مەرھۇم مۇھەممەت تۇرسۇن توغرىسىدا

مەرھۇم مۇھەممەت تۇرسۇن
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئاپتورى : چەرچەن ناھىيە توغراقلىق يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتىن : دامان ئوسمان
بۇ بىرئەمىلىي بولغان ھەقىقىي ۋەقە:
چەرچەن ناھىيە توغراقلىق يېزا جاۋائېرىق كەنتتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەممەت تۇرسۇن 22يىللىق تارىخقا ئىگە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. بۇ خىزمەتكە قاتناشقان 22 يىلدىن بۇيان، بارلىقىنى ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئۈن-تىنسىز مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا ھەسسە قوشىۋاتقان پىشقەدەم مائارىپچىلارنىڭ بىرى ئىدى .
1989-يىلى 11-ئايدا تەشكىل ئۇنىڭ تەدبىرلىك، يوقۇرى باشقۇرۇش سەۋىيىسىگە ئىگە قابىل يىتەكچى ئىكەنلىكىنى، خىزمەتتىكى پاك-دىيانەتلىكىنى بايقاپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان توغراقلىق يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتىن چەرچەن ناھىيىسگە ئارىلىقى 216كىلومىتىر كىلىدىغان، شارائىتى ناچار، تۆت پەسىلىنىڭ ھەممىسىدە تاغ چوققىسىدىكى قارلار ئاپئاق چوخپۇپ ئېرىمەيدىغان ، ھاۋاسى سوغۇق ، دېڭىز يۈزىدىن 4800مىتىر ئىگىزلىككە جفيلاشقان چەرچەن ناھىيىسىنىڭ «تۇرا چارۋىلىق فىرما» باشلانغۇچ مەكتىۋىگە مەكتەپ مەسئۇلى قىلىپ يۆتكەيدۇ. پىشقەدەم مائارىپچى مەممەت تۇرسۇن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، ئاكتىپ بويسىنىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزى مەسئۇل بولغان مەكتەپكە خەتەرلىك ، تىك قىيا يوللارنى بېسىپ، قارا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئىككى كۈن يول يۈرۈپ يىتىپ چىقىدۇ. يولداش مەممەت تۇرسۇن بۇ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، چەرچەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە مەكتەپنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.
مەن شۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا سەككىز يىل بولغان «دەيكى» ئوقۇتقۇچى ئىدىم. مەن يېڭى مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەشكە باشلىدىم. بىز بۇ مەكتەپتە ئالتە نەپەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، خىزمەتكە چۈشكىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان مەكتەپ مەسئۇلىمىز بىلەن خۇددى بىر ئۆيدە چوڭ بولغان ئاكا-ئۇكىلاردەك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا چىقىشىپلا كەتتۇق. چۈنكى بۇ مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تەدبىرى، ئۇسۇلى ، خىزمەتتىكى ئادىل، پاك-دىيانەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئوقۇتقۇچىلا ئەمەس، پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولغان ئىدى. بۇ مەكتەپ مەسئۇلىمىز ھەر قانداق ۋاقىتتا جاپا ئالدىدا ، راھەتتە كەينىدە، ، ھەر قانداق ئىشتا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، بىزگە ئەمىلىيىتى بىلەن باشلامچى بولۇپ كەلگەن ئىدى.
بىرگە خىزمەت قىلغىنىمىزغا ئۈچ يىل بولغان ۋاقىت ئىدى. تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆزگىرىپ، تىمپوراتورا بىردىنلا تۆۋەنلەپ، قار يېغىشقا باشلىدى. بۇ قار ياغقانچە ، بەش كېچە-كۈندۈز توختىماي يېغىپ ، قېلىنلىقىغا 40سانتىمتىر ئەتراپىدا تەبىئەتنى ئاق تونغا ئورىۋالغان ئىدى. بىز 1-مەۋسۈملۈك ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چەرچەن ناھىيە تۇرا چارۋىچىلىق فىرما ئوتتورىسىدىكى 216كىلومىتىر يولنىڭ 140 كىلومتىىر كىلىدىغان تىك قىيالىق داۋانلىق يوللارنى قار كۆمۈپ كەتكەچكە بۇ يول قېلىن قار بىلەن توسۇلۇپ، قاتناش توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بىز توپتورا 15كۈنگە يېقىن ماشىنا ساقلاپ، ئاپئاق قاردىن تون كەيگەن، قاتمۇ-قات تاغلار توسۇلۇپ تۇرغان، جاندىن ئۆتكىدەك قار-شىۋىرغان، جۇدۇن-چاپقۇنلار ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىۋاتقان تۇرا چارۋىچىلىق فىرمىسىدا قايتىپ كىتىشكە ئامالسىز تۇرۇپ قالدۇق. