تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1111|ئىنكاس: 16

ئالدانماي دېسىڭىز كۆرۈپ قويۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
800
تۆھپە
519
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالدانماي دېسىڭىز كۆرۈپ قويۇڭ


      جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نورغۇن ئىشلار بىللە تەرەققى قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ، مەن سىزگە ئەڭ ئاددىي مېسالدىن  بىرنى ئېلىپ چۈشەندۈرۈپ بىرەي. ئالدامچىلىقمۇ تەرەققىي قىلىپ، سىز بىلىپ تۇرۇپ ئالدىنىپ قالغۇدەك سەۋىيەگە يەتتى. مېنىڭ سىلەرگە بۈگۈن چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىم، ماشىنا سودىسىدىكى ئالدامچىلىق.
      نۇرغۇن دوستلىرىمىز ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئېسىل ماشىنىسى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەم شۇ يولدا تەر ئاققۇزۇپ، ئۆز مەقسىتىگە يېتىدۇ، يەنە بىر قىسىم دوستلىرىمىز غەيرىي يوللار بىلەن شۇ خىل مەقسەتكە يېتىشنى ئويلايدۇ، مەسىلەن: 套牌车 سېتىۋېلىش، رەسمىيىتى يوق ماشىنىلارنى سېتىۋېلىش دېگەندەك ... دېمىسىمۇ بۇ خىل ماشىنىلارنىڭ باھاسى سىزنى ھەيران قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەرزان، زاۋۇت باھاسىنىڭ %20، %10 ىگىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ باھانى كۆرگەندە ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى قوزغىلىدۇ. RAVI4 CRVCAMRI تويوتا دېگەندەك ماشىنىلارنى سىزگە 20-40 مىڭ يۈەنگىچە بەرسە ئالمايمەن دېيەلەمسىز.
      مېنىڭ ماشىنىغا قىزىقىشىم ھەم ماشىنا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ئالدامچىلىق ۋەقەلىرىدىن سىلەرگە ئالدامچىلىق جەريانىدىكى تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
      بەيدۇغا كىرىپ 套牌车 دەپ يېزىپ ئىزدىسىڭىز 200 بەتتىن ئارتۇق شۇ توغرىدىكى ئېلانلارنى كۆرىسىز، تېخى بۇلارنىڭ %70 قانۇنلۇق ئۆزلىرىنى شىركەت دەپ ئاتاپ، شىركەتنىڭ تۈرلۈك گۇۋاھنامىلىرىنى يوللاپ قويىدۇ. سىز خالىغان بىر بەتكە كىرىپ ئالاقىلىشىش تېلېفوننى ئۇرۇپ ئاغزىڭىزغا كەلگەن بىر ماشىنىنىڭ تىپىنى سوراپ، مەن مۇشۇ خىل ماشىنىنى ئالىمەن، سىلەردە بارمۇ دەپ سورىسىڭىز، قارشى تەرەپ ھەرگىز يوق دېمەيدۇ، مەيلى ئاۋدىQ7 بولسۇن ياكى شيالى بولسۇن، سىزگە بار دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئالدامچىلىقنىڭ بىرىنچى قەدىمى مۇشۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
      ئالدامچىلىقنىڭ بىرىنچى خىل تۈرى: ئالدىن كېلىشىش سوممىسى تاپشۇرۇش (订金)
      ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ سوممىسى كۆپ ئەمەس، 500 يۈەندىن، 1000يۈەنگىچە.
      سىز پۇلنى ئۇلار ئەۋەتىپ بەرگەن ھىسابات نومۇرىغا ئۇرغاندىن كېيىن، سىز ئالماقچى بولغان ماشىنا تىپىنى، رەڭگىنى، سىزنىڭ ئادرېسىڭىزنى تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئۇلارغا يوللاپ بېرىسىز، ئەتىسى سەھەردىلا سىزگە يەنە تېلېفون قىلىپ رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 2000 - 5000 يۈەنگىچە پۇل سورايدۇ، بۇ پۇلنىمۇ ئۇرۇپ بەرسىڭىز ئۇلارنىڭ مەقسىتىگە يەتكۈزگەن بولىسىز، سودا تۈگەيدۇ، پۇل قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى دېگەن گەپ.
