كەچۈرۈڭ ،يېنىڭىزغا بارالمايمەن
نەسىر
قەلەمىي
قاتتىق يېغىۋاتقان يامغۇر سالغان ئەنسىزچىلىك تۈپەيلى سىرتقا چىقماي دېرىزەمدىن قاراپ يامغۇر تاماششاسى قىلۋاتاتتىم .تۇيۇقسىز تېلفۇنۇم
جىرىڭلىدى .قارىسام سېنىڭ نومۇرۇڭ چىقىپ تۇرۇپتۇ.‹‹ كەلسىڭىز بوپتىكەن ،يالغۇز ئايلىنۋاتىمەن ،مەكتىپىمدىن چىقىپ مېڭىۋېرىپ بىر يەرگە
كەپقاپتىمەن ،سىزچە قاياققا ماڭسام بولار ؟ كېلىپ كۆرسىتىپ قويامسىز؟›› دىدىڭ تېلىفۇندا .
_ كەچۈرۈڭ ،يېنىڭىز غا بارالمايمەن ،قاياققا مېڭىش مەسلىسنى مەندىن ئەمەس يۈرىكىڭىزدىن ۋىجدانىڭىزدىن سوراڭ ،ھەراسىت .يۇرتۇمدا ئوغۇل دوستۇم
بار دىمگەنمىدىڭىز،؟ ھەر قانچە زىرىكسىڭىزمۇ شۇ ئوغۇل دوستىڭىزنى ئويلاڭ ،
ئۇنىڭغا ۋاپادار بولۇڭ ،چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش غۇرۇرلۇق ئوغۇل بالا .بەلكىم ئۇمۇ سىزنى چەكسىز ساداقەتمەنلىك بىلەن كۈتۈۋاتقاندۇر .شۇنداق ئەھۋال
ئاستىدا مەن بېرىپ سىز بىلەن يالغۇز كوچا ئايلانسام قانداق بولۇدۇ،؟ ئويلۇنۇڭ ،قاتتىق ئويلۇنۇڭ ...
گېپىمنى تۈگۈتۈپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم يېغۋاتقان يامغۇر كۆزۈمنى يۇمۇشۇم بىلەن تەڭ قاپقارا رەڭگە ئۆزگەردى .
تېلفۇننى قويۇۋەتتىم .قايتا - قايتا ئۇرساڭمۇ ئالمىدىم .چۈنكى سېنىڭ ئۆز سۆيگۈڭگە ۋاپاسىزلىق قىلشىڭنى ،شۇ ۋاپاسىزلىقىڭنىڭ پىلتىسى ئۆزۈم بولۇپ
قېلشىمنى خالىمايتىم ...........