تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 10

سۆيگۈ خېتى (ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
51
تۆھپە
12
UID
2023
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۆيگۈ خېتى

ھېكايە


ئابدۇمىجىت قاھىر


      ئەگەر سۆيۈش گۇناھ بولسا، مەن بۇنداق گۇناھنى يېنىش - يېنىشلاپ ئۆتكۈزۈشكە رازى!... ـــ خاتىرەمدىن
      - سەن بەكلا كىچىك، ھەي!
      - ۋاھ سەھەردىلا خىيالغا كەتكەن گەپمۇ؟ - ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرىدىغان خىزمەتدىشىم سۈبىھىنۇرنىڭ قۇچقاچتەك ئاۋازى مېنى تېگى يوق خىياللار قاينىمىدىن سۆرەپ چىقتى.
      - مەن نېمە دېدىم؟
      - سەن تېخى كىچىك دېگەندەك قىلدىڭىز.
      - قاراڭ سۈبىھىنۇر، مەيداندىكى قار ئوينىشىپ يۈرگەن بالىلار نېمە دېگەن بەختلىك ھە؟!
      - قانداق دەيسىز؟
      - ئۇلار خالىغانچە بىر-بىرى بىلەن پومداقلىشىپ ئوينىيالايدىكەن، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرەلەيدىكەن...
      - بۈگۈن سىزگە زادى نېمە بولدى؟ غەلىتىلا بوپقاپسىزغۇ؟ ئەجىبا سىزگە بىراۋنى ياخشى كۆرۈش ھوقۇقى بېرىلمىگەنمۇ؟
      - ئۇنداققۇ ئەمەس، بىراق ئۇ راستىنلا بەك كىچىك. بولمىسىغۇ...
      - سىز زادى كىمنى دەۋاتىسىز؟
      - بولدىلا، دەرس قوڭغۇرىقى چېلىندى، مەن دەرسكە ماڭاي ھە... – ئېغىر تېنىمنى خۇشياقمىغاندەك ئورۇندۇقتىن ئاجرىتىپ ماتېرىياللىرىمنى ئالدىم، بۈگۈن تۇنجى سائەتتىلا ئۇنىڭ سىنىپىغا دەرسىم بار ئىدى. ئىشخانىدا ئولتۇرۇۋېتىپمۇ، سىنىپلارغا كېتىۋېتىپمۇ كۆز ئالدىمدا ئەمدى تېخى 17 ياشقا كىرگەن، قىزلىق بوسۇغۇسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان بىر كىچىككىنە قىزنىڭ سۈرىتى زاھىر بولاتتى. نەچچە كۈندىن بېرى ئىچىمنى بىر نېمە تاتىلىغاندەك بولۇپ، ئاچچىق ھەم تاتلىق ئارىلاشقان بىر تۇيغۇ كۆكرەك قەپىزىمدە كۆۋەجەيتى. مانا  سىنىپقا ماڭغان ھەربىر قەدىمىمدە بىر غەم، بىر خىل ھودۇقۇش.
      - سالام مۇئەللىم.
      ئۆزۈمنىڭ سىنىپتا تۇرۇۋاتقىنىمنى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ رەتلىك ئاھاڭدىكى سالىمى ئارقىلىق بىلىپ يەتتىم. كۈنلەردىن بېرى قەلبىمنى چۇلغاپ تۇرغان ئەشۇ ئىللىق سېزىم، تۇرمۇشقا، مۇھەببەتكە نىسبەتەن تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە كەپسىز يۈرىكىم ئەس - ھوشۇمنى سىنىپتىن ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇناتتى. «ياق! سەن تېخى كىچىك» دەيتتىم ئۆزۈمگە قايتا - قايتىلاپ.
      - دەرس باشلىمامدۇق مۇئەللىم.
      - ھە...ھە.. ئەمىسە دىققەت قىلمامسىلەر؟ – شۇ تاپتا ئوقۇغۇچىلىرىم مېنىڭ ئېغىزىمغا تەلمۈرۈشۈپ دىققەت بىلەن ئولتۇرغان ئىدى، دىققىتىنى يىغالمايۋاتقان، خىيالى چېچىلىپ يۈرۈۋاتقىنى ئەشۇ كىزسىز قەلىبكە ئىگە ئوقۇغۇچىلىرىم ئەمەس، بەلكى مەن، ئۆز خىيالى، ئۆز تۇيغۇسىنى دەرسخانىغا باشلاپ كىرىپ بولالماي ئاۋارە بولۇۋاتقان، ئوقۇغۇچىلار بىر تۈرلۈك ھەۋەستە قارايدىغان تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئارسلان قادىر ئىدى.
