تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 274|ئىنكاس: 7

كەچۈرۈڭ ، بۇ يەردە سۆيۈشۈشكە بولمايدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
303
تۆھپە
177
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەچۈرۈڭ ،بۇ يەردە سۆيۈشۈشكە بولمايدۇ


قەلەمىي تەرجىمسى


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ، يېقىندىن بۇيان ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلەشسە بولامدۇ دىگەن مەسلە ئاۋام ئارىسدا بولۇپمۇ كەڭ ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسدا كۈچلۈك بەس مۇنازىرە قوزغاپ خېلى غۇلغۇلا پەيدا قىلدى . شۇنىڭ دەلىلىي سۈپتىدە تۆۋەندىكى ماقالىنى ۋاقىت مۇناسۋېتى بىلەن ئازراق قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدىم . بىزلەرنىڭ جەميىتىمىزگە ماس كېلەمدۇ ؟ كەلمەمدۇ بۇنسى ماڭا قاراڭغۇ : لېكىن ماقالدىكى كۆز قاراشلارسەلبىي ياكى ئىجابىي بولسۇن  ماقالە ئىگىسىگە تەۋە ،سىزنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرشىڭىز كەسپى ۋە ئەخلاقىي سەۋىيەرىڭىز ،بىلىم قۇرۇلمىڭىزغا باغلىق ،


بىر ئادەمنىڭ قانداق ۋاقىتتا مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىشى - ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى .مۇھەببەتلەشكۈچلەر ئارىسدا ئىشىق -مۇھەببەتتىن سۆز ئىچىلغاندا ئۆزلىرىنى تۇتۋالالماي  ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىمەستىن ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت .
قىززىق يېرى يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ يېڭى بىر تۈرلۈك بەلگىلمە چىقىرىپ ئالىي مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ سۆيۈشۈشنى چەكلىگەن . ئەگەر ئامراق ئاشىق مەشۇقلار ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەخلاق ۋە ھاياغا تۇزكورلۇق قىلىپ سۆيۈشۈپ كەتسە ئۇلارنى كۆرۈپ قالغان ھەرقانداق ئادەم ئۈنلۈك ئاۋازدا << كەچۈرۈڭ ،بۇ يەردە سۆيۈشسىڭىز بولمايدۇ .قىزىققۇچىلكى يوق ،يۈرىكىڭىز ئىزىغا چۈشمەيدۇ .بۇ بىر سالاپەتلىك ئوقۇغۇچىنىڭ قىلدىغان ئىشى ئەمەس-.دەيدىكەن .
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ ئۆگنىش ۋە تۇرمۇشى ئاساسەن مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ئۆتىدۇ .مەكتەپ ئىچىدە سۆيۈشۈشكە رۇخسەت قىلمىسا ئەلۋەتتە سىرتلاردا ،بىنا تۈۋىلىرىدە قۇچاقلىشدىغان ،كالپۇك يالشىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ .
ئېسىمدە قېلىشچە 2002-يىلى  قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە شارائىتى  يار بەرسە توي قىلشىغا رۇخسەت قىلغان .شۇ ۋاقىتتا توسۋالغۇسىز دولقۇن كۆتۈرلۈپ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەكرەپ چىقىپ  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىششى  مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈمىگە خىلاپ ،ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە توي قىلساق نۇرمال ئۆگىنىش پائاليىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ ،مەكتەپ ئىستىلى بۇزۇلدۇ،...دەپ قاراپ   بۇنىڭغا قارشى تۇرغان .رۇخسەت قىلغانلىق ئىلھاملاندۇرغانغا باراۋەر ئەمەس .ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن خاتا بەلگىلمە قائىدىلەرنىڭ تۈزۈتۈلشى خۇددى ھودۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندەك ئازراق چەكتىن ئېشىپ كەتتى .خۇددى ئىلھاملاندۇرغاندەك
مەكتەپ ئىچىدە قورساق كۆتۈردىغان قىزلار، ئېچىرقاپ كەتكەن بوۋاقلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى .
مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىكاھلىنىشغا ،ياكى بىللە تۇرشىغا قارشى چىققۇچىمۇ ئەمەس ،ھەم ئانچە  قوللاپمۇ كەتمەيمەن .ئەقلى قابىليىتى يۇقۇرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ھىسىياتىمۇ شۇنىڭغا ماس تەرەققىي قىلدۇ .شۇڭا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشنى ئۆگىنىشنى بىر قەدەممۇ كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك .ھۇزۇرىنى سۈرۈش كېرەك .ئۇلارنى نىمانچە توسۇۋالسىز ؟دۆلتىمىزنىڭ قانۇنى مۇكەممەل ئەمەس ،ئەمما قىزلار 20ياش ،ئوغۇللار 22ياشتا توي قىلسابولۇدۇ دەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن .ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسۋەتلىك بەلگىلمىللىرى نىمىشقا تەپتاتماي قانۇن بىلەن ئوينىشدۇ ؟ مەكتەپلەر بىر ئەر ئاياللار بىناسى قۇرسا نۇرغۇن كىشلەر قوللىماسمىتى ؟
مېنىڭچە باشتا دىگنىمدەك قايسى ۋاقىتتا ،قانداق ئادەملەر بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش ھەركىمنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خۇسۇسىي ئىشى .بىر ئۆمۈر مۇھەببەتلەشمەي توي قىلماي ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى . .....
مۇنۇ يەردىن تەرجىمە قىلدىم

