كۆرۈش: 3315|ئىنكاس: 2

مۇقام كۈيى، تائام ھىدى تارىدى ھەر يان،[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
توغراق
تىللا
382
تۆھپە
75
UID
95
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 04:04:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

吐尔洪江 543.jpg

مۇقام كۈيى، تائام ھىدى تارىدى ھەر يان،

                            ۋىسال تاپتى بارچۇقتا،نورۇزلۇق ئارمان

-مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى توغرىسىدا

تۇرغۇنجان ئىمىن

باش باھار يىتىپ كىلىپ، ھەممە ياقنى باھارنىڭ خۇشبۇي ھىدى قاپلىغان خاسىيەتلىك مىنۇتلاردا، 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە توغراق ماكانى-جەلپكار بارچۇق- مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن روھى قىياپىتى ئارقىلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىلقى 9-قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى.

بۇ ناھىيە بۇ يىلقى نورۇز بايرىمىنى مول مەزمۇنلۇق، ئۆزگىچە شەكىل، يېڭىچە ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈپ، ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، ئىنچىكە تەييارلىق قىلدى. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ناھىيە بازىرى ئىستىراھەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىنىش مۇراسىمى ۋە مەيدانغا كىرىش، پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىغا 10مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقى قاتناشقان بولۇپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلار، ئەل ئىچى سەنئەتكارلاردىن تەشكىللەنگەن يېزا-بازار، كەنت، مەھەللىلە،ئىجتىمائىي رايونلاردىن كەلگەن خەلق سەنئەتكارلىرى شوخ مۇقام كۈيلىرى، لەرزان ۋە رېتىملىق ئۇسۇللىرى بىلەن سەپ ئالدىدا مېڭىۋاتقان رەڭلىك بىزەك ماشىنىلار ۋە تۇۋاقلىرىدىن ئۇچقۇن ياندۇرۇپ، بارچۇق ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ باتۇرانە روھى قىياپىتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىۋاتقان  ئوغلاقچى پالۋانلارغا ئالقىش ۋە مەدھىيەلەر ياڭراتقىنىچە مەيدانغا كىرىپ، مۇراسىمغا قاتناشقان ئاممىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. باشلىنىش مۇراسىمىدىن كىيىن يەنە دېھقان- چارۋىچىلار، كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش رەسىم، ھۆسىنخەت، فوتۇ-سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە «مەدەنىيەتسىز ئىش-ھەركەتلەر بىلەن خوشلۇشۇپ، مەدەنىيەتلىك،ئەدەپلىك مارالبېشلىقلاردىن بولايلى» تېمىسىدىكى  10مىڭ كىشىلىك  ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەتلىك مارالبېشلىقلاردىن بولۇش ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى؛ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئالدىغا تەسىس قىلىنغان مەيداندا يەنە «نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش ئېسىل تائاملار كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 70تىن ئارتۇق يەككە، تىجارەتچى، ھۆنەرۋەن-كاسىپلار كاۋاپ، نان، خېمىر ۋە پىچىنە-پىرەنىك، سوغۇق-سەي تۈرى بويىچە 100خىلدىن ئارتۇق مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يىمەكلىكلىرىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇپ، نورۇز ئەھلىنى نورۇز ئېشى قاتارلىق ئىسىل تائاملارنى تېتىپ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى؛ بولۇپمۇ، ئاقساقمارال يېزىسىدىن كەلگەن «كاۋاپ پادىشاھى» - مۆمىن غۇپۇرنىڭ غايەت زور چوڭ تونۇردا پۈتۈن پىشۇرغان تۆگە، كالا، قوتاز ۋە پاقلان كاۋاپلىرى ئەڭ يارقىن، ئەڭ جەلىپكار، ئەڭ مېزىلىك تائامغا ئايلىنىپ،مېزىلىك پۇراقلىرى ھەر يان تاراپ،  نورۇز ئەھلىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى؛ ناھىيەلىك ئېغىر سانائات رايونىدا ھەر قايسى يېزا-بازارلار ئارا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش ۋە ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، بارچۇقلۇقلارنىڭ قورقماس، باتۇر روھى قىياپىتى نامايەن قىلىندى؛ 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ھەر كۈنى كەچتە يەنە 12يېزا-بازار ۋە ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق سېستىمىلارنىڭ نورۇزنى تەبرىكلەش سەنئەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزلۈپ، كەنت، مەھەللە، ئاھالىلار كومتېتلىرىدىن كەلگەن خەلق سەنئەتكارلىرىدىن تارتىپ، ناھىيەلىك ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىدىكى كەسپىي ئارتىسلارغىچە ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ جەلىپ قىلارلىق، مەزمۇنى يېڭى، شەكلى خىلمۇ-خىل، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق ئەپچىل جىپسىلاشتۇرۇلغان سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق نورۇز بايرىمىغا تەنتە قىلىپ، بۈگۈنكىدەك ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختىيار كۈنلەرگە مەدھىيە، ئالقىشلار ياڭراتتى.

بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشۇتۇرۇش تۈرلىرى بويىچە ئالدىنقى 3-لىككىچە ئىرىشكەن ئورۇن ۋە شەخىسلەر 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.

سۈرەتتە: پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈشلەر.

مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن

13779498258


吐尔洪江 1113.jpg
吐尔洪江 1108.jpg
吐尔洪江 754.jpg
吐尔洪江 722.jpg
吐尔洪江 709.jpg
吐尔洪江 674.jpg
吐尔洪江 673.jpg
吐尔洪江 662.jpg
吐尔洪江 652.jpg
吐尔洪江 646.jpg
吐尔洪江 645.jpg
吐尔洪江 642.jpg
吐尔洪江 641.jpg
吐尔洪江 615.jpg
吐尔洪江 604.jpg
吐尔洪江 602.jpg
吐尔洪江 591.jpg
吐尔洪江 588.jpg
吐尔洪江 583.jpg
吐尔洪江 579.jpg
吐尔洪江 558.jpg
吐尔洪江 556.jpg
吐尔洪江 543.jpg
吐尔洪江 536.jpg
吐尔洪江 754.jpg
吐尔洪江 749.jpg
吐尔洪江 535.jpg
吐尔洪江 524.jpg
吐尔洪江 523.jpg
吐尔洪江 512.jpg
吐尔洪江 508.jpg
吐尔洪江 507.jpg
吐尔洪江 499.jpg
吐尔洪江 489.jpg
吐尔洪江 487.jpg
吐尔洪江 483.jpg
吐尔洪江 474.jpg
吐尔洪江 464.jpg
吐尔洪江 460.jpg
吐尔洪江 459.jpg
吐尔洪江 447.jpg
吐尔洪江 411.jpg
吐尔洪江 407.jpg
吐尔洪江 402.jpg
吐尔洪江 401.jpg
吐尔洪江 391.jpg
吐尔洪江 385.jpg
吐尔洪江 365.jpg
吐尔洪江 361.jpg
吐尔洪江 360.jpg
吐尔洪江 354.jpg
吐尔洪江 556.jpg
吐尔洪江 536.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
933
تۆھپە
161
UID
344
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 17:45:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ ، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 19:56:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ئىكەن. ھارمىغايسز....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 14:53, Processed in 0.090174 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991