      - 25-بەتنى ئېچىڭلار! بۇ سائەتتە ئۆگىنىدىغىنىمىز «باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق...»... – تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قاچانلا قارىسا كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئوماق كۆزلىرى مېنىڭ باشقىلارغا ئويچان ئادەمدەك تەسىر بېرىپ قويىدىغان، ماڭا شۇنچىۋالا دەرتنى يۈكلەپ قويغان، ئەمدىلىكتە شۇنچە بالانى تېرىپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن ئۇچراشتى.
      - ھەي، مېھرىبان سەن نېمانداق....؟
      - مۇئەللىم، مېھرىباننىڭ ئىنتىزامسىزلىقىنى ئايرىم تەنقىد قىلىمىز، دەرسىڭىزنى ئۆتۈۋېرىڭ. – قاچانلا قارىسا ماكچىيىپ قالغان شەپكىسىنى بېشىدىن ئالمايدىغان سېرىق كۆز سىنىپ باشلىقى بالا مېنىڭ خىيالىمغا، مېنىڭ دىيالوگۇمغا، ياق! مېنىڭ باشقىلارغا ئاڭلىنىپ كەتكەن مونولۇگۇمغا ھېچبىر مۇناسىۋەتسىز بولغان گەپ بىلەن مېنى دەرس ئۆتۈشكە ئۈندەيتى. ئەسلىدە مەن جاننى ئالغۇدەك سېھىرگە ئىگە ئاشۇ كۆزلەر بىلەن كۆزۈم ئۇچرىشىپ قالغان پەيتتىكى تۇيغۇمغا بىرلەشتۈرۈپ «مېھرىبان سەن نېمانداق ئوماق؟ كۆزلىرىڭ نېمىدىگەن سېھىرلىك؟ سەن ئادەمگە نېمانداق ھارەتلىك تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغانسەن؟» دېمەكچى، ئۇنىڭ كىشىنى سېھىرلىگۈچى كۈچكە ئىگە قاپقارا كۆزلىرىگە يېنىش-يېنىشلاپ قارىۋالماقچى ئىدىم. بىراق مېنى ھېچكىممۇ چۈشەنمەيتى. ھەتتا مېنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش نېسىپ بولمىغان، ئايىغى چىقمىغان ئەشۇ گېپىمنى تەنقىد مەنىسىدە چۈشىنىۋېلىپ تاتارغان چىرايىنى مەندىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان گۆدەك قىز مېھرىبانمۇ مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمنى قىلچىلىك چۈشەنمەيتى.
      - شۇنداق بولسۇنمۇ دەيلى، قېنى كىم؟ – «بۇلۇت ئۈستىدە مېڭىپ» دېگۈدەك تۈگەتكەن بۇ بىر سائەتتە ئەنە شۇنداق باش - ئاخىرى ماسلاشمىغان، ئايىغى يوق، چېچىلاڭغۇ گەپلەرنى قىلىپ، بالىلارنى ئالداپ دەرس سۆزلىگەنمۇ بولدۇم. «يىغلايمۇ ياكى كۈلەيمۇ؟ ھەممىسى ئەشۇ ئالقانچىلىك خەتنىڭ كاساپىتى». توختىماي ئۆزۈمگە سۆزلەيتىم. خۇددى بىر يەرلىرىم ئېچىلىپ قېلىپ جىمى خەق ئەشۇ يەرلىرىمگە قاراپ تۇرغاندەك سېزىمدا خۈدۈكسرىگەن پېتىم ئىشخانىغا كىردىم. ھېلىقى كىتابنىڭ - مېنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىمغا سەۋەب بولغان ئەشۇ نەس باسقۇر كىتابنىڭ ئىچىدىكى پۈتۈكچە قىلىپ قاتلانغان خەتنى خۇددى قىپقىزىل چوغنى تۇتقاندەك ئېلىپ تاماكا تۇتاشتۇرغاچ خەتنى ئاچتىم.
      سالام مۇئەللىم.