مېنىڭ شەخسىي تور بېتىم ..كۆرۈپ بېقىڭ
ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ .باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ..

Rank: 6Rank: 6

تىللا
491
تۆھپە
306
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 18 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن ، ھازىر نېمىشقىكىن ئالى مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىش ۋە توي قىلىش توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر قىززىپ قالدى ، ھەتتا ئائىلە باشلىقلىرى مەخسۇس زىيارەت قىلىندى . مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلارغا ئەركىنلىك بېرىش كېرەك (دېمەكچى بولغىنم خالىغانچە سۆيۈشۈڭ ياكى .......   ئەمەس) . ئۇلار ئالى مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىش ياكى توي قىلىشنى ئۆزى تاللىسا مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن . (شەخسى قارىشىم)

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە  ئىچ قانداق ئىشقا پۇتلاشمىسا  ...دىمەكچى دەخلى بولمىسا توي قىلىپ بۇ جەمىيەتتە نورمال ياشىسا  بولمىدىمۇ،،،

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سايرام
تىللا
255
تۆھپە
75
UID
1383
يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ئادەملەر نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدىغان ئەركىن ھايۋاندۇرر، شۇڭا يۇقۇرقى ئەۋاللارغا ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1221
تۆھپە
719
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بىلىم ئېلىشمۇ  مۇھىم ، تۇرمۇش قۇرۇپ ئەۋلات قالدۇرۇشمۇ مۇھىم ، خىزمەتكە چىقىشقا ئالدىرىماي، ئۇرلەپ  ئۇقۇشنى خالايدىغانلار بولسا ، يېشى بەك ئۇتۇپ كەتكۇچە ،توي قىلسا ،بۇمۇ بولىدىغان چارىكەن

Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
46
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 3 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە قىزلار ئالى مەكتەپتە مۇھاببەتلەشسە بولىدۇ، ئوغۇللارغا بولمايدۇ!!! نىمىشقا دىسىڭىز، قىزلارنىڭ يېشى بەكلا چوڭىيىپ كەتسە ئەقلىدىن ئازىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئېزىپ قالماي ياخشى بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ ، تىزراق ئائىلە ئىشىغا تۇتۇش قىلسا بولىدۇ، ئەمما ئوغۇللار ئوخشىمايدۇ، مۇھاببەتلىشش ئوغۇللارنىڭ ئىستىقبالىنى تۇلۇق نابۇت قىلىدۇ، ئوغۇللار دىگەن مىللەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى، ئۇلار ياخشى ئۆگۈنۈشى لازىم. دىگەندەك بىر قاتار سەۋەبلەر.........مەن سەل ئالدىراش بوپ قالدىم ، قالغىنىنى كىيىن يازاي!!

قىزلارغا ھىسيات ئەقىلدىن ئۇستۈن كەلسە چۈشەنكۈلۈك، ئەمما ئوغۇللارغا ھىسيات ئەقىلدىن ئوستۈن بولغىنى شۇ -بولمىغان يېرى.......

Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
46
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 3 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇن كىشى دىگەن ئاۋارىچىلىقنىڭ بوۋىسى. تەرەكتۇرنىڭ توچىيى....!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
970
تۆھپە
567
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار توي قىلسا نىمىگە تايىنىپ جان باقىدۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-31 20:44, Processed in 0.076004 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991