بەختىڭنى تىلەيمەن ئامان بول جېنىم ،
-------------
قەلەمىي
--------------
بەختىڭنى تىلەيمەن ئامان بول جېنىم ،
گەر ساڭا مىھرىمنى بېرەلمىسەممۇ .
يۈرىكىڭدىن سۇنۇلغان قىزىل ئالماڭنى ،
يۈرەكلىك ئولتۇرۇپ يىيەلمىسەممۇ .

قوياشنىڭ ئاپتىپى كۆرۈنمەي قالدى.
جۈپ كۆزۈم بىر سېنى كۆرەلمەي تالدى ،
پىراقىڭ پىنھاندا ئازابلار سالدى ...
ئەسلەيمەن بارىمنى بېرەلمىسەممۇ .

بۇلبۇلتىم ئۈنلىرىم ئۆچتى بىر - بىرلەپ ،
تاپالماي ئىزدىگەن يېرىمدىن سېنى .
خوشلىشىپ قىيالماي قارايمەن يەنە ،
يىقىلسام بىركۈنى يۆلەيتىڭ مېنى .

ئامان بول يۈرىكىمدىن تىلەرمەن بەخت ،
دەقىقەڭ شادلىقنى كۈتۋالسۇن ئەبەد ،
ئوڭ - چۈشۈم بىر سېنىڭ بولالماس بەلكىم ،
تېنىچلىق تىلەيمەن - تىلەيمەن پەقەت .

تەقدىرنىڭ قىسمىتى بولار ئاجايىپ ،
گاھ بېرەر كۈلكىلەر گاھى ھەم ئازاب .
بولساڭ گەر بەخىتلىك ھامان بىر كۈنى ،
بولماستى ھالىممۇ ئۆمۈرلۈك خاراب