      سىزنى كۈندە كۆرۈپ تۇرغاچقا خېتىمنى زىيادە ئەھۋال سوراشلاردىن ئازاد قىلدىم. ئەڭ ئاۋۋال سىزنىڭ خېتىمنى غەيرىي ھېس قىلىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. قوللىرىم توختىماي تىترەۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ئويچان كۆزلىرىڭىز بىلەن سىزگە يازغان ئاددىيغىنە خېتىمنى ئېغىر نەپەسلەر ئىلكىدە ئوقۇيدىغانلىقىڭىزنى ئالدىن سەزمەكتىمەن. خۇددى ھازىرلا بىرى كېلىپ مېنىڭ بەڭباشلىقىمنى ئەيىبلەپ تىللاپ كېتىدىغاندەك، خۇددى مەن كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىدەك بىر خىل قورقۇنچ ئىچىدە ئاجىزە قەلبىمدە تۇتاشقان سۆيگۈ ئۇچقۇنلىرىنى قەغەزگە، ياق، سىزنىڭ قەلبىڭىزگە كۆچۈرمەكتىمەن. مۇئەللىم مېنى كەچۈرۈڭ، دۇنيادا ھاياجانلانمايدىغان، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ھېسسىياتقا قۇل بولۇپ كەچمىش بېتىگە يېڭىچە قۇرلارنى يازمايدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمىسا كېرەك. دەل مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا يۈرىكىڭىزنىڭ كىم ئۈچۈن سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىشكە قۇربىم يەتمىسىمۇ، كۆزلىرىڭىزدىن، ئۇرغۇلۇق سۆزلەرگە شاھىت بولغان لەۋلىرىڭىزدىن تۆكۈلۈۋاتقان كىشىنى جەلپ قىلغۇچى خسلەتنىڭ ھىمايىسىدە يەنىلا سىزدىن ئاددىي، ئەمما پاك بولغان تۇنجى قەترە سۆيگۈ گۈلۈمنى ھىدلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلماقتىمەن. مېنى كەچۈرۈڭ مۇئەللىم، ئويچان كۆزلىرىڭىزدىن قەددىڭىز ھەم قەلبىڭىزنىڭ ئېيتىپ بولغۇسىز سۆيگۈ ۋولقانلىرىدا كۆيۈپ، بىر قۇچاق ھەسرەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىش ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك. جاھان قىسمەتلىرىنىڭ چېڭى قونمىغان قەلبىم، يېپيىڭى، غۇنچىدەك دىلىم بىلەن كۆڭۈل جاراھىتىڭىزگە داۋا بولالىسام ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلغان بولاتتىم. مۇئەللىم مېنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيىمەن...
      ھۆرمەت بىلەن: مېھرىبان
      ئورنۇمدا قىمىر قىلماي ئۈن-تىنسىز ئولتۇرىمەن. ئاچچىق تاماكىنى ئۈزمەي شورىماقتىمەن. ئالدىمكى ئۈستەل ئۈستىدە ئوقۇغۇچۇمنىڭ ماڭا يازغان خېتى- ئەمدىلا قىزلىق پەسلىگە ئاياغ باسقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مائارىپ سېپىگە يېڭىلا قېتىلغان، قولىدىن بىر-ئىككى تىزىق لىرىكا يېزىش ۋە راست – يالغاننى ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇپ سۆزلەشتىن باشقىسى كەلمەيدىغان تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمىگە يازغان «سۆيگۈ خېتى» كۆزگە چېلىقىدۇ. مېڭەم خۇددىي ھازىرلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلىپ ئاغرىماقتا، نېرۋامغا جىمى نەرسە ئۆز ئەسلىنى يوقاتقاندەك تۇيغۇ بەرمەكتە. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ خەتنى كۆيدۈرۈۋېتىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋالامدىم؟ ياق! دائىم ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل تۇيغۇدا سوقۇپ تۇرىدىغان يۈرىكىم ھامان بۇ سىرنى ئاشكارىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا مەنمۇ سۆيەتتىم، بىراق ئىككىمىز ئىككى خىل يولدىكى ئادەم، سەن دېگەن ئوقۇغۇچى، مەن بولسام ئوقۇتقۇچى دەيمۇ؟ ياق! ئۇنداقتا ئاجىزە قىزنىڭ يارا بولغان يۈرىكىگە تۇز سېپىۋەتكەن بولمامدىم. ئۇنىڭغا قاملاشتۇرۇپ بىر پارچە خەت يېزىپ سۆيگۈ تەلىپىنى قوبۇل قىلايمۇ؟ بۇنىڭدا ئەسلا بولمايدۇ. بۇ مېنىڭدەك كەسپىنى ۋىجدانى بىلەن تەڭ ئورۇندا ئۆلچەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلىقنى مەڭگۈلۈك كەسىپ قىلىپ تاللىۋالغان بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق مىزانىغا ياتمايدىغان بىر ئىش. كۈنلەرنىڭ شۇ تەرىقىدە ئۆتۈشى مېنىڭ «تۇزغا چىلانغان» يارا قەلبىمنى تېخىمۇ قىيناپ باراتتى. مەن نېمە قىلىشىمنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتاتتىم. ئۇلارنىڭ سىنىپىغا، ماڭا «جەننەت» ھەم« دوزاخ» نى بىر مەھەل ئەسلىتىپ ئۆتىدىغان ئەشۇ سىنىپقا دەرسكە كىرگۈم بولمىسىمۇ زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت تۈپەيلى ھېچ ئىش بولمىغاندەك دەرسكە كىرىۋەردىم. ھەپتە ئاخىرى ئىشخانىدا ماتېرىياللىرىمنى رەتلەش بىلەن بەنت بولۇۋېتىپ، تۇيۇقسىز يەنە ھېلىقى خەت قىستۇرۇلغان كىتابقا كۆزۈم چۈشۈپ خىيالغا كەتتىم... شۇ ئەسنالاردا تېلېفونۇممۇ سايرىغاندەكلا تۇيۇلدى...
      - ۋەي، تىنچلىقمۇ؟
      - مۇئەللىم، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مەن مېھرىبان.
      يەنە شۇ تونۇش ئاۋاز، يەنە شۇ تونۇش تاۋۇشلار... ئۇ مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇمنى قانداق بىلگەندۇ؟
      - ھە... مېھرىبان، گەپ بارمىدى؟
      - ئەتە شەنبە، ۋاقتىڭىز بولسا ئايلىنىپ كەلسەك دېگەنىدىم.
      - ئەتە... قېنى ئەھۋالغا قاراپ باقاي، زۆرۈر ئىشىم چىقىپ قالمىسىلا چوقۇم بارىمەن.
      - ئۇنداقتا ئەتە سىزنى مەكتەپنىڭ يېنىدا ساقلايمەن.
      - ياق!ياق! ھېلىقى سۆگەتلىك كوچىدا ساقلىغىن.
      - ھە بولىدۇ، ئەمىسە شۇ يەردە سىزنى كۈتىمەن.
      تېلېفوننى قانداق ھودۇقۇش ئىچىدە ئالغان بولسام شۇنداق ھودۇقۇش ئىلكىدە قويۇۋەتتىم. ئەشۇ يېشىل كونۇپكا ماڭا خۇددى مېنى تۈگەشتۈرۈپ بۇ ئالەمدىن يوق قىلىۋېتىدىغاندەك تۇيغۇغا باشلىغان بولسا، قىزىل كونۇپكا ماڭا يېڭىچە بىر بەختنى ئاتا قىلىدىغاندەك، مېنى تۈگىمەس خۇشاللىق قوينىغا باشلايدىغاندەك تۇيغۇدا تەۋرەتمەكتە ئىدى. موتوسىكىلىتىمنى ھەيدەپ سۆگەتلىك كوچىغا قاراپ مېڭىۋاتىمەن. كۆز ئالدىمدا زور ئۈمىدلەر ئىچىدە مېنى كۈتۈۋاتقان مېھرىبان، مېنى ئوراشقا تەييار تۇرغان ھەر قەترە سۆيگۈ. ئەنە يىراقتىن ئۇنىڭ كىچىك گەۋدىسى كۆرۈندى. ئۇنىڭغا بارغانسېرى يېقىنلاپ بارماقتا ئىدىم. ئۇ بۈگۈن شۇنداق چىرايلىق ياسانغان بولۇپ، خۇددى يېڭىلا ئېچىلغان ئەتىرگۈلگىلا ئوخشاپ قالغانىدى.  
