ئاكام مېنى جېنىم دېدى
ھېكايە
قەلەمىي
يوغان سىرلاقلىق دەرۋازىنى ئاستاغىنە ئېچىپ كىرگەن بۈدرە چاچ ،ئوتتۇرا بوي ،ئاق پىسماق ،ئوماققىنە بىر قىز پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كومپىيۇتېر ئىكرانىغا قارغىنچە تىڭشىغۇچنى قۇلقىغا تىقۋىلىپ ساراڭلارچە سۆزلەۋاتقان
ھەدىسنىڭ يېنىغا كەلدىدە ،ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاشقا باشلىدى .نىمگىدۇر خۇمار بولغان ھەدىسى سىڭلىسنىڭ كەينىدىلا تۇرغانلىقىنى سەزمەي ئۆزىنىڭ ئويۇنى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتى .
- جېنىم ،يەنە بىر ئەۋەتىڭە ،ئۆچۈپ كەتتى ،بەك رومانتىك رەسىمكەن ؟نىمە توردىن چۈشەمسىز ؟بوپتۇ ئەمىسە،
شۇ ئارىدا يەنە بىر توردىشى كىكىيۇ تېلفۇنى قىلدى .ھەدىسى ئۇنىمۇ جىنىم دەپ چۈشۈپ كەتتى .سىڭلىسى ھەدىسنىڭ ئارقىسدا تۇرۇپ نىمنى يازغىنىنى ،نىمىنى دىگىنىنى ئېنىق كۆردى ھەم ئاڭلىدى .ئۇ ھەدىسنىڭ بۇ بىمەنە سۆزلىرىدىن سەل تەشۋىشلىنىپ قالغاندەك كۆرنەتتى .
- ھەدە ،سېنىڭ جانلىرىڭ نىمانچە كۆپ ،كىملەر ئۇ ؟
- ھەممىسى ئاكام ؟
- ئاكام ؟ قانداق ئاكاڭ ؟
- تۇتۇق ئاكام ،
- ھەممىسى سېنىڭ جىنىڭما ؟
-ياق ،جېنىم دىيشىپ چاقچاق قىلىشىمىز شۇ ،
- جېنىم دەپمۇ چاقچاق قىلىشامدىكەن ،جېنىم دەيدىغاننى تېپىپ جېنىم دەۋالسۇن .
- نىمانچە قىپ كېتىسەن ؟ئۇلار جېنىم دەپ قويسىلا جېنى بولۇپ قالمىسام يا ،
- بولدى قىلغىنا ،دادامغا دەپ تورنى ئۈزگۈزۋەتمىسەم سەن جېنىم دەپ يۈرۈپ مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇمايدىغان ئوخشايسەن .
-قورسۇقۇڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورىقما دەپتىكەن ،مېنىڭ ئۇ تۇتۇق ئاكىلىرىمنى جېنىم دىگىنىم بىر چاقچاق خالاس . بولسا شۇنداق قىلىپ باقا قېنى ....
- ھە : شۇنداق قىلسام نىمە قىلالايتىڭ :
ئۇلار ئىككىسى بىردەمدە ئۇرۇشۇپ كەتتى . شۇ ئارىدا دادىسى ئىدارىدىكى خىزمىتىنى كۆڭۈللۈك ئاياغلاشتۇرۇپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى .
- ھە نىمە ئىش ئوماق قىزلىرىم ،بىر بەلەن تۇرۇپ ماي تارتىشىپ كېتىپسىلەرغۇ ؟
- دادا ،ئۆي ئىچىگە كىرە ،ساڭا چۈشەندۈرەي
سىڭلىسى دادىسنى يېتلەپ ئىچكەركى ئۆيگە ئەكىرىپ بايا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى ،شۇ ئىش تۈپەيلى ھەدىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى ،ھەم دادىسدىن ئۆيدىكى تورنى دەرھال ئۈزدۈرۋېتىشنى ئۆتۈندى .
دادا دەرغەزەپ بولۇپ شۇ كۈنىلا كومپىيۇتېرنى ئىچكەركى ئۆيگە سولىۋەتتى ،ھەدىسى بىلەن سىڭلىسغا ئائىلە ئوقۇتقۇچسى تەكلىپ قىلىپ بەردى .
- ھە دە ،جېنىڭنى سېغىندىڭمۇ
سورىدى سىڭلىسى ئىش يۈز بېرىپ بىر ھەپتە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،
- نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسەن ،ئىچ يامانلىق قىلىپ تورمۇ يوق بولدى مانا ،جېنىم دەپ چاقچاق قىلغانتىم ،ئۇلارمۇ ماڭا جېنىم دەپ چاقچاق قىلاتتى ،ھېچنىمە بولمايتى . ھەممىنى سەن بۇزدۇڭ .
سىڭلىسى ئۈندىمىدى .ئۇ ھەدىسنىڭ جېنىم دىيشىپ تورداش ئاكلىرى بىلەن چاقچاق قىلغىنىنى بىمەنىلىك ھېسابلايتى