تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 51|ئىنكاس: 3

ئاشىقلارنى ئالداشمۇ گۇناھ (قارسۇ)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
411
تۆھپە
160
UID
249

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

        رۇستەم قارسۇ ئىجادىيەتلىرى



يايرىڭ كۆپكەن شۇڭا خۇشال ئىكەنسەن يىگىت،
ئالداش بىلەن گۈل قىزلارنى خوشمۇ سەن يىگىت.
ئىشەنگىنىڭ چىرايىڭمۇ؟ياكى بايلىقمۇ؟
شۇ قىلغىنىڭ سىنڭ خاتا بىلمەمسەن يىگىت.

ئىشەنگەچكە قىز رىشتىنى ساڭا باغلىسا،
يول قۇيامدۇ ئىيىت ۋىجدانىڭ ،كۈڭلۈڭ ئالدىسا.
بىر يۈرەككە بىرى كېرەك بىلىپ قوي يىگىت،
بازاردىكى تاۋار ئەمەس قىزلار تاللاشقا.

كۆپ يار تۇتۇپ كۈلگەن بىلەن كۈلكەڭ تۆت كۈنلۈك،
كۈلەلمەيسەن چۈنكى ياشلىق ئەمەس ئۈمۈرلىك.
يىغلاتقىنڭ چوڭ ئىش ئەمەس كەتمە كىرىلىپ،
بىكار ئاقماس گۈل قىزلارنىڭ يېشى ھەسرەتلىك.

ئىيىتمىغانمۇ ئۆتنە ئالەم دەپ بىرى ساڭا،
كۆلدۈرگەنكەن يىغلىتىشقا قادىر بۇ دۇنيا.
گۈلدىن گۈلگە قونما يىگىت كىپىنەك بولۇپ،
ئاشىقلارنى ئالدىغانمۇ بىلسەڭ بىر گۇناھ.

       ئەركەك بولساڭ.

ئەركەك بولساڭ ئەركەكتەك بول نامەرىتتىن بولما،
مۇھاببەتكە چاقچاق قىلىپ سۆيگۈ ئالدىما.
كۈيۈپ قالغان گۇناھ ئەمەس كۈيمىگەنمۇ ھەم،
يالغان كۈيۈپ قىز كۆزىنى ناھەق ياشلىما.

سۆيگەنكەنسەن سۆيگىن ئەبەت يولدا تاشلىما،
كەتكەن چاغدا قەدرىڭ ئۆتتى كەل دەپ قاغشىما.
سۈيۈلگەندە سۆيگۈنىڭدە بۇ ئالەم گۈزەل،
ۋاپادارنىڭ قەدرىگە يەت ئۇنى خارلىما.

مۇھاببەتتىن بەخىت كۈتكىن پايدا كۈتمىگىن،
گۈلدىن گۈلگە كاككۇك بولۇپ قۇنۇپ يۈرمىگىن.
سۈيسەڭ ئەگەر چىن دىلىڭدىن بىرنى سۆي پەقەت،
كۈڭۈل خۇشى قىلماق ئۆچۈن كۆپنى سۈيمىگىن.

ۋاپاسىزلار كۆلەلمەيدۇ بۇ بىر ھەقىقەت،
مۇھاببەتنىڭ شەرتى بولسا ۋاپا ساداقەت.
چىن سۈيگۈگە قىلمىساڭ سەن مەڭگۈ خىيانەت،
شۇندى سىنى ئەركەك دەيدۇ ئەل يۇرىت جامائەت.

   ئەسكەرىتش  ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ
     رۇخسەتسىز كۈچۈرمەڭ ئىشلەتمەڭ        چ چ 449743158

رۇستەم قاراسۇ......ئاتۇش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەك بولساڭ ئەركەكتەك بول نامەرىتتىن بولما،
مۇھاببەتكە چاقچاق قىلىپ سۆيگۈ ئالدىما.
كۈيۈپ قالغان گۇناھ ئەمەس كۈيمىگەنمۇ ھەم،
يالغان كۈيۈپ قىز كۆزىنى ناھەق ياشلىما.
      
                    بۇنى  كىم قىلالىدى،،،،،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شېئىرلىرىڭىز  ياخشى چىقىپتۇ ،،رۇستەمجان....


Rank: 6Rank: 6

تىللا
865
تۆھپە
371
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 9 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-31 20:43, Processed in 0.068151 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991