تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 217|ئىنكاس: 11

دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچىغا ھەق ئالغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
62
تۆھپە
4
UID
5032
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچا ھەققى ئالغانلارغا يۇقىرى بولغاندا 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ



    ئۈرۈمچى شەھەرلىك س س م ب ئىدارىسى ئىستېمالچىلارغا بىخەتەر ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى، سودىلىشىش ھوقۇقى ھەمدە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىغا ئاساسەن بەلگىلىمە چىقىرىپ، دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچا ھەققى يىغىش قىلمىشلىرىنى چەكلىدى.
    بەلگىلىمىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى (يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىستېمالچىلارنىڭ غىزالانغاندا دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچىلارنى ھەقسىز ئىشلىتىشىگە ياكى بىر قېتىملىق دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچىنى تاللاپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇش، بىر قېتىملىق دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچىلاردىن مەجبۇرىي ھەق ئېلىشنى چەكلەش، شەكلى ئۆزگەرگەن بوتۇلكا ئېچىش ھەققى ئېلىش ھەمدە ئەڭ تۆۋەن ئىستېمالغا چەك قويۇش قاتارلىقلارنى چەكلەش بەلگىلەنگەن. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىش بىلەن بىللە، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن. ئىستېمالچىلار بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا ئۇچرىسا «12315» كە تېلېفون بېرىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلسا، س س م ب تارماقلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلىدىكەن.

مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1523
تۆھپە
1011
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما خەۋەرنى كىچكىپ كۆرۈپتمەن ، چۈشتە بالىلار بىلەن تاماق يەپ 5 كوي قاچا قۇچا يۇيۇش پۇلى تۆلىگەن . ئەمدى ما بەتنى بىسىپ چىقىرۋىلىپ ھوقۇقىمىزنى قوغدىساق بولغۇدەك ...


Rank: 6Rank: 6

تىللا
491
تۆھپە
306
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەلگىلىمە چىققىلى نەچچە يىل بولدى ، ئەمىلىيلەشكىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
970
تۆھپە
567
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-3-30 18:09
ما خەۋەرنى كىچكىپ كۆرۈپتمەن ، چۈشتە بالىلار بىلەن تاما ...

مۇھىمى بۇ خەۋەرنى شۇ تاماقخانا خۇجايىنى كۆرمەي قالغان گەپ. بولمىسا ئىشىككە «قاچا يۇيغۇچى قۇبۇل قىلىمىز» دەپ ئېلان چاپلاپ قويغان بولاتتى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
855
تۆھپە
497
UID
519
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ،،ھارمىغايسىز..


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
146
تۆھپە
85
UID
461
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بىلۋالدىم . بۇ قانۇن ھەممە شەھەردە ئوخشاشمۇ ياكى مەركىزى شەھەر ئۇرۇمچىدىلامۇ ؟


Rank: 4

تىللا
225
تۆھپە
123
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 6 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ   ناھىيىگىمۇ  ئەمىللىشەمۇ  يا


Rank: 8Rank: 8

تىللا
62
تۆھپە
4
UID
5032
يوللىغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن خىزمەتداشلىرىمىز تاماق يېگەندە ئىشلەتكەن قاچا – قۇچىلاردىن يەنىلا پۇل ئاپتۇ، تېلېفون بېرىپ ئىنكاس قىلغاندا پۇل ئالمايدىغان قاچىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئالماشتۇرۇپ بېرەلمىسە بىزگە تېلېفون قىلساڭلار بولىدۇ، دەپتۇ، قارىغاندا بۇنىڭدىن شۇنداق قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
9
UID
4760
يوللىغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ ئىشنىڭ ئۇمۇملاشمى  بەك تەس ئىش   يەنە كىلىپ مەن قوللايمەن بۇ ئىشنى    بولمىسا دىمىسەممۇ بىلىسىلەر بۇرۇن  ئاشخانىلارغا كىرسەك ساپلا دىگىدەك  قاچىلار پۇچۇق ئىدى  ھەم بەك پاكىز دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتى نايىتى بىر يۇەننىڭ ئىشى  مەنچە بۇنى چەكلەيمەن دىسە يەنىلا زىيان بىزگە بۇلىشى مۇمكىن  چۇنكى ھەربىر يىمەك-ئىشمەك سودىگىرى  تاماق باھاسىغا قۇشۇۋىتىدۇ شۇ يەنىلا زىيان ئىستىمالچىلارغا بۇلىدۇ


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئەيسا
تىللا
197
تۆھپە
50
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۈزىمكەن! بىراق مەركىزى شەھەردە  ئۇمۇملاشترۇلۇش مۇمكىن ،لېكىن بۇ تەرەپلەردە ئۇمۇملاشمىقى تەس جۇمۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-31 21:04, Processed in 0.073282 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991