      - خېلىلا بالدۇر كەلگەنمىدىڭ؟
      - ياقەي، ھېلىلا كەلگەن، مەن تېخى سىزنى كەلمەسمىكىن دېگەنتىم.
      - مەن ۋەدە قىلغان ئىشىمنى چوقۇم قىلىمەن. قەيەرگە بارغۇڭ بار؟
      - دەريا بويىغا، بولامدۇ مۇئەللىم؟
      - سوغۇقتا دەريا بويىدا نېمىمۇ قىلارمىز؟
      - مېنىڭ بارغۇم بار ئىدى...
      - ئىختىيارىڭ، بارساق بارايلى.
      ئوقۇغۇچۇمنى، مېنى ھەر قاچان سۆيگۈ قىسماقلىرىدا قىينىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان ئوماق ئوقۇغۇچۇم مېھرىباننى موتۇسىكىلىتقا مىنگەشتۈرۈپ بازارنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى دەريا بويىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن. قىزنىڭ ئەمدىلا يېتىلىشكە باشلىغان يۇمشاق كۆكسى دۈمبەمگە پات - پاتلا تېگىپ قويىدۇ – دە، تەن - تېنىمگە ئىللىق بىر سېزىم تارايدۇ. مەن موتوسىكلىتنى شۇنداق تېز ھەيدەپ كېتىۋېتىپمۇ خىياللىرىمنى قانات قاقتۇرۇپ باقتىم. مېنىڭ قىلىۋاتقانلىرىم شەك - شۈبھىسىزكى بىر ئەخمەقلىق. لېكىن، جاراھەتلەنگەن قەلبىمدە كۆبجۈپ تۇرغان بىر ئىلھام مېنى مۇشۇنداق يولغا باشلىماقتا، مەن ئازماقتىمەن.
      - ئېقىننىڭ ئايىغىغا بارايلى مۇئەللىم، ئۇ يەردە شۇنداق گۈزەل بىر ساھىل بار.
      مەن موتوسىكلىتنى ئۈن - تىنسىز ھالدا مېھرىبان كۆرسەتكەن تەرەپكە ھەيدىدىم. راست دېگەندەك ئېقىننى بويلاپ تۆۋەنگە بىر كىلومېتىرچە ماڭغاندا سۈيى تارتىلىپ ئەتراپىغا قومۇش، چاتقاللار ئۆسكەن،  قۇرۇپ كەتكەن چىملار ئۆزگىچە گۈزەللىك بېغىشلاپ تۇرغان ساھىل بار ئىكەن. مەن دەسلەپ مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم، كېيىن ئاستا - ئاستا ئېسىمگە كېلىپ موتوسىكلىتىنى توختىتىپ قويۇپ ساھىلغا چۈشتۈم، مېھرىبان ئاللىقاچان ئېقىن قىرىغا بېرىپ بولغان بولۇپ، مۇز تۇتۇپ كەتكەن دەرياغا تىكىلىپلا قالغان ئىدى.
      - خىيالچانغۇ سەن؟
      - قاراڭ مۇئەللىم، بەزىدە قەلبىمنى مۇشۇ دەريادىكى مۇزلاردەكلا قېتىپ قالسىكەن دەيمەن.
      - نېمىشقا؟
      - سۆيگۈمنىڭ بالدۇرلا باشلىنىپ قالغانلىقىغا ئۆزۈممۇ ھەيران؟
      - سېنىڭچە سۆيگۈ دېگەن نېمىدۇ؟ ئۇ سوئالىمغا ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپمۇ قويماي، مېنىڭ دىققەتسىزلىكىمدىن، ياق، تەلەيلىك ئىكەنلىكىمدىن پايدىلىنىپ، ئاۋۋال مەڭزىمگە ئاندىن لېۋىمگە لېۋىنى باستى، يۇمران لەۋلەرنىڭ شېرىن ھىدى خۇددى ئەتىر ھىدىدەك دىماقلىرىمغا، قانلىرىمدا تېپچەكلەپ تۇرغان ھاياجىنىمنىڭ كونترول مەركىزىگە تاراپ باردى.
      - مېنىڭچە سۆيگۈ پەقەت چىن قەلبىدىن سۆيۈش بولسا كېرەك مۇئەللىم.
      - مېنى مۇئەللىم دەپ چاقىرىۋېرىشنى ئارتۇقچە ھېس قىلمىدىڭمۇ؟
      - ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، سىز مەڭگۈ مېنىڭ مۇئەللىمىم.
      - مېھرىبان، ساڭا مەستلىكىم كېلىدۇ سىڭلىم.
