مەن سەھرا –قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن بىلقىز سۇلايمان

مەن سەھرا –قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، بېدە – كۆك تەرگىلى بېرىپ باقمىدىم. كۆك چامغۇر، كۆك غورا، ئاشكۆكى سېلىپ، يا ئوماچ، يا يوبدان ئېتىپ باقمىدىم.
مەن سەھرا-قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، توپىلىق يوللاردا مېڭىپ باقمىدىم. تاڭ سەھەر ئېچىلغان قىزىلگۈللەردىن، مەستخۇش بوپ قۇلاققا قىسىپ باقمىدىم.
مەن سەھرا –قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، ئېتىمنى قىيغىتىپ مېنىپ باقمىدىم. بوز قوينى يېتىلەپ قوزىسى بىلەن، جاڭگالدا بىرەر كۈن بېقىپ باقمىدىم.
مەن سەھرا-قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، تونۇرنىڭ كۈلىنى ئېلىپ باقمىدىم. قىزىتىپ يۇلغۇننىڭ كۆتەكلىرىدە، مەزىلىك زاغرامنى يېقىپ باقمىدىم.
مەن سەھرا-قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، ئېتىزدىن خېنىگۈل ئۈزۈپ باقمىدىم. بېغىمدا ئۆستۈرگەن پىيىزىم بىلەن، ئوچاققا كۆمەچمۇ كۆمۈپ باقمىدىم.
مەن سەھرا-قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، ئېتىزغا بىر تال دان چېچىپ باقمىدىم. ئوت ئوتاپ، قىغ قۇيۇپ ئېتىز بېشىدا، قانغۇدەك بىر كەتمەن چېپىپ باقمىدىم.
مەن سەھرا –قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، ھېيتلاردا ئۆي، كىگىز قېقىپ باقمىدىم. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ تۇپراق بېشىغا، ئايەمدە گۈل ئېلىپ چىقىپ باقمىدىم.
مەن سەھرا- قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، موزاينى ئېڭىزدا بېقىپ باقمىدىم. تاڭ سەھەر تولدۇرۇپ يوغان چىلەككە، كالامنى زوق بىلەن سېغىپ باقمىدىم.
مەن سەھرا –قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، كۆكباشنى شېخىدىن ئېلىپ باقمىدىم. پىشۇرۇپ تاۋلانغان جىگدە چوغىدا، مەززە قىپ بىرەر رەت تېتىپ باقمىدىم.
مەن سەھرا –قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، قوغۇننى پىلەكتىن ئۈزۈپ باقمىدىم. تېتىدىم يېزامنىڭ گۈلە-قېقىنى، چېچەكنى بىرەر رەت كۆرۈپ باقمىدىم.
مەن سەھرا –قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، يەڭ تۈرۈپ ئورمىنى ئورۇپ باقمىدىم. ئالتۇن دان ــ رىسقىمنى ئىستەپ ئەل بىلەن، چەش قىلىپ خاماننى سورۇپ باقمىدىم.
مەن سەھرا-قىشلاقتا تۇغۇلغان بىلەن، قەدىمىي قوشنامنى يوقلاپ باقمىدىم. ئېتىلمەس ئىشىكتىن كىرىپ بىمالال، تەۋەرۈك چېيىدىن ئوتلاپ باقمىدىم.
تۇرساممۇ گەر ئۆزۈم يىراق شەھەردە، ئانا يۇرت مېھرىڭنى ئۇنتۇپ باقمىدىم. بارساممۇ ھەر يىلى جەننەت قوينۇڭغا، ھىدىڭغا بىرەر رەت قېنىپ باقمىدىم.
2011.2.20 ئۈرۈمچى
مەنبە :ئۆزۈم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-27 13:22
|