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز مەكتەپ مۇدىرىمىز مەممەت تۇرسۇننىڭ «مەيدەم ئاغرىپ كەتتى» دەپ قۇسىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. مەن دەرھال دوختور چاقىرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىم. بىزنىڭ ياتاق بىلەن دوختورخانىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن80 مىتىر ئەتراپىدا كىلەتتى. بۇ دەل 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىدى. مەن دوختور چاقىرتىپ سرتقا چىقىشىمغا كەسپىدىشىم مۇتەللىپ بارات يۈگرەپ كىلىپ«چاپسان بولۇڭلار مەممەت شوجاڭ ھوشىدىن كەتتى» دەپ ئالدىمىزغا كەلدى. بىز دوختورنى ئېلىپ كىرگىچە 10مىنۇت ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بىز ئۆيگە كىرسەك مەممەت شوجاڭ سۆكىدە ياتاتتى. بىز چاقىرىپ كىرگەن دوختۇر ئايال ئىدى. ئايال دوختور ئالدىن تەييارلاپ كىرگەن ئۇكۇلنى ئۇرماقچى بولۇپ، بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، توختاپ قالدى-دە بىزگە:بىر قۇر قاراپ، كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپلا قالدى. كىم بىلسۇن؟ ئاللىقاچان كۆزى مەڭگۈلۈك يۇمۇلغان ئىدى. بىز ئەمىلىي ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنى تۇتالماي كۆز يېشى قىلغان ھالدا ئولتۇرۇپ قاپتىمىز. دوختورنىڭ دىيىشىچە«جىددىي خاراكتىرلىك يۈرەك كېسىلى»ئىكەن، بىز بۇ مەرھۇمنىڭ ئۆزى جان ئۈزگەن يەردىن، ئائىلىسى، ئاتا-ئانىسى، بالا چاقىسى بار يەر، چەرچەن 216-كىلومىتىر يىراقىلىقتا ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ بىز تۇرا چارۋىچىلىق فىرمىسىنىڭ باشلىقى ياقۇپ سىدىقنى ئىزدەپ، بولغان ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلدۇق. يولداش ياقۇپ سىدىق بىز بىلەن بىرگە مەرھۇمنىڭ جەسىتى بار يەرگە كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان فىرما ئەتراپىدىكى 7ياشتىن 70ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، بۇ جايغا كەلگەن ئىدى. چوڭ مۆتىۋەرلەر، مەھەللە چوڭلىرى«ئادەم قەيەردە نەپەس ئۈزسە، شۇ يەرگە دەپبە قىلىش كېرەك»مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلايلى دەپ تۇرىۋالدى. فىرما باشلىقى ياقۇپ سىدىق بىز بەش ئادەمنى ئايرىم ئۆيگە مەسىلىھەت سوراپ، «قانداق قىلىمىز»دىدى. بىز ھەممىز كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە بىراقلا مەممەت شوجاڭنىڭ ئايالى، بەش بالىسى، ئاتا-ئانىسى چەرچەندە بۇ يەرگە دەپنە قىلساق، ئۇرۇق-تۇققانلىرى نارازى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مېيىتنى چەرچەنگە ئاپىرىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرسەك دەپ دەپ تۇرىۋالدۇق. فىرما باشلىقى ئويلىنىپ تۇرمايلا بولىدۇ. سىلەرنىڭ تەكلىۋىڭلارغا قوشلىمەن. ئەتە ئەتىگەن چەرچەنگە يولغا چىقىڭلار دەپ كەسكىن بىر قارارغا كەلدى. 216 كىلومىتىر قارلىق يولنى بېسىش ئۈچۈن ماشىنا يوق ئەھۋال ئاستىدا قانداق ئېلىپ مېڭىش كېرەك. ؟ بۇمەسىلە ھەممىىزنىڭ بېشىنى قاتۇردى. فىرما باشلىقى بىزنى چاقىرتىپ ئەتە ئەتىگەن يولغا چىقىڭلار. جەسەتنى تۆگە بىلەن يۆتكەيلى دەپ يوليورۇق بەردى. مېيىتنى ئېلىپ مېڭىشقا مەن، كەسىپدىشىم مۇتەللىپ بارات يەنە بەش نەپەر چارۋىچى يولداشتىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپا قۇرۇپ، چەرچەنگە بارغىچە ئۇزۇق-تۆلۈك ، كىيىم-كېچەك قاتارلىق تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ، ، بىزنى يولغا سالماقچى بولدى. بىز كېچكىچە مەكتەپ مەسئۇلىمىزغا ھەمراھ بولۇپ، بىر كېچىنى 200يېقىن ئادەم ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزدۇق. ئەتىسى تاڭ يورىشى بىلەن تەڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا ھېلىقى بەش نەپەر چارۋىچى يولداش ئون تۆگە، بەش