سۆيۈپ مېنى قانمىسكەن تەبەسسۇم
============
قەلەمىي
===========
ئارام ئالسام ئۆيدە ھەمرا بولسىكەن ،
ئۇچسام ئۇچۇپ كۆكتە ھەمرا بولسكەن ،
ئۇخلاپ قالسام چۈشتە ھەمرا بولسىكەن....
سۆيۈپ مېنى قانمىسكەن تەبەسسۇم .
=================
يول باشلارغا نۇرلۇق مەشئەل بولسىكەن .
كۈندە يىيەر تاتلىق ھەسەل بولسىكەن .
ھەر دەقىقە تۇتار ئەمەل بولسىكەن ...
سۆيۈپ مېنى قانمىسكەن تەبەسسۇم .
======================
ئۇسسار بولسام تامچە بولۇپ ئاقسىكەن ،
ھەريۈرەككە شەربەت بولۇپ تامسىكەن .
ھەر قەلىبكە زەمزەم بولۇپ ياقسىكەن ...
سۆيۈپ مېنى قانمىسكەن تەبەسسۇم .
========================
ھەر سەھەردە كەتمىسكەن يېنىمدىن ،
ئىچ- ئىچىمدىن يۈرەك - تومۇر قېنىمدىن ،
يىراقلىسكەن ھەر بالالار قېشىمدىن ...
سۆيۈپ مېنى قانمىسكەن تەبەسسۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 17:37