      - قانداقسىگە؟
      - سەن كىمنى ياخشى كۆرگۈڭ كەلسە كۆرۈۋېرىسەن، بىراق مەن...
      - ھا ھا ھا، سىزدىكى سۆيۈش ھوقۇقىنى تېخى بىرى تارتىۋالغىنى يوققۇ؟
      - ھەي ئېسىت... مېنىڭ ئوقۇتقۇچى، سېنىڭ ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغىنىڭنى قارىغىنا، پەقەت مۇشۇلا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا كولانغان بىر ھاڭ...
      - دېمەك سىزمۇ؟...
      - بولدى، سۆزلىمە...
      مەن يىراقلارغا كۆز تاشلىدىم. تىپتىنچ ياتقان دالا، يېغىپلا ئېرىپ كېتىۋاتقان قارنىڭ خىسلىتىدىن يۇيۇلۇپ كەتكەن گىياھلار، تىرەكلەر ئۇچىدا ئاندا-ساندا كۆرۈنىدىغان قاقشال يوپۇرماقلار... مېنىڭ كەتكۈم بار، ئۇنى ئېلىپ يىراقلارغا، ئادىمىزات يوق يالغۇز جايلارغا كەتكۈم، ئۆڭكۈرلەردە ياشىساممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەختىمنىڭ زەررىچىلىك ئىللىقلىقىنى بولسىمۇ ھېس قىلىپ باققۇم بار. بىراق ئۇنىڭغا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغان «سۆيگۈ» دېگەن بۇ سۆز ھەم ئوبيېكت ئاللىقاچان ئۇنىڭ ئەمدىلا يېتىلىشكە باشلىغان مېڭىسىدە ئۆز ئورنىنى تېپىپ بولغان بولسىمۇ، ئۇ تېخى ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، ئىزدىنشكە مۇھتاج بىر قىز ئىدى. مەن مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە جازا مەيدانىغا يالاپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقان بىر جىنايەتچىدەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم. مەن ھازىرلا يىغلىۋېتىشكە، ئارقامدا ماڭا قاراپ تەلمۈرۈپ تۇرغان قىزغا ئۆزۈمنى ئېتىپ يىغلىۋېتىشكە تەييار ئىدىم. دىققىتىمنى يىغدىم. ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئۇنى ئۆزۈمگە تارتتىم. ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاپئاق قوللىرىنى، ئاندىن ئۇنىڭ تېقىمىدا سويلاپ تۇرغان قاپقارا چاچلىرنى تويماي سىيلىدىم. تەنلىرىمىز جىپسىلاشتى، لەۋلىرىمىز جۈپلىشىشتىن ئوت ئالدى... مەن ھەممىنى ئۇنتۇشقا ئۇرۇندۇم. ئۇمۇ شۇنداق تۇيغۇغا كەلگەندەك كۈچلۈك بىلەكلىرىم ئارىسىدا يىلاندەك تولغانماقتا ئىدى... تېلېفونۇم قاتتىق سايرىدى. چۆچۈپ ئەتراپىمغا قارىدىم. قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئىشخانا ئىچىدە ئۆزۈمنى خۇددى تۈرمىگە تاشلانغان مەھبۇستەكلا سېزىۋاتاتتىم. مېھرىبان بىلەن دەريا بويىغا سەيلىگە بارغان شېرىن خىياللىرىم مېڭەمدە ئاجىز ھالدا ئەكس ئېتىشكە، قانداق تېز ئەكس ئەتكەن بولسا شۇنداق تېز تېلېفونۇمنىڭ ئەنسىز ئاۋازىغا قېتىلىپ يىراق - يىراقلارغا تاراشقا باشلىدى...تېلېفونغا قارىدىم، يەنىلا بىر ناتونۇش نومۇر، ناتونۇش سېزىم...
      - ۋەي، سىز كىمۇ؟
      - مۇئەللىم بۇ مەن، مېھرىبان...
      2012 - يىلى 9 - مارت (چارەك)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-27 15:11  


