كۇللى مەۋجۇدات ، ئىنسان ۋە دۇنيا ئاپرىدە بولۇشتىن بۇرۇن ، تەڭرى ئادەملەرگە تەقدىم قىلىدىغان پەزىلەتلەرنى ئايرىم-ئايرىم ئۆيگە سولاپ قويغان ئىكەن . ئولتۇرۇپ زېرىككەن پەزىلەتلەر مۆكىمۆكىلەڭ ئوينىماقچى بوپتۇ .
-مەن سىلەرنى تۇتاي ،-دەپتۇ <ئەسەبىيلىك> . ھېچكىمنىڭ <ئەسەبىيلىك>نى تۇتقىسى بولمىغاچقا ھەممىسى قوشۇلۇپتۇ .
<ئەسەبىيلىك> :
- بىر، ئىككى ، ئۈچ...........،-دەپ ساناشقا باشلاپتۇ .بارلىق پەزىلەتلەر تەرەپ-تەرەپكە مۆكۈشۈپتۇ . <ئاسىيلىق> ئەخلەت دۆۋىسىگە مۆكۈپتۇ ، <يالغانچىلىق> كۆل تېگىدىكى تاشنىڭ ئاستىغا مۆكۈپتۇ...............<ئەسەبىيلىك> ساناۋېرىپتۇ ،
- يەتمىش توققۇز ، سەكسەن ، سەكسەن بىر ...........
نەگە مۆكۈشنى بىلەلمەي قالغان <مۇھەببەت> تەمتىرەپ قاپتۇ . بۇنىڭدىن ھەيران قالماڭلار ، ئەجىبا سىلەر "ئۆز مۇھەببىتى" نى يوشۇرۇشنىڭ نەقەدەر تەس ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟!
<ئەسەبىيلىك> توختىماستىن ساناۋېرىپتۇ :
-توقسان بەش ، توقسان ئالتە ، توقسان يەتتە ........... - ئاخىرىقى ساناق يۈزگە ئازلا قاپتۇ ، <مۇھەببەت> بىرلا سەكىرەپ ئەتتىرگۈلنىڭ ئىچىگە كىرىۋاپتۇ . <ئەسەبىيلىك> ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ ، ئەڭ ئاۋال <ھورۇنلۇق>نى تۇتىۋاپتۇ ، ئاندىن كېيىن <يالغانچىلىق> نى تېپىۋاپتۇ ............. ئىشقىلىپ <ئەسەبىيلىك> بارلىق پەزىلەتلەرنى بىر-بىرلەپ تۇتىۋاپتۇ ، بىراق ھەرقانچە ئىزلەپمۇ <مۇھەببەت> نى تاپالماپتۇ . ئۇسەل ئۈمىدسىزلىنىپتۇ ، بۇچاغدا <ھەسەتخورلۇق> ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلاپ <مۇھەببەت>نىڭ نەدىلىكىنى ئېيتىپ قويۇپتۇ .
<ئەسەبىيلىك> ئەتترگۈلنىڭ ئىچىگە سەكرەپ كىرىشىگە ، "ۋايجان" دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ ، ئەسلى ئەتتىرگۈلنىڭ تىكىنى <مۇھەببەت>نىڭ كۆزىگە سانجىلىپ كەتكەن ئىكەن . شۇچاغدا تەڭرى قايتىپ كەپتۇ ، ئۇ يارىلانغان <مۇھەببەت>نى كۆرۈپ ئاچچىقلىنىپ <ئەسەبىيلىك> كە ۋارقىراپتۇ :
-سەن <مۇھەببەت> نىڭ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويۇپسەن ، ئەمدى مەڭگۈ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال !!!