ئات ئېلىپ پەيدا بولدى. ئىككى تۆگىگە يولدا قالاش ئۈچۈن ئوتۇن، بىنزىن ئارتىلغان ،ئىككى تۆگىگە ئوزۇق-تۆلۈك، ئىككى تۆگىگە مېيىتنى دەملەشتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىشقا ، ئىككى تۆگىنى مىنىشكە يەنە ئىككى تۆگىگە يوتقان-كۆرپىلەرنى ئارتىشقا ،بەش ئاتنى بىردىن بەش ئادەم مىنىشكە تەييارلاپ بەردى. بىز بۇ تۆگىنى جەزىلەپ، جەزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە سامان تىقىلغان تاغارلانى ئۇلاپ تېڭىپ، تاغارنىڭ تۆپىسىگە بىر قانچە پارچە كىگىز سالدۇق. بۇ ۋاقىتتا تۆگىنىڭ ئۈستى ، ئۇزۇنلىقى ئىككى مىتىر، كەڭلىكى بىر يېرىم مىتىر ئەتراپىدىكى كارۋاتقا ئوخشىدى. بىز مېيىتنى تۆگىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بىر قانچە يەردىن مەزمۇت تېڭىپ پۇختا ئورۇنلاشتۇردۇق. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا كەلگەن 200دىن ئارتۇق كىشلەر بىلىدىكى پوتا بىلەن مېيىتنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەھكەم چىگىپ قويدى . بىز ئاقكۆڭۈل ، يۇۋاش تۇرا خەلقى بىلەن خوشلاشتۇق. ئۇلار بىزنى ھەسرەتلىك يىغا-زارە بىلەن يولغا سېلىپ قويدى. بىز يولدا كىلىۋاتىمىز. نە ئويمان، نە تۈزلەڭلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. چۈنكى قار ئادەمنىڭ توپتورا تىزىغا كىلەتتى. بىز بەش ئادەم ئاتقا مىنىپ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدۇق. ئاتلار بىمالال ماڭغان جايغا كەينىمىزدىكى تۆگىلەرنى سېلىپ ماڭدۇق. ئۇنداق بولمىغاندا تۈگىلەر چوڭقۇر چاپ جىلغىلارغا چۈشۈپ كىتىپ، مېىتقا زەخمە يىتىپ قالاتتى. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بىپايان كەڭ كەتكەن، ئاپئاق دالىدا كىتىۋاتىمىز. سوغۇق جاندىن ئۆتكىدەك نەشتىرىنى سانجىماقتا. شىۋىرغانلار ئۇچۇرۋاتقان قارلار يۈزلىرىمىزگە ئورىلىپ، 10مىتىر يىراقلىقتىكى نەرسىلەرنى پەرق ئېتىش تەس ئىدى. بۇلۇتلار ئارىسىدا ئاندا-مۇندا كۆرىنىپ تۇرغان قۇياش تاغ ئارقىسىغا مۆكىنىپ كەڭ ئاپئاق دالا قارا تۈسكە كىرىشكە باشلىدى. بىز قاراڭغۇ تۈندە ئىنتايىن قىيىلىنىپ كىتىۋاتىمىز. كېچە شۇنداق جىمجتكى ئات –تۆگىلەرنىڭ ئاياق ئاستىدا يانجىلىپ غىرىسلاۋاتقان ئاۋازلار، ھايۋانلارنىڭ تىنىقلىرىدىن پەيدا بولغان ئاۋازلار، شىۋىرغانلارنىڭ ئىسقىرتقىنىدەك چىقىرىۋاتقان ئاۋازدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. بىز فىرما باشلىقى بىكىتىپ بەرگەن قونالغۇغا مىڭ تەستە يىتىپ كەلدۇق. ئۇ قونالغۇدا ئادىمىزات، قىسقىسى جانلىقلارمۇ يوق ئىدى. تۆت-بەش ئاي ئىلگىرى چارۋىچىلار ئولتۇرغان كىچىكىنە تاش ئۆيدىن ئىبارەت ئىدى. بىر كېچىنى تۆگىگە ئارتىپ كەلگەن خاردا ھۆل بولۇپ كەتكەن ئوتۇنلارغا بىنزىن چېچىپ مىڭ تەستە كۆيدۈرۈپ، كۆك ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن كىچىككىنە تاش ئۆينىڭ ئىچىدە مۈگدەپ ئولتۇرۇپ بىر كېچىنى تاڭ ئاتقۇزدۇق. بىز ئەتىگەنلىك چاي –پايلارنى چالا-پۇلا ئىچىپ، مېيىتنى ئىككىنجى تۆگىگە ئارتىپ يەنە يولغا چىقىپ، چىكىتچىلىكمۇ قارا رەڭنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئاق دالىدا كېتىۋاتىمىز. سوغۇق جاندىن ئۆتمەكتە. قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان سوغۇق قار ئۇچقۇنلىرى رەھىمسىزلەرچە يۈزىمزگە ئورۇنماقتا. سوغۇق شۇنداق بەك بولدىكى يۈزىمىزدىن چىققان سۇلارنى ئېرتىپ بولغىچە چوكا مۇزغا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئات-تۆگىلەرنىڭ ئۈستىدە سانسىزلىغان مارجانلارنى ئېسىپ قويغاندەك مۇز مۇنچاقلار بولۇپ، ئۇلارنىمۇ ئاق رەڭلىك ھايۋانلارغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. قولنى چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىمۇ يوق. سوغۇقتىن يېرىلىپ ، قارىداپ كەتكەن چىرايىمىز بىزنى باشقا ئادەملەرگە ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. شۇ ۋاقىتىتىكى سوغۇقنىڭ ۋەشئىي كۈچلىكىكىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.
