مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەلئېھرام لوڭقىسى»نى تالىشىش
«نورۇز جىلۋىسى» شېئىر - نەسىر دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرگە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان ۋە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەلئېھرام لوڭقىسى» نى تالىشىش بويىچە «نورۇز جىلۋىسى» شېئىر - نەسىر دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە مارالبېشى «ئەلئېھرام» ئېلان - ئۇچۇر چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇسابىقىگە ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا - بازار، مەيدان، ئىدارە - ئورۇن، مەكتەپلەردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزىقىدىغان، مەلۇم يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە ياش قەلەمكەشلەر، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان شائىرلاردىن بولۇپ، 35 كىشى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئويناق تىل، ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە يۇقىرى بەدىئىي دىت ماھارىتى ئارقىلىق يېزىپ چىققان شېئىر، نەسىرلىرىنى نەق مەيداندا دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنگە، ئانا يۇرتقا بولغان يۈكسەك مېھرى-مۇھەببىتى، مۇھەببەتلىك ھاياتقاق بولغان ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىپادىلەپ، پائالىيەتكە قاتناشقان نورۇز ئەھلىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.
پائالىيەت شېئىر - نەسىر دېكلاماتسىيە قىلىش، سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، ئۇنىۋېرسال سوئاللارغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە قىزغىن داۋاملىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، مەكتەپلەردىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان باھالىغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل باھالاپ نومۇر قويۇشى ئارقىلىق، 11 ئاپتور ئالدىنقى ئۈچ دەرىجە بويىچە 700 يۈەن، 500 يۈەن ۋە 200 يۈەندىن؛ رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قالغان ئاپتورلار 50 يۈەن قىممىتىدىكى خاتىرە بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاندى؛ ئاپتورلارنىڭ ھەممىسىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى، سەنئەت نومۇرى كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىۋېرسال سوئاللارغا توغرا جاۋاب بەرگەن نورۇز ئەھلىمۇ كۆڭۈل سوۋغىسىغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەلئېھرام لوڭقىسى» نى تالىشىش بويىچە «نورۇز جىلۋىسى» شېئىر - نەسىر دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ناھىيە مەركىزىدە ئېلان - ئۇچۇر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەلنىڭ ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتى ئارقىلىق يىلسېرى روناق تېپىۋاتقان «ئەلئېھرام» ئېلان - ئۇچۇر چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە بۇ شىىركەت 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ناھىيەدىكى كەڭ ھەر مىللەت خەلقى ۋە ئورۇنلارنىڭ يىللاردىن بۇيان شىركەتنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيىتتى.
مۇسابىقىگە «قەشقەر» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى ئىمام مۇھەممەت ۋە يەكەن، پوسكام، يېڭىسار، يېزا ئىگىلىك 3 - دىۋىزىيە 44 - تۇەنى، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق ئورۇن ۋە قوشنا ناھىيە، شەھەرلەردىكى مۇھەررىر، شائىرلارمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىپ، نەق مەيداندا شېئىر ئوقۇپ، پائالىيەتنى تېخىمۇ ئەۋجگە چىقاردى.
سۈرەتلەردە: مۇسابىقە نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر.
توغراق خەۋىرى، فوتوسى
