىس قىلدى



    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاھىر ھىمىت، نۇرىمانگۈل داۋۇتلار خەۋىرى:  3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچادا ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› تەسس قىلىنىپ، ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى››نىڭ تاللاش، مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئېلان قىلدى. ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 30 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.
    كۇماراجىۋا ئەينى ۋاقىتتىكى كۈسەن، ھازىرقى كۇچادا تۇغۇلغان (مىلادىيە 344~ 413 ) بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بۇددىزم ساھەسىدىكى ئۈچ مەشھۇر تەرجىماننىڭ بىرى. ئۇ يەتتە يېشىدا راھىب بولۇپ، كۈسەنلىك مەشھۇر راھىب بۇددا شېمىندىن بۇددا نوملىرىنى ئۆگىنىپ، توققۇز يېشىدا ئانىسى بىلەن بىللە كەشمىرگە بېرىپ، كەشمىر پادىشاھىنىڭ ئىنىسى پەنتو دادونى ئۇستاز تۇتۇپ، بۇددا نوملرىنى ئۆگىنىدۇ، 12 يېشىدا كۈسەنگە قايتىپ كېلىپ، بۇددىزم تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مىلادىيە 382 يىلى كۇماراجىۋا چاڭئەنگە كېلىپ، بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئەسەر يېزىش ۋە دەرس ئۆتۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ 800 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان تەرجىمە ئاپپاراتى تەشكىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، 11 يىل ئىچىدە 35 قسىىم، 300 نەچچە جىلد نوم تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تەربىيەلىگەن شاگىرت 5000 دىن ئاشقان ئىدى.
    كۇچا ناھىيەسى تارىخىي مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› تەسس قىلىپ، ناھىيە ئىچىدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كارتىنىسى سىزىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
    ئىگىلىنىشچە، بۇ مۇكاپات شەخس مۇكاپات تۈرى بولغان ‹‹كۇماراجىۋا مەدەنىيەت خىزمىتىگە تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى››، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى تۈرى بولغان ‹‹كۇماراجىۋا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى››دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. ناھىيە تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىنىڭ مۇكاپاتلاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 30 مىڭ يۈەن، ئەڭ تۆۋەن مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن. ناھىيە سىرتىدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتلاش سوممىسى 10 مىڭ يۈەن، ئەڭ تۆۋەن مۇكاپات سوممىسى 3000 يۈەن.
    ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ‹‹كۇمىراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى››نى باھالاش پائالىيىتىدە باشتىن-ئاخىرى ئۈچكە يېقىنلىشىش، ئالتىدە ياخشى بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر روھى ۋە شىنجاڭچە روھنى كۈيلەپ، كۇچانىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇلغان مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، باھالاش پائالىيىتى ئارقىلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى بايقاپ، كۇچانىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.
     

مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي



Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئۆمەرجان مۇھەممىدى
تىللا
235
تۆھپە
48
UID
2470
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 13:12:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ كاتتا تەبرىكلىگىدەك ئىش بوپتۇ!  بارىكاللا كۈسەنلىكلەر !...ئاپېرىن سىلەرگە كومۇراجىۋا ئەۋلادلىرى......


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئۆمەرجان مۇھەممىدى
تىللا
235
تۆھپە
48
UID
2470
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 13:14:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى مىللى ئەدەبىيات -سەنئىتىمىزنى يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر خوت يۆتكەپسىلەر.... گۈزەل مەنزىل سىلەرنى چاقىرماقتا...


Rank: 2

تىللا
112
تۆھپە
29
UID
5302
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 13:46:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇماراجىۋا دىگەن كىمۇ ، بۇ كىشى قايسى مىلەت ؟ «بۇيۇك بۇددا ئالىمى  كۇماراجىۋا»  دىگەن  كىشىنىڭ تارىخىنى   بىزگە كىم تۇنۇشتۇرۇپ يازغان  ،قاچان يېزىلغان ،مەن مۇشۇنداق بىردۇنيا مەدىنيتىگە زۇر تۇھپە قۇشقان  كىشىنى  دىيارىمىزدىكى ئانىلىرىمىزنىڭ  تۇغۇپ  تەربىيلەپ چىقانلىغىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن يەنە  ئانىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق تىرىشچان  ئالىملارنى تۇغۇپ تەربىيلىشىنى  ئالىملىرىمىزنىڭ  دۇنيا مەدىمىيىتىگە   كۇپلەپ     زۇر تۇھپە  قۇشۇشىنى  ئۇمۇت قىلىمەن


Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
18
UID
9715
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 14:01:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇچا ناھىيىلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەت كىبىر ئەپەندىنىڭ كۇچانىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.

بىز ئەينى چاغدىكى سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىمىز(ئاخمەت كىبىر)دىن پەخىرلىنىمىز.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
382
تۆھپە
226
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 14:10:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسنى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر يازغان ..كومراجىۋانىڭ دادىسى كوماراتان ھىندى مىللىتىدىن ،ئانىسى جىۋا كۈسەنلىك بولۇپ تۈرك مىللىتىدىن ...مىللەت تەۋەلىكىگە كەلسەك ھىندى دىسەك خاتا كەتمەس .


قەلەمىي بېلوگى

21 ئۇچۇر دۇنياسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ .

Rank: 4

ئىسىمى
كروران
تىللا
436
تۆھپە
77
UID
360
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 14:23:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق كاتتا مۇكاپات تەسس قىكلىنىش دىيارىمىز ئەدەبىيات قۇرلۇشىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىغا كەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۇسەن دىيارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
2784
تۆھپە
768
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 14:39:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. ئوتتۇر يولدا توختاپ قالماي داۋاملىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5271
تۆھپە
2681
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 15:34:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كومراجىۋا تەرجىمە مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن ئەسلى!
ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا : «مۇنىرىددىن خوجا ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدىكەن!


مەن مەنسىز مەن !
مۇنبىرىمىز:
http://www.kulgin.com/bbs/forum.php
رادىيو قانىلىمىز:
http://www.kulgin.com/index.html

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3819
تۆھپە
480
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 16:43:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەدەنىيەت سەنئەت ئىشلىرىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ . بۇ كۇچانىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى يەنە بىر كاتتا ئىشى بولۇپتۇ . بۇ خاسىيەتلىك ئىشنىڭ باش ئاخىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن .


تەتقىتنى قوبۇل قىلغانلىق ، ئالغا باسقانلىق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:21, Processed in 0.092502 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991