      ئالدامچىلىقنىڭ ئىككىنچى تۈرى: سىزدىن ئالدىن پۇل ئالمايدۇ، سىز ئالماقچى بولغان ماشىنا تىپىنى، رەڭگىنى، سىزنىڭ ئادرېسىڭىزنى تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئۇلارغا يوللاپ بېرىسىز، دىققەت قىلسىڭىز بۇ يەردىكى يوچۇقنى بىلەلەيسىز، سىز ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، شېنجېن، گۇاڭجۇ، شەندوڭ، خېنەن، چۇڭچىڭ، جېجياڭ دېگەندەك يەرلەرنىڭ نومۇرى، سىز ئەگەر قەشقەردە بولسىڭىز يېقىنراق بولغان چۇڭچىڭدىن قەشقەرگە ئاز دېگەندىمۇ ماشىنا بىلەن چىقسا 2 كۈن كېتىدۇ، لىكىن ئۇلار ئەتىسى ئەتىگەندىلا سەن ئالغان ماشىنىنى ئەكەلدۇق دەپ تېلېفون قىلىدۇ، ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەيدىگىنى ئايروپىلان ئەمەستۇ – ھە! 10 نەچچە سائەتتىلا چۇڭچىڭدىن قەشقەرگە كېلىپ بولىدىغان.
      ئۇلار سىز بىلەن كۆرۈشىدىغان يەرنى بېكىتىۋالغاندىن كېيىن، سىزگە دوستىڭىز ياكى تۇغقىنىڭىزدىن بىرنى ئېلىپ كېلىشىڭىزنى، سىز ياكى دوستىڭىز ماشىنا كۆرسە بىرىڭلار بانكىغا بېرىپ پۇل سالىدىغانغا بۇيرۇيدۇ، سىز ماشىنا كۆرگىلى بارسىڭىز دوستىڭىزنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورايدۇ، دىققەت قىلىڭ، مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئويۇننىڭ قىزىقى چىقىدۇ، سىز ماشىنا كۆرگىلى كېتىسىز، بانكىدا ساقلاپ تۇرغان دوستىڭىز سىزنىڭ نومۇرىڭىزدىن كەلگەن تېلېفون قوبۇل قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تېلېفوننى سىز ئۇرمىغان ھەم سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدىن ئۇرۇلمىغان. بۇ تېلېفون توردا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تېلېفون ئۇرۇش قورالى بولۇپ، سىزنىڭ نومۇرىڭىزنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا ئىشلىتەلەيدۇ، بۇ خىل دېتالنى 500 - 1000 يۈەنگىچە سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
      ئەسلىي گەپكە كەلسەك، دوستىڭىز بۇ تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ، ئالدامچىنىڭ: دوستۇڭ ماشىنىنى كۆرۈپ بولدى، ماشىنىنى ھازىر بەردىم، پۇلنى ئۇرۇۋەتسەڭ بولىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پۇلنى ئالدامچىنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇۋېتىدۇ، سىز ماشىنا قاچان كېلەر، دەپ ساقلاپ تۇرۇۋېرىسىز، ئالدامچىغا تېلېفون قىلسىڭىز، يول بېسىقكەن دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، پۇلنى ئېلىۋالغىچە ۋاقىتنى سوزىدۇ، پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، تېلېفوننى تاقايدۇ، سىز ئاھ ئۇرۇپ قالىسىز.
      بۇئىشلار ماشىنا سودىسى قىلىش جەريانىدا ئالدىمغا ئۇچرىغان، ھەتتا ئۇلار بىلەن تېلېفون قىلىپ سۆزلىشىش جەريانىدىكى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، دوستلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ئۇچرىغاندا، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرمەي، ھالال يول بىلەن ياشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

