سېلىشتۇرۇش
بىر بالا قىز ساۋاقدېشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ،دادىسىنىڭ يېنىغا يىغلاپ كىرىپتۇ.
-مەن سىنى بوكس مەشىقىگە قاتناشتۇرۋاتسام ،بىر قىز بالىدىن قورقتۇڭمۇ؟-دەپ ۋارقىراپتۇدادىسى.
-دادا، سىزمۇ مەن بەش ياش ۋاقتىمدا بوكس كوماندىسىدا تۇرغان،دەيسىز،بىراق كۈندىلا ئاپامدىن قورقىسىزغۇ؟
مەن كىمگە ئوخشايمەن
-مەن كىمگە ئوخشايمەن،-سوراپتۇ بالا ئاپىسىدىن.
-ئەلۋەتتە ماڭا ئوخشايسەن قوزام،چۈنكى بالا كىمنىڭ سۈتىنى ئېمىپ چوڭ بولسا ،شۇنىڭغا ئوخشايدۇ،-دەپتۇ ئاپىسى ئۇنى قۇچاقلاپ.
-ئەمىسە ،ئىنىم كالا سۈتىنى ئېمىپ چوڭ بولىۋاتىدۇ،ئۇ ئەجەپ كالىغا ئوخشىمايدىغۇ؟-دەپتۇ،بالا