تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 84|ئىنكاس: 8

يۇمۇرلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
54
تۆھپە
22
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكشۈرۈش نەتىجىسى
        بىر كاتتا خوجايىن بىر ئارتىس قىز بىلەن توي قىلماقچى بوپتۇ. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر خۇسۇسىي رازۋېدكىچىنى ياللاپ، قىزنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بوپتۇ، ئىككى كۈن بولا-بولمايلا، رازۋېدكىچى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپتۇ:«بۇ ئەخلاقلىق قىز ئىكەن، بىرەر سەتچىلىككىمۇ قالمىغان ئىكەن. لېكىن، يېقىندىن بۇيان ئۇنى بىر شاللاق خوجايىن ئاپاق-چاپاق بولۇپ يۈرىدۇ، دېگەندەك گەپ-سۆزلەر تارقىلىپتۇ.........  ».

دوزاخنىڭ ئىشىكى ئالدىدا
        جىم بىلەن يوھان دوزاخنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تاسادىپى ئۇچرىشىپ قاپتۇ.
        جىم: سەن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭ؟
        يوھان:مەن توڭلاپ ئۆلگەن، سەنچۇ؟
        جىم:مەن ئايالىمنىڭ بەزى ناشايان ئىشلىرىنى سېزىپ قالدىم-دە، ئۇنى ئازدۇرغان ئاشۇ ئەبلەخنى تۇتۇۋېلىش نىيىتىدە بىر كۈنى ئۆيگە بالدۇرراق قايتقان ئىدىم، بىراق ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپمۇ ئۇ ئەبلەخنى تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن، يۈرەك كېسىلىم قوزغىلىپ قالدى-دە، ئۆلۈپ قالدىم.
        يوھان: ھەي ئېسىت، سەن توڭلاتقۇنى ئاختۇرغان بولساڭ، ھەر ئىككىمىز ئۆلمىگەن بولاتتۇق.

مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش
        رەتلىك، پاكىز كىيىنگەن بىر بوۋاي بىر رېستورانغا كىرسە، ئۆچىرەت كۈتۈپ تۇرغان خېرىدار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئۇ شىرە ئۈستىدىكى قاپا-قومۇچلارنى يىغىشتۇرۇش بىلەن پايپېتەك بولۇۋاتقان كۈتكۈچىگە دەپتۇ:
        -پېنسىيىگە چىققان، نازىر دەرىجىلىك بىر كادىر قانداق جايدا ئولتۇرۇشى كېرەك؟
كۈتكۈچى بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي جاۋاپ بېرىپتۇ:
        -ئۆيىدە.

ئىلگىرى-كېيىنلىك  تەرتىپى
        مارىي تاپشۇرۇق ماقالىسىنى مۇنداق يېزىپتۇ:«مەن ئىككى بالا تۇغۇشنى، شۇنداقلا كېلىشكەن بىر ئەر بىلەن توي قىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن».
        مۇئەللىم ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىغا مۇنداق پىكىر يېزىپتۇ :«ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىگە دىققەت قىلىڭ».


جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.(2009.4)

Rank: 6Rank: 6

تىللا
491
تۆھپە
306
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى يۇمۇر بىلەن تۆتىنچى يۇمۇر بەك قىززىق ئىكەن .
رەھمەت


Rank: 1

تىللا
39
تۆھپە
15
UID
9190
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يومۇرلاركەن ..يوللىغۇچىغا رەھمەت


Rank: 2

تىللا
35
تۆھپە
45
UID
3936
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەت  قىزىقارلىقكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
508
تۆھپە
243
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كۈلۋالدۇق    رەھمەت.   


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس

Rank: 4

تىللا
260
تۆھپە
116
UID
2588
يوللىغان ۋاقتى 20 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزقارلىقكەن رەھمەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىردىكى  يۇمۇر  نېمانداق ،،،،ھا،،،،،،،ھا،،،،،،،،،،،،،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى يۇمۇر  ھازىرقى ئوغۇللار  غا..................


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
890
تۆھپە
408
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KALBIM يوللىغان ۋاقتى  2012-3-31 10:04
بىرىنچى يۇمۇر  ھازىرقى ئوغۇللار  غا..................

ماس كەلمەيدىكەن دىمەكچى ھە سز


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-31 20:56, Processed in 0.073117 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991