Rank: 6Rank: 6

تىللا
491
تۆھپە
306
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېيىشىمنى پەقەت بىلمىدىم ، ئۆزۈمنى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقتىم ، ھــــــــــەي ، نېمىلا دېمىگەن بىلەن كىچىڭ بالىدە .


Rank: 1

ئىسىمى
يەكشەنبە @.
تىللا
8
تۆھپە
5
UID
9739
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە قىقەتەتەن  ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن گەرچە چۈشەنمىسەممۇ!....


Rank: 1

ئىسىمى
يەكشەنبە @.
تىللا
8
تۆھپە
5
UID
9739
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە قىقەتەتەن  ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن گەرچە چۈشەنمىسەممۇ!....


Rank: 1

ئىسىمى
يەكشەنبە @.
تىللا
8
تۆھپە
5
UID
9739
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-3-27 15:45
نېمە دېيىشىمنى پەقەت بىلمىدىم ، ئۆزۈمنى شۇ ئوقۇتقۇچىن ...

بۇنداق ئىشنى راسلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمە.....؛


Rank: 1

ئىسىمى
يەكشەنبە @.
تىللا
8
تۆھپە
5
UID
9739
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-3-27 15:45
نېمە دېيىشىمنى پەقەت بىلمىدىم ، ئۆزۈمنى شۇ ئوقۇتقۇچىن ...

بۇنداق ئىشنى راسلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمە.....؛


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا  چۈشىنىكسىز سۆز بوپ قالدىمۇ قانداق،،،،،،،،،


Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
46
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى ۋاششاڭ قېلىۋېتىپسىلەرغۇ، ئۇقۇماي چۈشەنمەيلا قالايمىقان ئىنكاسلارغا توشقۇزىۋېتىپسىلەرغۇ، مەنمىغۇ ئوقۇمىدىم بولمىسا!!!!!!!!!!!!


Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
46
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ-مۇھاببەت توغرىسىدىكى بۇنداق ئوزۇن ھىكايىنى دىمىسىمۇ كىممۇ خوشيېقىپ ئوقۇسۇن!  خەلقىمىزگە ھازىر سۆيگۈ-مۇھاببەت توغرىسىدىكى بىر تاغار ۋاي-توۋىدىن،  ئەمىلىيرەك بولسا ئەۋزەل!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
833
تۆھپە
740
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز  بەك يارىشىپتۇ جۇمۇ....پاۋۇل كورچاگىن...ئەپەندىم،،،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-31 20:44, Processed in 0.082438 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991