تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 154|ئىنكاس: 6

باي ناھىيەسىدىكى قىرغىزلار نورۇزنى تەبرىكلىدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
387
تۆھپە
155
UID
446
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي ناھىيەسىدىكى قىرغىزلار  مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

باش باھارنىڭ كېلىشى بىلەن،  باي ناھىيە نەسىللىك قوي فېرمىسىدا قىرغىزلار نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كۆكلەم پەسلى- نورۇزنى  كۈتىۋالدى. ناھىيەلىك نەسىللىك قوي فېرمىسى ۋە قاراباغ يېزىسىدىكى قىرغىز ئامما ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسى ساغلام، مەزمۇنى مول، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام كۈنىنى قىزغىن قۇتلۇقلىدى. نەسىللىك قوي فېرمىسىنىڭ ھەممە يېرى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا تولدى…
نورۇز بايرىمى-ئۇزاق ئۆتمۈشتىن باشلىنىپ، تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى مىللى بايراملىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر بۇ ئەنئەنىۋى بايرام-نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. بايرامدا تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، بىر قىسىم مىللى ئۆرپ –ئادەت يوسۇنلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ئادەملەر، ھەممە جان- جانىۋار، پۈتكۈل كائىنات قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغىنىپ، خاسىيەتلىك باھار پەسلىگە كىرگەنلىكى قىزغىن تەبرىكلىنىدۇ. مانا بۇ خاسىيەتلىك بايرامدىن كېيىنلا ھەممە سەپلەردە، ئېتىز –قىرلاردا دېھقانلارنىڭ  ئەمگەك ناخشىسى ياڭراپ، دېھقانلار جىددى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلىۋېتىدۇ. نورۇز بايرىمى –ئەمگەك بايرىمى، ئىتتىپاقلىق- دوستلۇق بايرىمى،ئىناقلىق بايرىمى، شادلىق بايرىمىغا ئايلىنىدۇ. باي  ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مىللى ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئاممىۋى مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆپ ئۈيۈشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ روھى قىياپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس قەدەمدە ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، باھار مەۋسۇمىدە دېھقان- چارۋىچىلار ئاممىۋى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
نەسىللىك قوي فېرمىسى ۋە قاراباغ يېزىسىدىكى قىرغىز ئامما ئۆزلىرى تەييارلىغان پارتىيىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، ئومۇمىيۈزلۈك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە قولغا كەلگەن غايەت زور نەتىجىلەر ۋە بۈگۈنكى بەختىيار ھاياتنى مەدھىيىلەش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان مەزمۇنى ساغلام، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە، ۋە بەدىئىيلىكى يۇقىرى ناخشا، ماناس ئېيتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، تېپىشماق تېپىش ئويۇنى، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ يەردىن نەرسە ئېلىش... قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
بۇ قىېتىمقى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتىگە كۇچا، ئونسۇ قاتارلىق قوشنا ناھىيەلەردىن، ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىنمۇ مېھمانلار كېلىپ قاتنىشىپ، باي ناھىيەسىكى قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ باھار خوشاللىقىغا جۆر بولدى.

IMG_0156-.jpg

IMG_0152-.jpg

IMG_0145-.jpg

IMG_0140-.jpg

IMG_0136-.jpg

IMG_0135-.jpg

IMG_0134-.jpg

IMG_0133-.jpg

IMG_0132-.jpg

IMG_0131-.jpg

IMG_0129-.jpg

IMG_0122-.jpg

IMG_0084-.jpg

IMG_0083-.jpg

IMG_0081-.jpg

IMG_0080-.jpg

IMG_0078-.jpg

IMG_0076-.jpg

IMG_0046-.jpg

24-.jpg


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
390
تۆھپە
251
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي ناھىيىسىدىمۇ قىرغىزلار باركەن_ھە؟!سۈرەتلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ.


Rank: 4

تىللا
248
تۆھپە
156
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىمان ئەپەندى ياخشى تىمىنى يوللاپسىز، سۈرەتلىرىڭىزمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز سانلىقلارنىڭ بايرىمىغا خېلى كۆڭۈل بۈلۈپتۇ ھە.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5131
تۆھپە
2609
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختار مۇقاش بىلەن مەۋلان مۇقاش كۆرۈنمەيدىغۇ ئەرچىنقارىي؟ ئۇلارمۇ قىرغىز بولغاندىكىن قاتناشقاندۇ، دەپ كىرىپتىمىنا؟


مەن مەنسىز مەن !
مۇنبىرىمىز:
http://www.kulgin.com/bbs/forum.php
رادىيو قانىلىمىز:
http://www.kulgin.com/index.html

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5131
تۆھپە
2609
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىنكا، بايدا قانچىلىك قىرغىز بار؟ قاراباغدا 1000 چە بارمۇ؟


مەن مەنسىز مەن !
مۇنبىرىمىز:
http://www.kulgin.com/bbs/forum.php
رادىيو قانىلىمىز:
http://www.kulgin.com/index.html

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1122
تۆھپە
845
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىپتۇ  بۇلانىڭ نۇرۇز پالىيىتى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-31 20:51, Processed in 0.083427 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991