تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 156|ئىنكاس: 7

گۇما ناھىيەسىدە تاكسى شوپۇرلىرى ھەقسىز مۇلازىمەت يولغا قويدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
مۇھەممەد
تىللا
40
تۆھپە
9
UID
4410
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    گۇما ناھىيىسى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق نوپۇسى 250 مىڭغا يېتىدىغان ناھىيە، شۇنداقلا خوتەن ۋىلايىتى بويىچە خوتەن شەھىرىدىن كېيىنلا تاكسى قاتنىشىنى يولغا قويغان ناھىيە. يىقىندا ناھىيىمىزدىكى بىر قىسىم تاكسى ئىگىلىرى ۋە تاكسى شوپۇرلىرى خەلق ئاممىسى ۋە ھۆكۈمەتكە ئاشكارە ۋەدە بېرىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلق ئاممىسىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ جەمئىيەتتە كۈچلۈك ياخشى ئىنكاس قوزغىدى.
تۆۋەندىكىسى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ كۈڭۈل سۆزى ۋە بىر قىسىم سۈرەتلىرى

كۆڭۈل سۆزىمىز

2007- يىلى ناھىيىمىزدە تاكسى شىركىتى قۇرۇلۇپ ناھىيىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. بىزگە ئوخشاش ئىش ئورنىدىن قالغان، ھەر خىل مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان بىر تۈركۈم كىشىلەر تاكسى شىركىتى ئارقىلىق تاكسى سېتىۋېلىپ كىراكەشلىك قىلىش ياكى تاكسى سېتىۋالغانلاردىن تاكسى ئىجارە ئېلىش يولى بىلەن ئىش ئورنى تېپىپ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى مەلۈم دەرىجىدە يەڭگىللەتتۇق ھەمدە ئاممىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ بىخەتەر، مەدەنىي يول يۈرۈپ ناھىيىمىزنىڭ ئىككى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر-بازارلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ كەلدۇق. ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاكسى شىركىتى، كەڭ تاكسى ئىگىلىرى ۋە تاكسى شوپۇرلىرىنى سىياسەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن زور دەرىجىدە قوللاپ نۇرغۇن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلغاندىن بۇيان ناھىيىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تېز بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بىزگە ئوخشاش مۇلازىمەت ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ئىشلىرى كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىۋاتىدۇ. بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدىن ناھايىتى رازى.

بىز كەڭ تاكسى ئىگىلىرى ۋە تاكسى شوپۇرلىرى ئۇزۇندىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قايسى ئۇسۇلدا رەھمەت ئېيتىش، خەلق ئاممىسىغا، بولۇپمۇ بىزگە ئەڭ ئىھتىياجلىق ئاممىغا قانداق مۇلازىمەت قىلىش يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز باش قاتۇرۇپ دەسلەپكى قەدەمدە 8 تاكسى شوپۇرى تاكسى شىركىتى ۋە شەھەر ئىچى قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ مېيىپ، ئاجىز، ھامىلدار، ياشانغان يولۇچىلارنى ھەقسىز توشۇش يولى ئارقىلىق ئاممىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمغۇرلۇقىنى، ئىناق، مۇقىم جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلىشىپ بۇ ئىشنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. بىز بۇ خالىس ئىشىمىزنى بۇندىن كېيىن داۋاملىق كېڭەيتىپ، ناھىيىمىزنىڭ ئاممىۋىي قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ مەدەنىي، ئىناق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

9.jpg
10.jpg
11.jpg
12.jpg
5.jpg
6.jpg
7.jpg
8.jpg
168-USB PC Camera.jpg
3.jpg
4.jpg
13.jpg


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
390
تۆھپە
251
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئگھمخيگـلخۆ .خش بولۇپـۇ.


Rank: 1

ئىسىمى
قوشماق ئاداش
تىللا
9
تۆھپە
1
UID
9724
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بولۇپتۇ،باشقا جايدىكى تاكسى شوپۇرلىرىمۇ بۇلاردىن ئۇگەنسە بولغۇدەك،يارايسىلەر ،ئىشىڭلار روناق تاپسۇن،بىخەتەر يول يۈرۈشكە نىسىپ قىلسۇن .


Rank: 4

ئىسىمى
نۇر ئەلى
تىللا
222
تۆھپە
122
UID
5237
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىنمۇ  ھەقسىز مۇلازىمەت قىلامدىكەنيا   ۋاقىتلىقمۇ ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  قىزىل يۇپۇرماق  ..سىز  نېمانداق پىخسىق..................


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋال ئۇلارنىڭ  يولىغا ئاق يول بەرىكەت تىلىمەي.............


Rank: 6Rank: 6

تىللا
865
تۆھپە
371
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Gsss گۇما ناھيەسىدىكى تاكسىچىلارغا رەھمەت


Rank: 4

تىللا
225
تۆھپە
123
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا    ھا    ھا  ،،،،ئاق  يول  بولسۇن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-31 20:43, Processed in 0.081824 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991