بىز مۇشۇ تەرىققىدە توپتوغرا 6كۈن يول يۈردۇق. تۇرا چارۋىچىلىق فىرما باشلىقى ياقۇپ سىدىق سىمسىز تېلفۇن (دىيەنتەي)ئارقىلىق چەرچەن ناھىيىلىك، پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە، ناھىيىلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىگە، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بۇ ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان ئىكەن. بىز مۇشۇ بويىچە يول يۈرۈپ 7-كۈنى چۈشكە تۇرا چارۋىچىلىق فىرمىدىن 140كىلومىتىر يىراقلىقتىكى داۋانلار تۈگىگەن جاي گۇگۇتلۇق دەپ ئاتىلىدىغان قونالغۇغا يىتىپ كەلدۇق. بۇ ۋاقىتتا ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئادەم تەشكىللەپ، قار تازىلاپ يول ئېچىش كۆرىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چەرچەندىن چىققان 150كە يېقىن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى زەربىدارلىق بىلەن ئىشلەپ قار تازلاپ يول ئېچىپ، شۇ يەرگە كەلگەن ئىكەن. بىز شۇ جايدا ئۇچراشتۇق. چەرچەندىن قار تازلاشقا چىققانلار بىلەن قىزغىن ، سەمىمىي كۆرۈشتۇق. قار تازلاشقا چىققان مەسئۇل رەھبەرلەر بىزنى كۆرۈپ، ھەر نىمەبولسىمۇ تىنىچ-ئامان كەپسىلەر، سىلەرنى بۇ قاتتىق سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەسمىكىن دەپ بەك ئەنسىرگەن ئىدۇق. كۆپ جاپا كەچتىڭلار ،سىلەرگە رەھمەت. بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن 150تىن ئارتۇق ھەرمىللەت خەلق ئاممىسى قار تازلاپ تىزراق سىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا چىققىنىمىزغا 6كۈن بولدى. دەپ قارشى تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە تاغدىن ماڭغان 7-كۈنى كەچ سائەت 10:00 يىتىپ كەلدۇق. ئۆيگە كەلسەك. ئۇلارئاللىقاچان بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئىكەن. بىز كېچكىچە مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى ۋە يۇرت ئەھلى كۆپچىلىلىك بىلەن بىرگە بولدۇق. ئۇرۇق-تۇققان، خۇلۇم-خوشنىلارغا مەرھۇمنىڭ ئۆتۈش سەۋەبىنى ئەينەن سۆزلەپ بەردۇق. ئەتىسى ئەتىگەندە يەنى مەرھۇم جان ئۈزۈپ 8-كۈنى يەرلىكىگە قويدۇق. مەن كەسىپدىشىم مۇتەللىپ بارات بىلەن مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى بىلەن خوشلىشىپ ئۆز ئائىلىمىزگە قايتتۇق.
مەرھۇم مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ھايات ۋاقتىدا مائارىپقا قوشقان تۆھبىسى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئاققۇزغان تەرىنى خەلق مەڭگۇ ئۇنۇتمايدۇ. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدامىللىي مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن توختاۋسىزئەجىر سىڭدۈرۈپ، جەمىيەتكە نۇرغۇنلىغان ياراملىق ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىركىشىلىك ھەسسە قوشۇپ كەلگەن تۆھبىكار باغۋەنلەرنىڭ بىرى. بىز ئۇنى چىن قەلبىمىزدىن ھۆرمەت قىلىمىز ۋە ئەسلەيمىز.
مەرھۇم مۇھەممەت تۇرسۇندەك ئىقتىساسلىق، ياراملىق باغۋەنلەر ئوغلانلىرىنى خەلق مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ.
مەرھۇم مۇھەممەت تۇرسۇن خەلق قەلىبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yipak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 10:47