134bb2dbd20d4ef1cd1166bf.jpg


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-28 12:16  


Rank: 4

تىللا
217
تۆھپە
126
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  جاھان  تورلاشقاندىن  كىيىن  ،  مۇشۇنداق  ئالدامچىلىق ،
ھەرخىل  ۋاستىلەر  بىلەن  قوللىنىلدىغان  بوپ  كەتتى .
ھىلى  ماشىنا  سودىسى ،ھىلى  نوچى  توخۇ  سودىسى  ،
ھىلى  يەنە  بىر  نىمە  سودىسى  ئىشقىلىپ  ئاللىقانداقتۇر  بىر  خىل
ھەر  تۈرلۇك  ئاتالمىش  سودىلار  ئادەمنى  قاپقانغا  دەسسىتىۋاتىدۇ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
。。شۇ ..دىققەت قىلىڭلار،،،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
826
تۆھپە
141
UID
344
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2010-يىلى مىنىڭ بىر دوستۇم ئىچكىرىدىن موتوسىكىلىت سېتىۋالماقچى بولۇپ ،مۇشۇنداق 2-خىل ئۇسۇلدا باشقىلارغا قويۇلۇپ كەتكەن گەپ ، ھەرھالدا دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
491
تۆھپە
306
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ماشىنا ئالدامچىسىغا ئۇچىراپ باقمىدىم ، لېكىن  بىر قېتىم مۇنداق ئىش بولدى .
ماڭا (كارتا نومۇرۇم ئۆزگەردى، ***************** نومۇرلۇق *****بانكا كارتىسى، ئىسمى ***،دەرھال 30 مىڭ يۈەن سېلىۋەت) دەپ ئۇچۇر كەلگەن ئىدى ، مەن دەرھال ئۇچۇر قايتۇرۇپ ، (30مىڭ يۈەن نەق پۇل يوق ، 15 مىڭ يۈەن بولسا بولامدۇ؟) دەپ قايتۇرسام ، 5مىنۇتتىن كېيىن (ھاجىتى يوق ، كەسىپداشلار بىر-بىرىنى ئالدىمايدۇ.) دەپ قايتۇرۇپتۇ .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
491
تۆھپە
306
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ، رەھمەت سىزگە .
يېقىندا ئىچكىرىدىكى بىرەر قانۇنلۇق ۋاستىچى شىركەت ئارقىلىق بىر ماشىنا سېتىۋالماقچى ئىدىم ، ئاددىيراق بولسىمۇ ، يېڭىسىنى ئالاي جۇمۇ .


Rank: 4

ئىسىمى
كۈرەش ياقۇپ
تىللا
229
تۆھپە
121
UID
5045
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەيران قالدىم   سىزگە رەخمەت مىنىڭ   بىر ماشنا ئىېلىش ئۈيۈم بارئىدى  مەن دىققەت قىلاي


Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
46
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىرچە ماشىنا ئالماي تۇراي، چەتئەللەرنىڭكىدەك ئىلىكتىرىك ئاپتوموبىللار بازارغا سېلىنغاندا بىراقلا ئالارمەن، ئۇ چاغ بلغاندا بىنزىن ئىسراپ قىلىدىغان ماشىنىنى سېتىۋېتەي دىسىمۇ بىر زىيان تارتىدىغان گەپ ، ئۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
390
تۆھپە
251
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرۇپ قۇيۇشقا  تىگىشلىك ىما ئىكەن ،جاھان مۇرەككەپ.


Rank: 2

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
54
تۆھپە
22
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سودىنىڭ  ئەڭ ياخشىسى ئاتا مىراس سودىغا يەتمەيدۇ، كىپەك بولسىمۇ كۈرۇپ ئالغان  ئەلنىڭ  ئوغلى ئىكەنلىگىمدىن پەخىرلىنىمەن!!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-31 21:05, Processed in 0.080349 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991